نازۇك214 چاخچاق
ئاغزىڭىزدا چىشمۇ يوق
كۈلەي دەيسىز نىمىگە.
ئانىڭىزغا دەڭ سۈت بەرسۇن.
يىغلاپ يۈرمەڭ مۇنبەردە.
بىر كۈلە دەپ ھەممىگە.
يۇمۇر ئېيتىپ بېرەمسىز.
كۈلدىغانغا ئادەم يوق.
ياكى يىغلاپ يۈرەمسىز.
مەمەتجان 005چاخچاق
مەمەتجان دىسلا .
ھەممە بىلەر سىزلەرنى.
قاپاق تۈرۇپ چايخاندا.
كۈنلەپ يۈرمەڭ بىزلەرنى.
ياخشى ئەلنىڭ بالسى سىز.
ئەلگە تۆھپە قوشۇڭسىز .
ئازراق چاخچاق قىپ قويسام.
خاپا بولۇپ يۈرمەڭ سىز .
رىشتە قىزغا چاخچاق
قوشاقچى قىز چايخاندا.
قوشاق توقۇپ يۈرەمسىز.
قوشاقلىرڭىز باغلاشماي.
ياكى يىغلاپ يۈرەمسىز.
ئېغىر بىسىم قىۋامماڭ.
باغلاشمىسا قوشاقلار.
ئېسىۋېلىڭ تىل تۇمار.
كۆز تەگمىسۇن ئوماققا.
خەنجەر731 چاخچاق
خەنجەر دەپ يۈرسىز.
قاچان پالتا بولىمىز.
كىرىپ تۇرۇڭ مۇنبەرگە.
سىزگە داغدام يولىمىز.
خەنجەر دەپ ئولتۇرماي.
تونۇشتۇرۇڭ ئۆزىڭىزنى.
قىز باللارغا تاش ئاتماي.
قىسىپ قويۇڭ كۆزىڭىزنى.
ئادىل 120 چاخچاق
سىز مۇنبەرنىڭ ئەركىسى.
يىگىتلەرنىڭ سەركىسى.
سىزگە قاراپ زوقلىنار.
مۇنبەردىكى ھەر كىشى.
ئىپسونغا چاخچاق
ئىپسونئكەن ئىسمىڭىز.
ئەلگە مايىل جىسمىڭىز.
ئەل غېمىدا كۆيدۇ .
سىزنىڭ يۈرەك باغرىڭىز.
تاماق يىمەي غەم يەيسىز.
كېچە -كۈندۈز ئۇخلىماي.
لايىق چىقسا ئۆيلىنىڭ .
كۆز ياش توكۇپ يىغلىماي.
مۇسلىماغا چاخچاق
مۇسلىما 12 كىزىپ جاھاننى.
مۇساپىر لارنى كۆ رۈپتۇ.
باغرى ئېزلىپ شۇھامان.
مۇنبەر لەر گە يىزىپتۇ.
مۇسا پىر دەپ بىز گىمۇ.
قوشاق-قوشوپ قويۇڭسىز.
بىز يوللىغان تىمىغا.
ئېنكاس يىزىپ قويسىڭىز.
رىشتە گە چاخچاق
رىشتە كەن ئېسمىڭىز.
شۇنداق گۈزەل جىسمىڭىز.
تاڭ ئاتقۇچە چايخاندا.
ياخشى ئاۋاز قوشتىڭىز.
مەڭگۈ بولۇڭ رىشتە.
سىزگەھاردۇق يەتمىسۇن.
خوشاللىققا جۈر بولۇڭ.
قايغۇ سىزگە كەلمىسۇن.
ئەسكى520 چاخچاق
ئەسكى520 مۇنبەردە .
كۆرۈنمەيسىز بامۇيا.
ئاۋاز قوشاي دىمەيسىز.
دۆلەپ قويغان قامۇيا.
قاراقچىلاغا دەپ قويۇڭ.
مۇنبەرلەرگە كىرمىسۇن.
تېمىلارنى ئوغۇر لاپ.
تۇتۇلۇپ قېلىپ يۈرمىسۇن.
بىردانە گە چاخچاق
بىردانە سىز يوللاردا.
دۇتتارچېلىپ يۈرەمسىز.
ئۆيىڭىز نى تاپالماي.
ياكى يىغلاپ يۈرەمسىز.
يوللار ئۇزۇن بولسىمۇ.
ناخشائېيتىپ تۈگۈتۈڭ.
ھەممە خۇشتار دۇتتارغا.
دوسلار غىمۇ ئۈگۈ تۈڭ.
ئىنتىزار غا چاخچاق
ئىنتىزار خېنىم يىغلىماڭ.
سىزگەچاخچاق قىپ قويسام.
سىز گە ئىچىم كۆيىدۇ.
راس گېپىمنى دەپ قويسام،
رازىيە827 چاخچاق.
رازىيەكەن ئىسمىڭىز،
بەك كېلىشكەن بويىڭىز.
تىما يوللاپ ھارمايسىز،
تۆمۈرمۇ يا جېنىڭىز.
چاخچاق قىلسام بىلەمسىز،
قىززىق بولسا كۈلەمسىز.
خاپا بولسىڭىز ناۋادا،
مېنى قوغلاپ ئۇرامسىز.
520Studios چاخچاق
520Studios ئۆزىڭىز ،
قەيەرلەردە يۈرۈيسىز.
ناۋايلارنى كۆرگەندە،
زەرگەر لەرگە قارايسىز.
زەرگەر لەرگە قارايسىز،
زىرە -مونجاق ئالامسىز.
پۇل يەتمىسە ناۋادا،
تىللا لارنى ساتامسىز.
گۇلمىرە چاخچاق
گۇلمىرە ئۆزى بەك ياخشى،
كەڭ-قورساقلىق،ۋىجدانلىق.
يازغان تىمىسى ياخشى،
مەزمۇنلۇق ھەم قىزقارلىق.
يانبۇلاق ئاكامغا چاخچاق
يانبۇلاق ئىكەن ئىسمىڭىز،
ئۆزىڭىز نەدىن بىلمىدىم.
سۇمبۇل ئىكەن چېچىڭىز،
راسمۇ يالغان بىلمىدىم.
چاخچاق قىلدىم مەن سىزگە،
خاپا بولماي تۇرارسىز.
مۇنبەرلەردە بىزنىمۇ،
بىرگە ئالغاچ ماڭارسىز.
خىيالخانغا چاخچاق
خىيالخان دىسەم مەن سىزنى،
يولدىن ئېزىپ يۇرەمسىز.
ئېزىپ قالغان چاغلاردا،
تورخانىدا يۇرەمسىز.
يولدا ماڭغان چاغلاردا،
تورداشلارنى ئويلامسىز.
توردىن چۇشكەن جايدىلا،
بىزنى ئۇنتۇپ قالامسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭىلار .قىزىقارلىق بولسۇندەپ يىزىپ قويدۇم .خاتا چۇشەنمەسسىلەر..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-9 20:18
|