ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر خوتۇن قوبۇل قىلىش ئمتىھانى
كۆرۈش: 617|ئىنكاس: 26
go

خوتۇن قوبۇل قىلىش ئمتىھانى  

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
486 
تېما
132 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىزاھات:
1) مەزكۇر قەغەز دۆلەتلىك ئەرلەرنىڭ خوتۇن قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھان قەغىزى بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونۇم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر. شىياڭگاڭ، ئاۋمىن ئالاھىدە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) لەرنىڭ ھەممىسى ئۇشبۇ ئىمتىھان سۇئالىنى ئىشلىتىدۇ. ئۆز ئالدىغا سۇئال چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
2)قانۇندا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ نىكاھلىنىشى قانۇنلۇق دەپ بەلگىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن،
تىزىملىتىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئايال بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئەرلەر تىزىملاتماقچى بولسا، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسى قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
3) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ۋاراقچە ئېلىپ كىرىشكە، ئۆزئارا پىچىرلىشىشقا، قەغەز ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ توي قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش، مەجبۇرى ھالدا كەمبەغەل بىلەن مۇھەببەتلىشىش، ھورۇن ئەرگە تېگىش قاتارلىق جازالار بېرىلىدۇ.
4) ئىسىم فامىلە قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلار تىكىش سىزىقىنىڭ ئىچىگە يېزىلىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى چاپلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. چىرايلىقلار چىرايىنى بالدۇر ئاشكارىلىۋەتسە لۈكچەكلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن، سەتلەر بالدۇر ئاشكارىلىۋەتسە مۇھىتنى بۇلغاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.
ئىسىم فامىلىڭىز:------------
جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسى قىلىپ باققانمۇ-------
توي قىلىش ياكى مۇھەببەتلىشىش تارىخىڭىز بولغانمۇ------------
كىنىشكا نومۇرىڭىز------------

--------------تىكىش سىزىقى----------------------------------
1. يولدىشىڭىز بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا قانداق سوۋغا تەلەپ قىلىسىز؟
A. ئۇنىڭ يانچۇقىغا قاراپ ئىش تۇتىمەن B. بىر تال قىزىلگۈل
C.ئورالغان 999 دانە قىزىلگۈل D. ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك، LV نىڭ سومكىسى، ماشىنا قاتارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى
E. ھېچنىمە تەلەپ قىلمايمەن.
2. سىزنىڭچە توينىڭ ھەشەمەتلىك دەرىجىسى سىلەرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىڭلارغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
A. يەتكۈزىدۇ B. يەتكۈزمەيدۇ C.بىلمەيمەن

3. خىزمەتدىشىڭىز قىممەت باھالىق قۇندۇز تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلتۇ ئالدى. ئۇنداقتا سىز:
A. ئەھۋالنى يولدىشىمغا دەيمەن B. كۆڭلۈمدە مەنمۇ ئالسامكەن دەپ ئويلايمەن
C. يولدىشىمغا ماڭىمۇ بىرنى ئېلىپ بېرىڭ دەيمەن. D. كارىم بولمايدۇ.

4. بەك ھېرىپ كەتتىڭىز، يولدىشىڭىز ئىشتىن كەلدى. تاماق ئېتىش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟
A. يولدىشىمغا ھارغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئۇنى تاماق قىلىڭ دەيمەن.
B. ھارغان بولساممۇ ئۆزەم ئېتىمەن.
C. بىللە تاماق قىلايلى دەيمەن.
D. كارىم بولماستىن سافادا يېتىۋېرىمەن.
5. يولدىشىڭىز دائىم ئۇزۇن مۇددەتلىك كاماندىروپكىغا چىقىدۇ، ئۇنداقتا سىز:
A. كۈندە تېلىفوندا سىردىشىمەن
B. ئۈچ-تۆت كۈندە بىر دوستلىرىم بىلەن ئويناپ كېلىمەن.
C. پات-پات ئاپامنىڭكىگە ياكى قېينىئاپامنىڭكىگە بارىمەن.
D. ئۆزەم يالغۇز ئۆيدە بالا بىلەن ئولتۇرىمەن.

6. خىزمەت ئىشىڭىزدا ياكى ئۆزىڭىزنى ئىشىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ئالدى بىلەن:
A. يولدىشىمغا ئېيتىپ ياردەم سورايمەن.
B. رەھبەرگە ئېيتىمەن.
C.خىزمەتدىشىمغا ئېيتىمەن.
D. ھېچكىمگە دىمەستىن ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن.

7. يولدىشىڭىز بىلەن سوقۇشۇپ قالسىڭىز:
A. ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمايدۇ.
B. ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن تېلىفون قىلىشىنى ساقلايمەن.
C. ئاكتىپلىق بىلەن يارىشىپ قالىمەن.
D. باشقىلارغا دەردىمنى تۆكۈپ بېرىمەن.
E. ئاتا-ئانامغا ياكى قېيناتا قېينىئاپىلىرىمغا داتلاپ بېرىمەن.

