ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز ئاتا ھەممىگە چىداملىق ئىنسان!
كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 7
go

ئاتا ھەممىگە چىداملىق ئىنسان!

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
969 
تېما
326 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 23:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاتا ھەممىگە چىداملىق ئىنسان!

ھەمىمىىز ئانا ھەققىدە نۇرغۇن ئەسھەرلەرنى يېزىپ ئاشۇ مىھرىبان، جاپاكەش ئانىلارنى كۈيلىدۇق، كۈيلەۋاتىمىز، ئۇلارنى تىللاردا داستان قىلساقمۇ،بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجىرىنى مەدىھلەپ بولالمايمىز.جۈملىدىن ئاتىلارمۇ ھەممىگە چىداشلىق ئۇلۇغ ئىنساندۇر.ئۇ ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈگى. ئۇ ئۈن -تىنسىز جەميەتتىكى مەسئولىيىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، ئائىلىدىكى يۈكنى يەلكىسىگە ئېلىپ، پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن مىننەتسىز قان-تەرىنى ئاقتۇرۇدۇ.ئەشۇ پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈشكە توغۇرى كەلسىمۇ ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمەيدۇ. ئۇ پەرزەنتىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈۋاتقىننى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ بېشىنى مىھرى بىلەن ھەر بىر سىلىغىنىدا، تاتقان جاپايى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئاتا... سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ ئىنسان !،سېنىڭ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇكچۈيۈشكە باشلىغان گەۋدەڭنى كۆرگىنىمدە،يۈرۈگۈم ئېچىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى،سەن بارلىقىڭنى بىزگە ئاتىدىڭ، مەن،بىزنىڭ شوخ كۈلكىمىزدىن قانائەت تاپقان قەلبىڭنى،قوروق چۈشكەن چىھرىڭدىكى مەمنۇنلۇق جىلۋسىنى ،باغرىڭغا باسقاندىكى ئوتلۇق مىھرىڭنى ئەمدى ھىس قىلىۋاتىمەن. شۇڭا سېنى بېشىمدا كۆتەرگىم كېلىدۇ،ئەشۇ كەڭ گەۋدەڭگە ئېسىلىپ،مەڭزىڭگە يۈزۈمنى ياققۇم كېلىدۇ.يەنە قۇچۇقۇڭدا ئولتۇرۇپ،يانچۇقلىرىڭدىكى بىزگە ئېلىپ كەلگەن تاتلىقلارنى ئېلىپ يىگەچ ھىكايەڭنى ئاڭلىغىم كېىلىدۇ....مانا مەنمۇ ئەر بولۇپ، ئاتا بولدۇم، شۇندىلا سېنىڭ قەدىرىڭنى كېچىكىپ بولسىمۇ بىلىۋاتىمەن،سەن بەرداشلىق بەرگەن جاپالارغا ئەمدى مەن بەرداشلىق بېرەلەمەنمۇ؟، يىقىلغان يېرىمىدىن سەندەك دەس تۇرالامەنمۇ؟ سەن بوۋامنى رازى قىلىپ ، دۇئاسىنى ئالغاندەك مەنمۇ سىنىڭ خىزمىتىڭنى قىلىپ سېنىڭ دۇئايىڭنى ئالالارمەنمۇ؟، ئانامغا كۆيۈنگەندەك مەنمۇ بىر ئۆمۈر ئايالىمغا كۆيۈنۈپ ئۆتەلەرمەنمۇ؟، باللىرىمنى سەن بىزنى تەربىيىلىگەندەك تەربىيىلەپ قاتارغا قوشالارمەنمۇ؟.ئاتا...مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىڭنى ئاقلاشقا خۇددى سەندەك بارلىقىمنى ئاتايمەن! سەن مەڭگۈ مىنىڭ دىلىمدا،سىمايىڭ كۆز ئالدىمدا ،ماڭا سېڭدۈرگەن ئەجىرىڭ ئىسىمدە تۇرۇدۇ!.... سېنى تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلدى.... ئەمما مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ،مەن سېنى ھەرگىزمۇ خەلقى-ئالەم ئالدىدا يۈزۈڭنى چۈشۈرمەيمەن.
تۆۋەندىكى ئاتا ھەققىدىكى ئاۋازلىق ئەسەردىكى سۆزلەر مىنىڭ سۆزۈم دەپ بىل!

سىزمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ:

مەنبە:قەلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-6 23:46

توردا
59سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
387 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 00:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنى ئوقۇپ يىغلايمۇ يا ،،،،،،،،،،،،، يانبۇلاق ئەپەندىم سىز بەك يازىدىكەنسىز . ئىچىپ ئېشىپ قالغان سۇلاردېن يېرىم پوتۇلكا ئەۋەتىڭە ، مەنمۇ ئىقتىدارلىق بولاي .

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
267 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 04:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممە شائىرلار ئانام لا دىدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە .

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 10:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەنىمۇ . ئەھىمىيەتىلىك تىما يوللاپىسز . مەن دىمىسەمىمۇ ھەممىنى مۇنۇ ئېسىل تىمىڭىزدا دەپ بولۇپىسز . مەن ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەنىدىم بۇ ئېسىل تىمىڭىزدىن . ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت .

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 10:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا-يۈلەنسەك تاغ، ئاتىمىز بولغاچقىلا تاغدەك ئىشەنچى بىلەن ياشايمىز.

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 17:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ تېمنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم . چۈنكى مەن ئاتامنىڭ قىلغان ئەجرىگە مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزۈمگە يارىغۇدەك جاۋاب قايتۇرالمىغان ئىدىم . مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئۆزۈمگە ۋەدە قىلاي مەن چوقۇم سېنىڭ ئوغلۇم بولۇشقا لايىق جاۋاب بىرىمەن ئاتا . ھازىرچە بۇ بىر سىر .مەن چوقۇم ۋاقتى كەلگەندە سېنىڭ مېنى تەربىيلەپ ئۆستۇرگىنىڭگە لايىق ئادەم بولۇپ چىقىمەن . ئاتا سېنىڭ ئىش قىلغاندىكى ئەقىل - پاراسىتىڭ ۋە ئىرادە جاسارىتىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۆزۈمدىكى بوشاڭلىقلارغا جەڭ ئىلان قىلسۇن بارلىق پاسسىپ ھالەتلىرىمنى يىڭىپ تاشلىسۇن . ئانا سەندىكى مىھرىبانلىق ، تىرىشچانلىق بارلىقىم سەن ئۈچۈن ئوغلۇم دەپ سوققان يۇرۇكۇڭ ماڭا ھەرقاچان ، سېنىڭدەك بىر ئۇلۇغ ئانىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھ بولسۇن .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 18:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلىك ئىكەن . ئاتا _ ئانا ئۆز باللىرى ئۈچۈن ھەمىمىدىن كىچىشكە رازى بولىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
969 
تېما
326 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 19:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
rahmanjan88 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 00:23
بۇنى ئوقۇپ يىغلايمۇ يا ،،،،،،،،،،،،، يانبۇلاق ئەپەندى ...

سىىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتىڭىزنىڭ قەدىرىنى بىلگەن بولسىڭىز ، بۇ ۋاپادار ئوغۇل ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرۈدۇ.ئىقتىدارلىق بولاي دېسىڭز سىزگە پۇرسەت كۆپ، خۇددى ئەشۇ ئاتىڭىزدەك جاپاغا چىدىسىڭىزلا ، سىز قىلالمايدىغان ئىش يوق. سىزگە ئاللاھ ئەقىل، ئىدىراك، ئېرادە ئاتا قىلسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:57

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.