ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ئۇ ئەسلى ئىشەك ئەمەس ئىدى

      

كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 7
go

ئۇ ئەسلى ئىشەك ئەمەس ئىدى

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 14:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۇ ئەسلى ئىشەك ئەمەس ئىدى


ئالتە ئىشەكنىڭ جەننىتى ھىساپلىنىدىغان ھىلىقى سىسىق ئىغىلنى باشقۇرىۋاتقان توكۇر ئىشەكنىڭ مەينەتلىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىكمۇ ياكى بولمىسا ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا نوچى كۆرسىتىمەن دەپ گىرىمنى خاتا قىلىۋىلىش سەۋەپلىكمۇ چۈشۈپ چۈشۈپ كەتكەن تۈكلىرى ، ساق تۇغۇلۇپ نېيىتىنىڭ يامانلىقىدىن توكۇر بوپ قالغان ئارقا ئىككى پۇتى ئۇنى باشقا ئىشەكلەردىن پەرقلەندۈرۈپراق تۇراتتى.دىمىسىمۇ بۇ ئىشەك ئىغىلدىكى باشقا تەڭتۇش ئىشەكلەرگە قارىغاندا توكۇر بولغىنى بىلەن خىلىلا بەستلىك ئىدى.بۇ ئىشەك توكۇر بولۇپ قالغاچقىمۇ سىرتتىكى ئىتىز-ئىرىق ئىشلىرىغا يارىمىغاچقا ئىگىسى ئۇنى ئىشلىتىشنى ئانچە راۋا كۆرۈپمۇ كەتمەيتتى.سىتىۋىتىش خىيالى بىلەن نەچچە قىتىم بازارغا سالغان بولسىمۇ لىكىن باھاسىغا يىتىپ ھىچكىم چىقمىدى.
بۇ ئىشەك ئەسلىدىنلا ھورۇن،چىدامسىز ئىشەك بولۇپ قاچانلا بولسا قىلغان ئىشىغا مەمەدانلىق قىلىپ چوڭ سۆزلەپلا يۈرەتتى.ئىش مەيدانىدا قۇرداش ئىشەكلەردىن داۋاملىق ئارقىدا قىلىۋەرگەچكىمۇ ھىچكىم بۇ ئىشەككە دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىمىغان ئىدى.بۇ ئىشەكنىڭ دۇنيادا بارلىقىنى ئۆزى ۋە ئىگىسىدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتتى.بۇ يۇرتتا بۇ ئىشەكنىڭ ھىچبىر نامۇ-نىشانى بولمىغاچقىمۇ نەچچە قىتىم ئۆزىنى تونۇتماقچى بولغان بولسىمۇ لىكىن ئارمانىغا چۇشلۈق دەرمانى بولمىغاچقىمۇ ئىلاج قىلالماي ئىچى پۇشۇپلا يۈرەتتى.دۇنيادا بىر خار بولغانلار بىر ئەزىز بولىدىغان ئىش بار ئەمەسمۇ.پەلەك چاقى چۆگىلەپ مەھەللىگە كەلكۈن كىلىپ ھەممە غەرق بوپ كىتىپ بۇ ئىشەك تەنھا قالدى.بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ دىگەندەك ئۆزىنى كۆرسىتىشنى كىچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان بۇ ئىشەككە پۇرسەت كىلىپ كەلكۈندە بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىغىلغا ئىگە بولۇپ قالدى ۋە ئىگە-چاقسىز،ئاقساق-چولاق بولۇپ بىر قانچە ئىشەكنى توپلاپ بارچە مەھەللىگە يولباش بولماقچى بولدى.لىكىن ئۇنىڭ توكۇرلىقى ، بەدەنلىرىنىڭ قوتۇرلىقى ئۇنى ھەرۋاقىت باشقىلار ئالدىدا چاندۇرۇپلا تۇراتتى....
قانداق قىلىش كىرەك؟ توكۇر ئىشەك ئاخىرى ئامال تاپتى ۋە تىزلىكتە بىر قانچە قوتۇر ئىشەكنى باشلاپ توپ بولۇپ يۇرتتىكى بىر قىسىم ئىشلارنى باشچىلاپ قىلىپ بىر ئاز ئابرويغا ئىگە بولۇپ قالدى ۋە كەلكۈندە بۇزۇلۇپ كەتكەن بىر قانچە سىسىق ئىغىلىنى تۈزەشتۈرۈپ ئىغىل بىشىغا يوغان قىلىپ‹‹مەن توكۇر ئەمەس›› دەپ تاختاي ئىسىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا ئالدىرىدى ۋە يۇرتتىكى بارلىق قەۋىملەرنى يىغىپ توپلاپ ئۆزىنىڭ توكۇر ئەمەسلىكىنى ، ئارقا ئىككى پۇتىنىڭ بۇنداق بوپ قىلىشى ئۇنىڭ ئالاھىدە ئېقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى،ئەگەر يۇرتداشلار ئارىسىدا ئۆزىگە ئوخشاش توكۇرلار بولسا ھۆرمەتلەپ كۆككە كۆتۈرۈپ يۇرت ئاقساقىلى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ جار سىلىپ باشقىلارنى قايىل قىلماقچى بولدى.
يالغان گەپنىڭ مىڭ قىتىم سۆزلىسە راس بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ.ئۇنىڭ پەلپەتىش سەپسەتىلىرى بىر قىسىم ئىش ئۇقمايدىغان،جاھان كۆرمىگەن قۇدۇق پاقىلىرىنى قايىل قىلىۋەتتى بولغاي ئۇلار قۇدۇقتىن چىقماي كۇركىرايدىغان بولىۋالدى.

