مەردان ئابدۇللا شېئىرلىرىدىن 
قىزلار ئالما ئەمەس 
شوخلۇقۇڭ جايىدا بولسۇن ھەي بالا، قىزلارنى ئالما دەپ ئۈزۈپ تاشلىما. شەيتاننىڭ دېپىغا ئوينىما ئۇسسۇل، مىللەتنىڭ ئانىسىن چەيلەپ بولغىما. قىزلار ئۇ ئالما ئەمەس بەلكى بىر ئانا، ئەي يىگىت بۇرچۇڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما. 
گەپ تولا دەۋەرسە ئۇزىراپ كېتەر، ئانىلار زارىمۇ پەلەككەيېتەر. ئاتىلار دۇئاسى نېمىنى كۈتەر؟ دادا بولۇش بىر كۈنى ساڭىمۇ كېلەر. قىزلار ئۇ ئالما ئەمەس بەلكى بىر ئانا، 
ئەي يىگىت ئاتىلىق قەرزىڭ ئۇنۇتما. سېنىڭدىن شوخ يىگىت ھامان بىركۈنى، ئەسلىتىپ قويىدۇ ساڭا ئۆتمۈشنى. ئالما قىپ ئوينىتىپ سىڭىل-قىزىڭنى، نۇمۇستىن تېرىكلا ئۆلتۈرەر سېنى. قىزلار ئۇ ئالما ئەمەس بەلكى بىر ئانا، 
بۇ ئالەم ئۆتنىدۇر ھەرگىز ئۇنۇتما. ئەي قىزلار ئالما دەپ قالما ئۆزۈڭنى، ئۆزۈڭگە مەھكەم بول ئاچقىن كۆزۈڭنى. پۇلنى دەپ پەسلىشىپ تۆكمە يۈزۈڭنى، ئويلاپ ماڭ ھەرقەدەم ئالدى-كەينىڭنى. قىزلار ئۇ ئالما ئەمەس بەلكى بىر ئانا، 
ئەي قىزلار قەدرىڭنى ئۆزۈڭ خارلىما. ئەخلاق ۋە بىلىمدىن ھېچ ئازار يەتمەس، بولسا ئۇ بېغىڭدىن بەخت قۇش كەتمەس. ئىماندىن نۇر ئالساڭ يۇلتۇزۇڭ ئۆچمەس، پاك قاندا ساپ نەسىل ئەۋلاد ئۈزۈلمەس. قىزلار ئۇ ئالما ئەمەس مىللەتكە ئانا، ئاسرايلى ئۇلارنى جان قېرىنداشلار!!! 
ئازاپلىق كېچە 
قارا بۇلۇتلۇق بۇ سوغۇق كېچە،
تۆكتى يېشىنى ئۈستى-بېشىمغا.
تىترەك باسقان تەن، ساڭگىلىغان باش،
كېچە سىر-مۇڭداش ھېس ئازابىمغا.

ئاسمان كۆزى نەم،مېنىڭ كۆڭلۈم غەم،
كۈلكە يوقالغان يۇلتۇزسىز كېچە.
يۈرەك-چاك-پارە، ماڭا غەمخانە،
مىشىلداپ يىغلار-بۇ رەڭسىز كېچە.

ئېلىپ كەتكەچ ئۇ--كۈلكىلىرىمنى،
جۇت-شىۋىرغانلىق پىغانلىق كېچە.
گۈزەل ئەسلىمە،يۈرەككە خەنجەر،
دەريا قان ئاققان -ئازاپلىق كېچە.

دەردىمگە دەرمان سىردىشىم كېچە،
يىغلىشىپ بەرگىن تاڭلار ئاتقۇچە.
كۈلگىن سەن تاڭدا مەدەت بەر ماڭا،
يىغلاپ ئۆتمەيمەن تاكى ئۆلگىچە.

