- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 42سائەت
- جۇغلانما
- 1625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 205
- تېما
- 112
- توردا
- 42سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 205
- تېما
- 112
|
(مەن)بىلەن(بىز)سۆزى جايىدا ئىشتلمىسە كىشىلىك مۇناسىۋەت،خىزمەت،تۇرمۇش جەھەتلەردە ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلۈپ ئىشىلارنى ئوڭۇشلۇق ھەم راۋان يۈرۈشىشىگە ئوخشىمىغغان دەىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ ئىككى سۆزنى جايىدا ئىشىلەتمەسلىك قارىماققا كىچىك مەسىلىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن،گېزى كەلگەندەك چوڭ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
(مەن )سۆزى بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان خاس ئوقۇم بولۇپ،بۇ بىر تەرەپتىن مەزكۇر كىشىنىڭ ئۆزىگە نىسىبەتەن ئىشەنچىسىنىڭ كۈچلۈك،مۇستەقىللىق ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.دېمىسىمۇ ئادەمدە بۇ خىل روھ كەمچىل بولسا ئۆز ئالدىغا بىرەر ئىشىنى مۇستەقىل ئېلىپ بارالمايدىغان،ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا قارايدىغان،تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقىتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئۆزلۈك ئېڭى سۇس ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى جانسىز،ئىجادچانلىق تۇيغۇسى كەمچىك بولۇپ يېڭلىق يارىتشقا ئاسانلىقىچە جۈبرئەت قىلالمايدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن(مەن)سۆزى مەزكۇر شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.ئادەمدە سەخسىيەتچىلىك ئېڭى كۈچىيىپ كەتسە ئەقىل كورلىشىپ ئەسەبىي ھېسىيات قۇتراشقا باشلايدۇ-دە،ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا ئۇرىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
(بىز)سۆز كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارە بولۇپ،ئەگەر مەزكۇر كىشى ھەممىدىن قارا قۇيۇق بۇ ئىبارىنى ئىشىلەتسە ئۇنىڭ ئۆزلۈككە نىسبەتەن ئىشەنچىسىنىڭ كەملىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن شۇ كىشىنىڭ كوللېكتپىنىڭ ئەمگىكىنى،ئىجتىمائىي توپنىڭ رولىنى ھۆرمەت قىلىشىتەك ئاممىۋى مەيدانىنى،ھەممىدىن كۆپنى نەزەردە تۇتىدىغانلىقىدەك كەمتەرلىكىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ مۇتلەق شۇنداق دېگەنلىك ئەمەس.چۈنكى ئادەمنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسى تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ،كۆڭلىدە زادى نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى،قانداق غەرەزدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە قانداق ئورۇن،قانداق سورۇن ۋە قانداق مەزمۇندا پىكىر بايان قىلغاندا مەن ۋە بىر سۆزىنى جايىدا ئىشلىتىش مەسلىسىدۇر.
(مەن)ۋە (بىز)ئىبارىسى ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ پىسخىك ساپاسى ۋە روھىي دۇنياسىنى،ئۆزلۈك ۋە كۆپلۈككە نىسىبەتەن پوزىتسىيسىنى مەلۇم نوقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.بىز خەلقئارالىق سەھنىلەردىكى نوپۇزلۇق شەخسىلەرنىڭ پىكىر-نوتۇقلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا بەزىلىرىنىڭ (مەن)،بەزىلىرىنىڭ (بىز)ئىبارىسىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايقايمىز.بۇ پەقەت شۇ شەخسىنىڭلا ئۆزلۈك،كۆپلۈككە نىسبەتەن پوزىيسىيسىنى ئىپادىلەپ قالماستىن،يەنە شۇ شەخىس ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ مەنىۋى قۇرۇلمىسىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىدۇ.بولۇپمۇ غەربىلىكلەرنىڭ قىممەت قارشى(مەن)نى مەركەز قىلىغاچقا،ھەر قانداق بىر ئىشىتا ھەر بىر ئادەم ئۆزلۈك ئىقىتىدارىنى نامايان قىلىشىقا ئۇرنۇپ كۆرۈشىنى ئادىتىگە ئايلاندۇرغان،دۆلىتىمىزدە بولسا بىر مەھەل كوللىكتېۋىزملىق روھ زىيادە كۈچەپ تەكىتلىنىپ ئۆزلۈككە ئېتبارسىز قارالغاچقا،م كىشىلەر (بىز)ئىبارسىگە كۆنۈپ قېلىپ(مەن)دېيشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، شەخسىنىڭ رولى كۆڭۈلدىكىلدەك جارى قىلىدۇرۇلماي قالغان ئىدى.بۈگۈنكى كۈندە (ئادەمنى ئاساس قىلىش)تەڭ ئەۋزەل سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ شەخسىنىڭ رولىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىماقتا.
