ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟!
مەزكۇر ئەسەر كىمىنە ئۇيغۇرۇمنىڭ غايىۋى دۇنياسىدىكى بىچارە،ئەمما چىرايىدىن مىسكىنلىك چىقىپ تۇردىغان، كۈلكە-خۇشاللىقتىن پۇتۇنلەي مەھرۇم بولغان،كۆزلىرىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇردىغان،بۇ دۇنياغا ئىنتايىن ئۈمۈدسىزلىك بىلەن قارايدىغان، بىر قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئېلىندى. باشقا مۇنبەر،بىلۇگلارغا چاپلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسىڭز ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلىمەن. ئۆزىڭىزنى ساقچىدا كۆرىسىز! ھا ھا ھا

بۈگۈن ئازاپتا يۈرەك پۇچۇلانغان يىلى-ھىجراندا قالغان ئاينىڭ- مۇساپىرلار تېغىغا پالانغان كۇنى.
كەش سائەت 6:30 بىر كۈنلۇك خىزمەتنى بىر يىلدا تۈگەتكەندەك تۈگۈتۈپ ئۆيگە كەلدىم،تاماقلارمۇ پىشىپ قالغان ئىدى.گىلىمدىن تاماق ئۆتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.تىنى ئاجىز ئاپام سامان كەبى سارغىيىپ كەتكەن چىرايىمغا قاراپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئىدى.قىزىم نىمە بولدىڭىز ؟ ئاپامنىڭ سۇئالىمۇ جاۋاپسىز قالغان ئىدى.ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ،كۇندىكى ئادىتىم بۇيىچە خاتىرەمنى ئالدىم،ئۇيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كۆلنىڭ بۇيىغا چىقىپ، ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يۇلتۇزلار تۇپىغا قارىدىم،لىكىن مەن ئۈچۈن چاقنايدىغان يولتۇز كۇرۇنمەيتى شۇنىڭ بىلەن ئۇشبۇ قۇرلارنى يېزىشقا باشلىدىم!
ئۇيغۇرۇم سىنى چىن يۈرۈكۈمدىن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن سەندىن ئايرىلىپ قالدىممۇ؟! ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمنى ئويلىمىغان ئىدىمغۇ!كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم، كىتىۋاتىمەن ھاۋا بۇلۇتلۇق،دۇنيادىكى مەينەتچىلىكنى تازلاش ئۈچۈن يېغىېۋاتقان يامغۇردەك كۆزلۇرۇمدىن ياشلار دەريا كەبى تۈكۈلمەكتەئىدى،ئاھ!خۇدا نىمە ئۇچۇن،نىمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق ئادالەتسىزلىك قىلىدىغانسە؟! ئەجىبا ماڭا شۇ خۇشاللىقلارنى ئارتۇق كۆردۇڭمۇ؟!تېخى تۈنۈگۈنلا شۇنچە ئەركە،شۇنچە شوخ قىز ئىدىمغۇ،ئەمما بۈگۈن بولسا نىمە ئۈچۈن بۇنچە رەھىمسىز تەغدىر مىنىڭلا بېشىمغا كىلىدىغاندۇ؟! بۇئۇيغۇرۇم،مىنىڭ مەڭگۈلۈك بەختىم ئىدىغۇ. مەن ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلسام بولمايتى،مەن ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىزلا ئايرىلىپ قالدىمغۇ،ئەپسۇس مۇشۇ ۋاپاسىز دۇنيا مىنى ئۇيغۇرۇمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەمدى مەن ماڭا كەلگەن بۇ دەرتلەرگە قانداق چىدالايمەن ئاھ!خۇدا، ئۇيغۇرۇم بىلەن بىرگە باسقان يوللارنى ئەمدى ئۆزۇم يالغۇز بېسىپ مېڭىش ماڭا نىمە دىگەن ئازاپ ھە ! گەرچە مىنىڭ ئۇيغۇرۇمغا قىلغانلىرىم ئازبولسىمۇ مەن ئۇيغۇرۇمنى چىن يۈرۈكۈمدىن سۆيەتتىمغۇ،ئۇيغۇرۇمنى شۇنچە قەدىرلىگەن بولساممۇ ئەمما ئاخىرىدا نىمىگە ئىرىشەلىدىم،ئىرىشكىنىم يەنىلا شۇ ئازاپ بولدىغۇ ئاھ!مۇدھىش يۈرۈگۈم!!