قۇياش پارلىدى،بۇلۇت تارقىدى،
ئەمما ياشلىرىم ئاقماقتا شۇنچە.
ئىچى سىيرىلىپ پەلەكنىڭ ماڭا،
كەلدى مۇڭلانغان يەنە بىر كېچە كىملىكىڭنى بىلدۈرەي دېسەڭ E5 g2 `$ W+ u+ T
 ئانا يۇرتنى سېغىنىپ گۈلزارلىق،گۈللۈك ئارا ماڭغۇم كېلۇر،
شۇدەمدە ئارقامغا ھەم يانغۇم كېلۇر!
باسالماس سېغىنىشنى رەڭدار گۈللەر،
يۇلغۇنلۇق ماكانىمغا قايتقۇم كېلۇر!

‹چوڭ دەيدۇ›چوڭلىقى قانچىلىككەن؟
باغلىرىم-يايلىقىمغا يەتمەس ئىكەن،
يۇرتۇمنىڭ تائاملىرى ،مەشرەپلىرى،
ھەر زامان كۆز ئالدىمدىن كەتمەس ئىكەن!

سۈرەتتەك ئەجەپ گۈزەل تۆت ئەتراپىم
ماڭىمەن ئۇھلار تارتىپ،پىغان چىكىپ!
كېلىدۇ كۆزلەرگە ئىسسىق ياشلار,
ئاتا-ئانا،قېرىنداشنى سېغىنىپ!
ئانا يۇرت شىنجاڭ دىيارنى سېغىنىپ!! 
جانانىمنىڭ جانانىسى 
كۆزۈم ئوچۇق كور ئىكەن مېنىڭ،
بىلمەپتىمەن ئويۇنلىرىڭنى.
ۋاپادارىم دەپ يۈرۈپتىمەن،
ئېگىپ تۇرساڭبويۇنلىرىڭنى.

كۆزۈڭ،سۆزۈڭ ،ئاقكۆڭۈللۈكۈڭ!
گىرىملەشكەن ساختا قىياپەت.
ساداقىتىڭ-يۈرىكىڭ سۈنئىي!
نەدە بولسۇن سەندە مۇھاببەت.

كۆزۈم ئاخىر ئىچىلدى مېنىڭ ،
باشقا بىرىكەن سېنىڭ جانانىڭ.
قاشتېشىدەك كۆڭلۈم چېقىلدى،
پارچە-پارچە بولدى ئارمانىم.

تىلىم بارماس ئەيىبلىگىلى،
سېنى پەقەت ئوماق جانانىم!
سۆيگۈ بىر ئوت قىلمىغىن چاقچاق!!
جانان تۇتما!ئۇجاي-بۇ جايدىن!! 
مەن بىرئاشىق مەن!!!!! 
شائىر ئەمەس شېئىر يازىمەن
تىمتاس جايدا،ئۆستەڭ بويىدا يالغۇز ماڭىمەن
كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ئىسسىق ياش ئالىمەن
چۈنكى مەن بىر مەستانە ئاشىق!!

ئاتا-ئانام تېخى ھايات،ھەممە نەرسەم تەل
لېكىن مەن ‹بىچارە›دەپ ئاتاق ئاپتىمەن
قايتاي دەيمەن ئىگىركى شوخ چاغلىرىمغا
ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ كۈلۈپ باقىمەن

چىرايىم ئازتولا ئوخشار كۈلگەنگە
ئىچ باغرىم ئوت-پىراق كۈيۈپ يانىمەن
رەڭگى-روھ سارغايدى،بەدەن ئىسكىلىت
نېمە كېسەل چاپلاشقان شۈمەك بالىمەن؟!!؟

شوخ ئىدىم ئىلگىرى مەيۈس ئەمەستىم
ئولتۇرۇپ-ئولتۇرۇپ ئۇھلار تارتىمەن
يېشىمنى سورىساڭ:‹- ئەمدى بىر باھار!›
چاچ-ساقال ئاقىرىپ قېرىپ قاپتىمەن.

مەن !!!!
دەرتمەن ئەمەس ،ئەسلى بىر تايچاق
مەجنۇنلۇق باقىي بوپقاپتۇ بۇ چاغ
خوشاللىق خوشلاشتى،ئازاپ-زار ئاچتى قۇچاق
دېسەم سىلەرگە.............
مەن بىر بىچارە! يىگانە! سەرسانە ئاشىق.

مەنبە :ئىجادىيىتىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-7 23:41
|