شۇنداقتىمۇ گەپ-سۆزدە (مەن)*بىلەن (بىز )ئىبارىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماي بولمايدۇ.مىسالى بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلار يىغىن ياكى سورۇنلاردا كوللېكتىپىنىڭ ئىشى ھەققىدە سۆز قىلىغاندا،خۇددى شۇ ئىدارە،شۇ ئورۇن ئۆزگىلا تەۋەدەك(مەن شۇنداق قىلىماقچى.مۇنداق قىلىمەن،ئۇنداق قىلىمەن)دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئىشىلتىدۇ.بۇ باشقىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىغانلىق بولۇپ،سۆزلىگۈچى ھەر قانداق ئىقىتىدارلىق بولسىمۇ،بۇنداق گەپلەر ئادەتتە قول ئاستىدا ئىشىلەۋاتقانلارنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ.بىز ھېچنېمىگە ھېساب بولمىسا، ھەممە ئىشىنى ئۆزىلا قىلىۋېتىدىغان تۇرسا بىزنىڭ كۈچەپ كېتىشىمىزنىڭ نېمە زۆرۈريىتى بار دەپ قاراپ،خىزمەتكە نىسىبەتەن پاسىسىپ ئىدىيە شەكىللىنىشىكە باشلايدۇ،نەتىجىدە رەھبەر بىلەن ئامما ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق يىراقلاپ كېتىپ ئىتتپاقلىق،ئۆملۈك بۇزۇلىدۇ.كىشىلەر ئېغىزىدا دېمگىنى بىلەن كۆڭلىدە بىر خىل قارشىلىشىش پىسخكىسى شەكىللىنىپ ،ئاستا-ئاستا بۇ خىل قارشىلىش ھەرىكىتىدە ئىپادە قىلىنىشقا باشلايدۇ.ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان رەھبەر ئاسانلىقچە ئىشىلارنى يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ، ئىشى يۈرۈشمىگەن رەھبەر تەبئىي ھالدا ئورنىنى باشقا بىرسىگە بوشتىپ بېرىشىكە مەجبۇر بولىدۇ.شۇڭا رەھبەر بولغۇچى ھەرگىزمۇ تەپەككۇرنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتمىگەن.ئىدىيىدە پىشمىغان خام گەپلەرنى ئالدىراپ ئېغىزدىن چىقارماسلىق،كۆپىچىلىككە يامان تەسىر بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ قۇيۇشتىن ئېھتىيات قىلىشى،گەپ-سۆزدە(توققۇز ئۆلچەپ بىر كېسىش)پرىنسىپغا ئەمەل قىلىشى لازىم.كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى تىلىنىڭ رولىغا سەل قارىغان ئادەم بىرەر ئىشتا ئاسانلىقىچە نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
شەخسىي ئىشىلار توغرىسىدا گەپ-سۆز قىلغاندا(مەن)ئىبارىسىنى ئىشلەتمەي(بىز)نى ئارىلاشتۇرۇۋالسا بۇ شۇ كىشىنىڭ مۇجىمەلىكىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ-دە،كىشىلەر نەزىرىدىكى ئوبرازى خۇنىكلىشىپ قالىدۇ،قىسىقىسى،(مەن)ۋە(بىز)سۆزىنى قانداق ئىشىلتىش ئادەمدىن بەلگىلىك ساپا تەلەپ قىلىدۇ.
بىز ئادەتتە ئوخشاش كىچىك ئىشىلارغا ئېتبارسىز قاراپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىھۇدە ئاۋارىچلىقىلارغا يولۇقىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالماي قالىمىز.
مەنبە؛پەن ۋە تۇرمۇش
|
|