ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بىكار تەلەپلەر مارشى(مىسكەر)
كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 9
go

بىكار تەلەپلەر مارشى(مىسكەر)

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 14:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس

بىكارچى دىمەڭ بىزنى،

قاۋاقلاردا قونالايمىز.

نەدە بار دىسە سورۇن،

شۇ يەرگە ئۈنەلەيمىز.

ئىش ئۇقماس دىمەڭ بىزنى،

تېلىۋىزور كۆرەلەيمىز.

جاننى قىينىماستىنلا،

خوپ ھۇزۇر سۈرەلەيمىز.

كەم ئەقىل دىمەڭ بىزنى،

سىزگە دەرس بىرەلەيمىز.

قۇرۇق ۋەدە بىلەن خەقتىن،

كۆپ نەپ ئۈندۈرەلەيمىز.

شۇم تەلەت دىمەڭ بىزنى،

تەبەسسۇمغا چۈمەلەيمىز.

ئالدانغانلارنى كۆرسەك.

ئەخمەق دەپ كۈلەلەيمىز.

باغرى تاش دىمەڭ بىزنى،

راھەتنى سۈيەلەيمىز.

گۈزەل جانانە قىزدىنمۇ،

پۇلغا بەك كۈيەلەيمىز.

داپشاق يۈز دىمەڭ بىزنى،

لەنەتكە كۈنەلەيمىز.

بىكارغا زەھەر بەرسە،

يەپ ھەتتا ئۆلەلەيمىز.

2000-يىل 2-ئىيۇل، مەكىت

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 16:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللا ئاللا بەك قاملىشىپتۇ . تىمىڭىزغا تەشەككۈر، ھارمىغايسىز....

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ نىمە گەپ ئۆزى(مىسكەر)ئەپەندىم، ئەمدى ئىزلاردا بېكار تەلەتلەر مارشىنى ياڭرىتىۋىتىپسىزغۇ... بۇمۇ ياخشى بولغىنى مەنمۇ باشقىلارغا ئوقۇپ بېرەي..........بەك ياخشىكەن....بەزىبىر ئىلەتلەرنى راۋرۇس قامچىلىغىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟رەخمەت سىزگە...

توردا
51سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 17:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىكار تەلەتلەرنى راسا قامچىلاپسىزغۇ قېرىنداش،ھارمىغايسىز.

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 18:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرسۇنبەگ ئىبرايىمنىڭ ئەسەرلىرى كىشىنى ئويغا سالىدۇ ! بەكمۇ ھەجىۋى ۋە قىزىقارلىق ! تىلى بەكمۇ ئۆتكۇر !!!
تىمىڭىزغا رەخمەت !

توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
137 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
113سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
283 
تېما
15 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 20:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستلا كىشىنى ئويغا سالىدىكەن ....رەھمەت سىزگە !

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
777 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 20:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پەچەت يىزىلغان شىئىركەن .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 20:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەم شۇنداق قىزقارلىق ھەم كىشىنى ئويغا سالىدىغا شىئىركەن.راست بىكار تەلەپلەرنى تازا قامچىلاپتۇ.

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
داپشاق يۈز دىمەڭ بىزنى،

لەنەتكە كۈنەلەيمىز.

بىكارغا زەھەر بەرسە،

يەپ ھەتتا ئۆلەلەيمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:57

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.