- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-22
- تىزىملاش
- 2010-8-21
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 271سائەت
- جۇغلانما
- 4129
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 904
- تېما
- 149
- توردا
- 271سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 22
- يازما
- 904
- تېما
- 149
|
يېقىنىدا كىچىككىنە بىر ئىش تۈپەيلى،گۈلنۇر ھەدەم ئىككىمىز ماي تارتىشىپ قالدۇق،بۇ بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا،ئۆيىمىزگە ئوينىغىلى كەلگەن نەۋرە سىڭىلىم مۇيەسىسەر ئۆيىمىزدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغانىدى.ئۇ گۈلنۇر ھەدەم ئىككىمىزنىڭ قىزىرىشىپ قالغانلىقىمىزنى كۆرۈپ بەكمۇ بىئارام بولدى.بىراق ھەدەم ئىككىمىز(ئۇ كەچۈرۈم سورىمىسا مەن سورامتىم!)دەپ بىر-بىرىمىزدىن تەمە كۈتۈپ تېخىچە ئەپلەشمىگەنىدۇق.
شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغاچقا،تاپشۇرۇق ئىشلەي دەپ سومكامنى ئاچسام،سومكامدا چىرايلىق قاتلانغان بىر پارچە خەت تۇرۇپتۇ.مەن ھەيران بولغان ھالدا خەتنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.خەت مۇنداق يېزىلىغانىدى؛
(ئەسىسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك گۈلنۇر ھەدە؛
ئۆتكەندە كىچىككىنە بىر ئىش تۈپەيلى قىزىرشىپ قالغانىدۇق،كېيىنىچە ئويلىنىپ باقسام خاتالىق مەندىن ئۆتۈپتۇ،شۇڭا مەن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سەندىن كىچىك بولغاندىن كېيىن سەل تەشەببۇسكار بولۇپ ئەپۇ سورىشىم كېرەك ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭدا ئىنىتايىن خىجىلمەن.مېنى كەچۈرگىن.سەن مەڭگۈ مېنىڭ ياخشى ھەدەم.
خەتنى ئوقۇپ بولۇپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم.چۈنكى بۇ مېنىڭ نامىمىدا گۈلنۇر ھەدەمگە يېزىلىغان كەچۈرۈم سوراش خېتى ئىدى.مەن ئەزەلدىن ھەدەمگە بۇنداق خەت يېزىپ باقمىسام.بۇ خەت قانداق پەيدا بولۇپ قالغاندۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە قەغەزدىكى مېنىڭ پوچىركاممۇ ئەمەس.بۇ خەتنى ھەدەم يازدىمىكىن دېسەم،بۇ ئەقىلىگە پەقەتلا سىغىمايدۇ...كاللامدا نۇرغۇن چىگىش سوئاللار پەيدا بولغان مېنى قىينىماقتا ئىدى.تۇيۇقسىز نەۋرە سىڭىلىم مۇيەسىسەر خىيالىمدىن كەچتى.توغرا،تېخى بايام ئۇنىڭ ھۇجرا ئۆيۈمدىن جۇدۈكسىرىگەن ھالدا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى، بۇ خەتنى چوقۇم ئۇيازغان،لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇدناق قىلىدۇ؟قائىدە بويىچە بولغاندا بۇ خەت ئەسلى ھەدەمگە تەگسە بولاتتىغۇ؟....ھەي،كاللام يەنە ئېلىشىپ كەتتى.ئاخىرى بۇ ئىشىلارنىڭ ھەممىسىنى مۇيەسىەردىن سورىماقچى بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا چىقتىم.قارىسام گۈلنۇر ھەمدەممۇ مۇيەسىسەرنىڭ قېشىدا بىر پارچە خەتنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.ھەدەمنىڭ قولىدىكى خەتنى ئوقۇسام،قىزىق،بۇ ھەمدەمنىڭ نامىدا ماڭا يېزىلىغان بىر پارچە(تەسىرلىك)كەچۈرۈم سوراش خېتى ئىكەن ئەمەسمۇ؟پەرىزىمگە بۇ خەتنى ھەدەم يازغاندك ئەمەس.قارىغاندا بۇ خەتلەرنى چوقۇم مۇيەسىسەر يېزىپتۇ-دە!
شۇ خىياللار بىلەن تۇرغىنىمىدا،گۈلنۇر ھەدەمنىڭ مۇلايىم ئاۋازى ئاڭلاندى؛
-مۇيەسىسەر،راستىڭىنى ئېيتىقىنچۇ،بۇ خەتلەرنى سەن يازغانمۇ؟
مۇيەسىسەر گۈلنۇر ھەدەم ئىككىمىزگە بىر قۇر قارىۋەتلەندىن كېيىن مۇنداق دېدى؛
-شۇنداق،بۇ خەتلەرنى مەن يازغان،ئەسلىدە مەن سىلەرنى ئەپلىشىپ قالسىكەن دەپ،ئىككىڭلارنىڭ نامىدا بىر-بىرىڭلارغا خەت يازغانىدىم.لېكىن كىم بىلىسۇن،سومكاڭلارغا سالغاندا ئېھتىياتسىزلىقىتىن ئىككى خەتنىڭ ئورننى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن.شۇڭا...
سىڭىلىم مۇيەسىسەر گىپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتى.ئۆي ئىچىنى بىردىنىلا جىمجىتىلىق باستى.(ئەمدى بىلىدىم.بۇ ئەسلىدەنەۋرە سىڭلىمنىڭ ھەدەم ئىللىمىزنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى ئىكەن ئەمەسمۇ؟)بىردەملىك جىمجتلىقتىن كېيىن بىز ئاچا-سېڭىل ئۈچىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە ئىختىيارسىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. |
|