ئۇيغۇرۇم گەر سۆيمىسەڭمۇ مىنى،
كۈرۈشكىن مەن بىلەن بېرەر-رەت دىدار.
كىتەر چېغىمدا سۈيۈۋالاي مەن سىنى،
جەم بولايلى ئاخىرقى بىر-رەت. پىدار. 
ئۇ ئالەمگە كىتەر چېغىمدا،
قالدىم يالغۇز ئۆزۇملا پەقەت.
ئۇيغۇرۇم سىنى كۆرگۈم بارئىدى،
چىرايلىقچەرەت قىلدىڭغۇ ئەجەپ. 
كىتىپ قالسام بۇ ئالەمدىن مەن،
سېغىنمامسەن ئۇيغۇرۇم پەقەت.
ئەقىدەمنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۇچۇن
يوخلاپتۇرارسەنمۇساھىللىرىمنى ئەبەت. 
ئايرىلىشنىڭ بۇنچە ئازاپلىق ئىكەنلىگىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلىپ بېقىپتىمەن! ئۇيغۇرۇم سىنى پەقەت چۈشۈمدىلا كۆرەلەيمەن، ئۇيغۇرۇم ماڭا قالدۇرغان شىرىن-تاتلىق ئازاپلىرىڭ ماڭا مەڭگۈك ھەمراھ،!ئۇيغۇرۇم سىنى ماڭا پەقەت ماڭىلا تەۋە بولىدىغان شۇ ئىسىل سۈپەت خىسلىتىڭ،مىنى ئۆزۈڭگە جەلىپ قىلىدىغان ئوتلۇق كۆزلۈرۈڭ،ماڭا ھەقىقى ياقىدىغان مىجەزىڭ،كەلمەسكە كەتكەن ئىدى. گەرچە مەن سىنىڭ قەلبىڭدە تا ئەبەت ئولگەن بولساممۇ، مىنىڭ روھىم يەنىلا ساڭا مەڭگۈلۈك ھەمراھ،بۇلۇش ئۈچۈن كىتىۋاتاتتى.مىنىڭ سىنى شۇنچە رەزىللىككە تولغان بۇدۇنياغا يالغۇز قۇيغۇم يوق ئىدى. سەن نىمىلا دىمىگەن بىلەن مىنى چىن يۈرۈكۈڭدىن سۆيگەن ئىدىڭ،مەن سىنى پەقەت شۇ جايدىلا كۆرەلەيمەن. مەن سىنى يوقۇتۇپ قۇيمايمەن ئاھ! رەھىمسىز تەغدىر سەن بىلەن قاچانمۇ خوشلۇشارمەن، ئەسلى ئۇيغۇرۇم مىنى مەڭگۈ سويىدۇ-دەپ،ئۆزۇمگە تەمەننا قوياتتىم !

