- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-28
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 43سائەت
- جۇغلانما
- 1664
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 208
- تېما
- 115
- توردا
- 43سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 208
- تېما
- 115
|
ئۈچ يىل ئىلىگىرى،دادام بىلەن ساياھەتكە چىقىتىم، چۈش ۋاقىتى بىلەن تاغلىق كەنتتىكى كىچىك بازارغا يېتىپ كېلىپ،غىزالىنىش ئۈچۈن بىر كىچىك ئاشخانىغا كىردۇق.
ئاشخانىدا ئادەم كۆپ ئىدى.چەتتىكى ئۈستەلدە بىر ياش ئانا بالىسىنى قۇچقىغا ئېلىپ،تاماق يېگۈزۈۋاتاتتى،ئۇنىڭ يېنىدا بوش ئورۇن بولغاچقا،بېرىپ ئۇنىڭىدىن؛(بۇ يەردە ئولتۇرساق بولامدۇ؟)دەپ سورىدۇق. ئۇ كۈلۈمسېرەپ بېشىنى لىڭىشىتتى.
ئۇ ئانا بالىسىنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن بەزىلەرگە تاماق يېگۈزۈۋاتاتتى.بالا 2-3ياشلاردا بولۇپ،تولىمۇ ئوماق ئىدى.ئۇ ئېغىزىنى قۇچقاچ بالىلىرىدەك يوغان ئېچىپ ئانىسىنىڭ قوشۇق بىلەن بىر نەرسە يېگۈزۈپ قويۇشىنى كۈتەتتى.مەن ئانىنىڭ ھەرىكىتىگە بىر ئاز ھەيران بولدۇم.ئانا بالىسىنى سول تىزىغا قويۇۋېلىپ ،ئىككى قولىدا قۇچاقلىۋالغانىدى،ئانا ئېغىزى بىلەن قوشۇقنىڭ سېپىنى چىشىلەپ،ئۈستەلدىكى قاچىدىن قوشۇققا تاماق ئۇسىسۇپ،ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بالىسىنىڭ ئېغىزىغا سېلىۋاتاتتى.دەسلەپتە مەن ئۇنى بالسىغا قىزىقىچىلىق قىلىپ بىرىۋاتقان چېغى ،دەپ ئويلاپتىمەن،ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بۇنىڭىدا باشقىچە بىر سەۋەبنىڭ بارلىقىنى بىلىدۈرۈپ تۇراتتى.مەن ئۇ ئانىدىن ئۇدۇللا سوراشنى بىئەپ كۆرۈپ ،تاماق يېگەچ ئۇنىڭىغا دىققەت قىلدىم.بىلىدىمكى ،ياش ئانىنىڭ قولىدا ھېچ قانداق مەسىلە يوق ئىدى.
داداممۇ بۇ ياش ئانىنىڭ چۈشىنىكسىز ھەرىكىتىنى بايقاپ ئۇنىڭىدىن نېمىشىقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدى.توساتتىنىلا مەن ھەيران قالارلىق بىر ئىشىنى ،يەنى بالىنىڭ ئىككىلا بىلىكىڭىنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ قالدىم.مەن دادامنىڭ بېشىنى ئاستا تارتىپ تۇرۇپ ئىشىارەت قىلىدىم.ياش ئانا بالىسىغا تاماق يىگۈزگەچ ۋە بالىسىدىن كۆزىنى ئۈزىمەي ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا مۇنداق دېدى؛
-بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر قېتىمىلىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىدە ئۇ ئىككى بېلىكىدىن ئايرىلىغان،بالىنىڭ دادىسى ئوغلىمىزغا (دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق سۈنئىي قول)نى سەپلەپ بېرىش ئۈچۈن،سىرتقا پۇل تاپقىلى كەتتى.(دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق سۈنئىي قول!)ياش ئانا بۇ سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى.مەن يەنىلا چۈشىنەلمەي سورىدىم؛
-ئەمسە،نېمىشىقا قوشۇقنى قولىڭىزدا تۇتماي ئېغىزىڭىزدا چىشلەپ تۇرۇپ بالىغا تاماق يېگۈزىسىز؟
-ئوغلۇم ھادىسىگە ئۇچرىغان چاغدا،تېخى ئېسىنى بىلمەيتتى،دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ،-ئۇنىڭ بېشىدا قانداق كۈنلەر بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما، ئۇ بىر ئۆمۈر سۈنئىي قولغا،ئېغىزىغا ۋە پۇتىغا تايىنىپ ياشىشى كېرەك. ئانا بولۇش سۈپتىم بىلەن ئۇنىڭىغا ھازىرغىچە بۇ ئازابنى بىلىدۈرمەسلىكىم،باشقا بالىلارغا ئوخشاش خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشتۈرۈشۈم كېرەك.مەن يەنە ئۇنىڭىغا ئېغىز ئارقىلىقمۇ نۇرۇغن ئىشىلارنى قىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈم كېرەك.دەسلەپتە مەنمۇ بۇنىڭىغا كۆنەلمىگەنىدىم،كېيىنچە ئۆگىنىپ كەتتىم.بالىمۇ كۈندە يېنىمىدا بولغاچقا.ماڭا قاراپ مېنى دوراپ ئۆگىنىۋاتىدۇ.بالامىنىڭ ئالدىدىلا بولسام ئىشىلار ئامال بار ئېغىزىمىدا قىلىمەن،ھازىر ئۇ ئېغىزى ىبلەن نۇرغۇن ئىشىلارنى قىلىشىنى ئۆگىنۋالدى.
-مەن چوقۇم ئۇنىڭ چىشىنى ئاسىرىشىم كېرەك.-ئۇ شۇنداق دېگەچ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى.مەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدىم؛ئانا بالىسىنى ئېلىپ چاققانلىق بىلەن بالىلار ھارۋىسىغا سالدى،ئارقىدىن ئېغىزى بىلەن ئۈستەلدىكى قاچىلارنى يىغىشتۈردى.ئاندىن چىشى بىلەن سومكىسىنى چىشلەپ،كۈچەپ ئايلاندۇرۇپ مۈرىسىگە چىقاردى.ئۇ بالسىغا قاراپ؛
-بوۋاڭ،ھەدەڭگە خوش دېگىن!-دېدى.بالا ئوماق،چۈچۈك تىللىرى بىلەن بىزگە قاراپ؛(خوش)دېدى.ئانا ئوغلىغا يەنە بىر نېمىلەرنى دېگىنىچە،بۇرۇلۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ئانا-بالىنىڭ خۇشال-خورام ھالتىگە قاراپ بۇ ئانىغا بولغان قايىللىقىم،ھۆرمتىم ھەسىسىلەپ ئاشتى.ئاددىي،ئەمما نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئانا -ھە!
ئاپتۇرى ساتتار غوپۇر قەلەميار
|
|