8. يولدىشىڭىزنىڭ يانفونىدا ئايال كىشىدىن كەلگەن سىرلىق ئۇچۇرنى بايقاپ قالسىڭىز:
A. يولدىشىمدىن كىملىكىنى، نېمىشقا بۇنداق ئۇچۇر قىلىدىغانلىقىنى سورايمەن.
B. كۆرمىگەنگە سالىمەن، ئەمما كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويىمەن.
C. كارىم بولمايدۇ، نىمە قىلسا قىلسۇن.
D. يولدىشىمنى دەرھال تېلىفون ئۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇرلايمەن.
E. يولدىشىمنى تالاغا قارىدىڭ دەپ قاتتىق سوقۇشىمەن.

9. سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز:
A. تېلىۋىزور كۆرۈش
B. پوپايكا توقۇش
C. گازىر چېقىش
D. كىتاب ئوقۇش
E. بازار ئايلىنىپ نەرسە كېرەك سېتىۋىلىش
F. كۆپ خىل.

10. يولدىشىڭىزنىڭ مەبلەغنى خاتا سالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىڭلاردا مەسىلە كۆرۈلسە:
A. يولدىشىمغا ياردەملىشىپ پۇل يىغىپ، ھەممىنى قايتىدىن باشلايمەن.
B. ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئۆي تۇتۇپ پۇل يىغىمەن.
C. يولدىشىمنى قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ مەسخىرە قىلىپ سوقىشىمەن.
D. يىگۈم كەلگەننى يەپ، كىيگۈم كەلگەننى كىيىپ يۈرىۋېرىمەن.
E. يولدىشىمدىن ئايرىلىپ پۇلى بار بىرىنى تاپىمەن.

11. ئەگەر قوشنىڭىزنىڭ بالىسى سىزنىڭ بالىڭىزنى ئۇرىۋالسا:
A. بالىغا تەسەللى بېرىپ، ئەھۋالنى سوراپ، بۇندىن دىققەت قىلىشنى ئېيتىمەن.
B. بالامنى دۈشكەللەپ، ئىككىنچى قوشنىمىزنىڭ بالىسى بىلەن ئوينىما دەيمەن.
C. قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە داۋلىلاشقىلى بېرىپ، كەچۈرۈم سورىغۇزىمەن.
D. يولدىشىمنى، ئۇرۇق تۇققانلىرىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇرىشىمەن
E. بالامغا چوڭ بولغاندا يامان ئادەم بولۇپ ئۇرىۋال دەپ تەربىيە قىلىمەن.

12. ئەگەر ئىككىڭلار لاتارىيە ئېلىپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپ قالسا:
A. ماشىنا ئېلىپ يېڭى ئۆيگە كۆچىمەن.
B. قىممەتباھالىق بۇيۇملارنى ئالىمەن.
C. مەبلەغ سالىمەن.
D. كېيىنچە ئىشلىتىش ئۈچۈن بانكىغا قويۇپ قويىمەن.
E. ئۇرۇق-تۇققانلىرىمغا قۇتقۇزۇش پۇلى قىلىپ بېرىمەن.
F. ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىمەن.

[ تۈگىدى. ئىمتىھان ۋاقتى 2كۈن. ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىۋىتېلىدۇ.]

مەنبە شىنجاڭ لىينىسى مۇنبىرى ‹‹ باش مەنبە:رىتىم مۇنبىرى››
مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە يوللاپ قويدۇم،مۇنبەرداشلارنىڭ سەۋەنلىك بولسا ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (باغۋەن
)



توردا
206سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1178 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا ھا .... نىمانچە قىزقارلىق......‹‹خوتۇن قوبۇل قىلىش ئمتىھانى››

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋىيەي تېخى ... ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرمەڭ جۇمۇ...ئىمتاھان ئېلىپ قوبۇل قىلارمىش تېخى.. بوپتۇ..شۇنداق بولسىمۇ مەن ئىشلەپ باقاي...
BADCAACAFAAD
ماڭا نەچچە نۇمۇر قويارسىزكىن؟ كۆرۈپ باقاي...

توردا
275سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1050 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەردىقى قىزلار كۆرسە بولمايدىغان تىمىكەنتۇق،ھەممىسى قەغەزلىرىنى ئىلىپ ماڭدىغان بولدى دە

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەگەر مەن خۇتۇن ئېلىپ قالسام يەنە بىر قانچىنى قۇشۇپ قويىمەن ئىمتىھان سۇئالىدىن

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانداق قىزىق ئىمتاھان بۇ . مەن بۇنداق ئىمتاھان بارلىقىنى ئەجەپ بىلمەيدىكەنمەن.

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ماۋۇ ئىمتىھانغا قاتناشمىساممۇ بولغۇدەك

باھا سۆز

hunter01 ئۆتەلمەسلىكتىن قورقۇپسىز - دە! يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 18:54

Rank: 8Rank: 8

توردا
325سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
781 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 23:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئەسلى قىزىقارلىق بولسۇن دەپ يوللاپتىكەنسىزدە،مەن تىخى ھازىر راست شۇنداق قائىدە چىققان ئوخشايدۇ دەپ تاس قاپتىمەن ئىشىنىپ كەتكىلى،ئاخىرىغىچە ئوقۇمىغان بولسام بەلكىم ئىشىنىپ قالاركەنمە~!

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 11:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنتاھاندىن ئۇتەلىگەن كىزلار بارمۇ شۇنداك كېز بولسا ماگا لازىم ئىدى

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 11:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سۇمەييە سىز ئۇتەلىگىدەك تۇرامسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:03

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.