چىن دىلىمدىم سۆيگەن مەن سىنى،
كۈن تۈن مىنۇت سىكوت ساناپ مەن.
گەر كۆرمىسەم بىر كۈن مەن سىنى،
ئۇيغۇرم دەپ يىغلايتىم ھەر دەم. 
كۇتۇشمۇ بىر لىرىك ناخشا،
گاھ!مۇڭلىرى ئىرىتەر دىلنى.
گاھ!شاتلىقتاكۈلەتتى يۈرەك،
ئاھ!ئۇيغۇرۇم يىغلاتتىڭ مىنى. 
كىچىكىمدىن كۈتكەن مەن سىنى،
گاھ! تاتلىق خىيالنى سۇرۇپ.
ئەبەتكىچە كۈتىمەن سىنى،
ئازابىڭدا كەتكۈچە ئۇلۇپ.  سۆيگۇ بىر خىل ئازپلىق دۇنيا،ئادەم ھەقىقى سۆيگۈگە ساپ ۋىجدانى ھەم ئازاۋى بىلەن يىتەلەيدىكەن. ئازاپسىز مۇھەببەتنى خىيال قىلىش،خۇددى تىكىنى يوق قىزىل گۈل ئىزدىگەندەن بىر ئىشكەن.ئۇيغۇرۇم سىنى ئۇنتۇشقا شۇنچە تىرىشتىم لىكىن ئۇنتالمىدىم،ئۇيغۇرۇم سىنى ئۇنتۇشقا بەكلاتىرشقان بولساممۇ يارلانغان قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىققان چىن سۆيگۇ ئۇنداق قىلىشقا يول قويمىغان ئىدى.ئۇيغۇرۇم مەن سىنى يۈرۈگۈمنىڭ قات-قاتلىرىدىن سۆيەتتىمغۇ،ئۇيغۇرۇم ئىسىڭدىمۇ؟!بىز مۇڭداشقان ئايدىڭ كېچىلە،ئاپپاق قارلارغا ئىز قالدۇرغان كۈنلە،يامغۇرلۇق ھاۋادا كوچا ئايلانغان قانغۇچە مۇڭداشقان ئۇنتۇلماس مىنۇتلا،ئاھ!قىممەتلىك دەقىقىلە،مەن سەن بىلەن ئۆتكەن ئەشۇ چاغلىرىمنى ئويلايمەن،سېغىنىمەن،ئۇيغۇرۇم سىنى ئەسلەپ ئاسمانغا قاراپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايمەن.ئۇ گۈزەل چاغلا مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە كەتكەن ئىدى.ئاھ! خۇدا،نىمە ئۈچۈن پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۈيۈپ تۇرۇپمۇ نىمىشقا ئۇيغۇرۇم سىنىڭ سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمەيمەن،سىنى نىمىشقا يۈرۈكۈمدىن چىقىرۋىتەلمەيمەن،ئۇيغۇرۇم سىنى ئۇنتۇش ئۇچۇن كۆپ جاپالارنى تاتقان بولساممۇ،لىكىن ئوت ئۈستىگە ماي چاشقاندەك ئىش بولدى.ئۇيغۇرۇم ساڭا بولغان مۇھەببىتم بارغانچە ئۇلغۇيۋاتىدۇ. سۆيگۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى سىنىڭ ۋۇجۇدۇۇڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەنغۇ،مەن سۆيگۈنىڭ ئۇتىنى سىنىڭ باغرىڭدا تۇنىغان ئىدىمغۇ،مىنىڭ كۈزۈمنى سەن ئاشقان ئىدىڭغۇ،ئاھ!خۇدا بەلكىم سىنى سۈيۈپ خاتالاشقاندىمەن، بۇمۇ مىنىڭ مەيلىم ئەمەستىغۇ،ئۇيغۇرۇم سەن ئىچىمگە كىرۋېلىپ،يۈرۈكۈمنى ئوت بۇلۇپ كۆيدۈردۈڭ،ئەشۇ ئوت قەلبىمدە بولغاچ ھەرقانچە ئازاپلىساڭمۇ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ ساڭا يېنىلا ئۈمۈدلۈك كۆزلۈرۈم بىلەن تەلمۇردۇم،ئاھ! خۇدا مەن قانداق قىلاي،بۇدەردىمنى بېرىپ كىمگە ئېيتاي،شىرىنمۇ پارھادنىڭ دەردىدە بۇنچىلىك پۇچۇلانمىغان بولغىيتى،ئاھ!ئاللاھىم، مىنى ئۇيغۇرۇمنىڭ دەردىدە بۇنچە ئازاپلارغا دۇچچار قىلغىدەك نىمە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولغۇيتىم،ئاھ!خۇدا ماڭا ئاسانلىق بەرگەيسەن.

سەن گۇياسەن،يالغۇز ماڭغان ،
ئىللىقلىغىڭ مىھرىمگە تويغان.
ئەسلەتمىگىن ئۆتمۈشنى ھىجران،
كۆرسەتمىگىن ئۇيغۇرۇمنى يامان .

مەنبە:ئۇيغۇرۇمنىڭ غايىۋى دۇنياسىدىكى بىرقىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسدىن ئېلىندى!!

|