- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2010-5-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 431سائەت
- جۇغلانما
- 2282
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 548
- تېما
- 166
- توردا
- 431سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 8
- يازما
- 548
- تېما
- 166
|
1.بىراۋ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا ،كۆڭلۈڭگە ئالما،چۇنكى ئاناڭ بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا ئادەمنىڭ ساڭا ئۇنداق قلىش مەجبۇرىيىتى يوق .ياخشىلىق قىلغانلارغا رەخمەت ئىيىت ،مىننەتدار بول ،ئەمما ئىھتىيات قىل،چۇنكى بىراۋ ساڭا ياخشىلىق قىلىشىدا مەلۇم سەۋەب بار، ھەممىسنىڭلا سېنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرۈشى ناتايىن،شۇڭا بۇنى ئايرىۋال، بىراۋنى ئالدىراپلا ھەققى دوستۇمكەن دەپ قالما.
2. ئۆمۈر قىسقا بولدۇ، بۈگۈن ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلساڭ،ئەتە ئۇنىڭ سەندىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى سېزىسەن . شۇڭا،ھاياتىڭنى قانچە بالدۇر قەدىرلىسەڭ ، ھاياتنىڭ پەيزىنى شۇنچە كۆپ سۈرەلەيسەن،ئۆمۈرنىڭ ئۇزاق بولشىنى تىلىگەندىن كۆرە ،ئۇنىڭدىن بالدۇراق ھۇزۇرلىنىشنى بىلسەڭ ياخشى .
3. دۇنيادا مەڭگۈلۇك مۇھەببەت يوق ،مۇھەببەت ۋاقىتلىق بىر تۇيغۇ ،بۇ تۇيغۇ ۋاقىتقا ،كۆڭۈلگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ سەندىن ئايرىلسا سەۋىر قىل ، كۇنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ،كۆڭلۈڭنىڭ تىنىشلىنىشىغا ئەگىشىپ ،ئازابىڭ بارا -بارا يېنىكلەيدۇ. مۇھەببەتنىڭ شېرىنلىكىگە غەرىق بولۇپ كەتمە ،لايىقىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندا ،ئۆزۈڭنى يۇقۇتۇپ قويما .
4. مۇۋاپىقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەر تۈزۈك تەربىيە كۆرمىگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇ ،تىرشىپ ئوقۇمىسىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولدۇ ،دىگەنلىك ئەمەس. ئۆگەنگەن بىلىم سەن ئۇچۇن قورال . ئادەم قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ ،ئەمما قورسىقىدا ئۇمچى بولمىسا بولمايدۇ. بۇنى ئېسىڭدە تۇت .
5. مەن سىنى مەن قېرىپ قالغاندا باقسىكەن دېمەيمەن ،شۇنداقلا سېنى قېرىپ قالغۇچە بېقىپمۇ يۈرمەيمەن ، سەن چوڭ بولۇپ ،مۇستەقىل ياشىيالىغىدەك بولغاندا ،مېنىڭ بۇرچۇم ئادا بولغان بولدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ، ئىشەك ھارۋىسىدا ماڭامسەن ياكى پىكاپتا ماڭامسەن ، زاغرا يەمسەن ياكى كاۋاپ يەمسەن ،بۇ ئۆزۈڭگە باغلىق .
6.لەۋزىڭدە تۇرساڭ بولىدۇ ،بىراق باشىقىلارنىڭ لەۋزىدە تۇرشىنى كۈتۈپ كەتمە ،باشقىلارغا ياخشىلىق قىلساڭ بولدۇ ،لىكىن باشقىلار ماڭا ياخشىلىق قىلسا بولاتتى دەپ تۇرۋالما . سەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ ،باشقىلارنىڭ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلشى ناتايىن ،ئەگەر بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىسەڭ ، ئۆزۈڭگە بىھۇدە باش ئاغرىق تىپىۋالسەن .
7. مەن 26 يىلدىن بېرى لاتارىيە بىلتى ئېلىپ كىلۋاتمەن ،ئەمما 1-دەرىجىلىك مۇكاپات تۈگۈل 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتمۇ چىقمىدى ،دېمەك ،ئادەم بىياي دىسە ، تىرشىپ ئىشلىشى كېرەك ئىكەن .
8.مەن بۇ ئۆمرۈمدە سەن بىلەن قانچە ئۇزاق بىللە ياشاي ، ھامان سەندىن ئايرىلىمەن. شۇڭا ، جەم بولغان ۋاقىتلىرىمىزنى قەدىرلە ، مەن ئۆلۈپ كەتسەم ،مەيلى ياخشى كۆرگىن ياكى ياخشى كۆرمىگىن ، قايتا كۆرشەلمەيمىز .
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى |
|