پاقىلار كۇركىراۋەرگەن بىلەن لىكىن ئۇنىڭ شۇم نىيەتلىرىدىن يۇرتتىكى ئۇقۇمۇشلۇقلار خەۋەردار ئىدى،لىكىن ئۇلار ئىشەككە تەڭ بولماسلىق ، توكۇر ئىشەكنىڭ ئاقساقال بولۇپ كۆڭلىنى خۇش ئىتىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇنى ئاياپ ئارتۇق سۆزلىمەيتتى ، ئىپادە بىلدۈرمەيتتى. ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ بىلىدىغىنى بولسا بۇ دۇنيا نىي-نىي جاندارلاردىنمۇ ئىشىپ ھازىرقىدەك كۈنگە يەتكىنى ئىدى.لىكىن ئۇ مەمەدان ئىشەك بۇ مەنتىقىنى زادىلا چۈشەنمەيتتى.

بۇ توكۇر ئىشەكنىڭ شۇم نېيىتى شۇنداق يامان ئىدىكى ئۆزى ‹‹مەن توكۇر ئەمەس ›› دەپ تاختاي ئاسقان سىسىق ئىغىلىدىن ھەم ئىغىلدىكى بىر قانچە خوشامەتچى ئىشەكلەردىن ، قۇرۇق يۇرت ئاقساقاللىقىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يۇرتتىكى باشقا جاندارلارنىڭ نورمال كۈن كەچۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇلارنى داۋاملىق ئاۋارە قىلىپ تۇرغان يىرىگە سۇ قۇيۇپ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشلا ئىدى.ھىلىمۇ بۇ توكۇر ئىشەكنىڭ شۇم نىيىتى نۇرغۇن جاندارلارغا بىسەرامجانلىق ئىلىپ كىلىۋاتاتتى... پەلەك چاقى ئايلىنىۋەردى.ئىشەكلەر ئاقساقال بولىدىغان زامان ئاخىرلىشىدىغاندەك تۇراتتى.بۇنى ئاڭلىغان بۇ قىرى قوتۇر ئىشەك دەرھال ئەقىل تاپتى دە بۇرۇنقى‹‹مەن توكۇر ئەمەس››دىگەن تاختاينىڭ ئورنىغا‹‹مەن ئىشەك ئەمەس›› دىگەن تاختاينى ئالماشتۇردى. قۇدۇق پاقىلىرىمۇ توختىماستىن ‹‹ ئۇ ئىشەك ئەمەس ئىدى ›› دەپ كۇركىراشتى . بۇ يۈزى قىلىن،شۇم نىيەت توكۇر ئىشەك شۇنى بىلمىدىكى ئىشەك مىڭ يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئىشەكلىكىنى تاشلىمايتتى.قارىغاندا دۇنيادا ئىشەكنىڭ ھۆكۇم سۈرۈش دەۋرى ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلاتتى......




