نېم جاپا
ھاياتلىق قىسمىتى دائىم كۆڭۈلسىز ،
رەڭگارەڭ ھايات بۇ مەنمۇ ئامالسىز .
ئىشلىسەم ھەركۈنى ھەتتا تىنىمسىز ،
خازانكەن ئەقىدەم يىغلاپ نېم جاپا .
تۇغقانمۇ ياتلاشتى ئەنە پۇلنى دەپ ،
دوستلارمۇ قېچىشتى پۇلۇمنى خەجلەپ .
ئاقىۋەت قالدىممەن ئۈن-تىنسىز يىغلاپ،
ھاياتلىق مانا شۇ رەنجىپ نېم جاپا .
بىرنان تاپسا تەڭ ،يېگەنلەر قېنى ،
ساپ-ۋىجدان غۇرۇرلۇق ئىنسانلار قېنى .
خارلىنپ تاشلاندى ئۇيغۇرنىڭ نېنى ،
ھەشەمەت ئىچىدە ياشاپ نېم جاپا .
ئوقۇغۇچى ئۆتەركەن نومۇرنى كۆزلەپ ،
شۇنچە يىل ياتاركەن بىكارغا خەجلەپ .
تىزىلار ئاخىرى تىرىشقان بىر رەت ،
خىزمەت يوق بەرىبىر ئوقۇپ نېم جاپا .
مۇھەببەت بولدى ئۇ ئويۇنچۇق تېما ،
قىزلىرىمىز نەدىمۇ ئاقكۆڭۈل ساددا .
يىگىتلەردە قالمىدى ۋىجدان ھەم ۋاپا،
ئەۋلاتتىن ئارزۇ ئۈمۈت كۈتۈپ نېم جاپا.
يىغلاپ تۇغۇلدۇق كۈلۈپ ياشايمىز ،
سىرداشلار قەدرىنى ئەسلا قىلمايمىز .
مۇشەققەت ئالدىدا دائىم قاخشايمىز ،
ساختىپەز دۇنيادا كۈلۈپ نېم جاپا
مەنبە : تۇرمۇشتىن ئالغان ھىسسىياتىم ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xoh-xoh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-14 22:31
|