بىلىپ قالغىنكى ئىشەك،پاقىلارغا دەرس ئۆتىمەن دەپ ئاۋارە بولما،چۈنكى ئۇ يەنىلا پاقا.ئىشەك تۇرۇپ ئۆزۈڭنىڭ ئىشەكلىكىڭدىنمۇ ھەم تانما.چۈنكى سىنىڭ قىلمىشلىرىڭ سىنىڭ ئىشەكلىكىڭگە دەلىل.چۈنكى سەن يارىلىشىڭدىنلا ئىشەك،باشقىلارغا يامان قولۇڭنى،شۇم نىيەتلىرىڭنى سۇنىۋەرسەڭ ئىشەكتىنمۇ ئۆتە بىر كۈن سىنى كۈتكۈسى.ئۆزۈڭنىڭ توكۇرلىقىنى ياپىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما،خۇدا ئىشەككە بىلىپ مۇڭگۈز بەرمىگەن دىگەن گەپ ئەل ئارىسىدا ۋاشاڭ.يۇرت ئاقساقاللىقىنى قىلىمەن دەپ باشقىلارنىڭ ئەجرىنى پايخان قىلما،شۇم نىيەتلىرىڭنى چاچما.بولمىسا توكۇر بولۇپ قالمىغان ئالدى ئىككى پۇتۇڭمۇ ناكاھ بولمىسۇن.قىسقىسى ئىغىزىڭنى يوغان ئىچىپ ھاڭراپ ئەقلىڭدىن ئاداشماي ئاش بەرگەنگە مۇش بەرمەي يولىدا جاۋاپ قىلىشنى بىل.ساڭا تىلىكىم توكۇر ئىشەك:شۇم نىيەتلىرىڭدىن ئەڭ ياخشىسى يان،باشقىلارنىڭ شامىلىنى يىغىمەن دەپ چۈش كۆرىۋەرمە.سىنىڭ شامىلىڭنى يىغىدىغانغىمۇ ۋاقىت ئاز قالدى...


مەنبە:ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uighur-jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-15 14:13

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1568 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 14:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىدىگەن چوڭقۇر مەنلىك تېما بۇ، راستىن دېسەم قانداق ئىنكاس يېزىشنىمۇ بىلەلماۋاتىمەن ، لېكىن سىزنىڭ قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىل بولالماي تۇرالمىدىم،رەخمەت سىزگە...........

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
190 
تېما
28 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 16:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن مەنىسى چۇڭقۇر ئىكەن

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 16:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىپسىز ....

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
12 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 16:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنىلىك ھەم تەنىلىك يىزىلغاندەكلا تۇرىدۇ...ياخشى يىزىلىپتۇ...

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
813 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 19:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي!

Rank: 8Rank: 8

توردا
366سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
955 
تېما
323 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 01:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش uighur-jan نىڭ يازمىسى

ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز.ئۆزىمىزنىڭ ئىشەكلىكىنى مىڭ پەداز قىلساقمۇ يېپىپ كېتەلمەيمىز.چۈنكى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ قىلغان-ئەتكىنى ئەشۇ ئىشەكتىنمۇ ئېشىپ چۈشۈۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟

توردا
40سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
103 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 18:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.مۇشۇنداق ئىسىل تىمىنى ئوقۇغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 17:19

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.