ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار شائىر روزى سايىت بىلەن تۇنۇشۇڭ

      

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 6
go

شائىر روزى سايىت بىلەن تۇنۇشۇڭ

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


شائىر روزى سايىت بىلەن تۇنۇشۇڭ


شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيسىنىڭ شەيدۇللا دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان.1951-يىلى ئاتا -ئانىسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتىۋىدە، ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئون نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يېڭى قاشتېشى ژورنىلدا مۇھەررىر بولغان .
  روزى سايىت 1973-يىلدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلغان «دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت -ژورناللاردا «چۈشنامە» قاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى، 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە رۇبائىسى، «بارات يازغان ھېكايە» قاتارلىق بىرقانچە پارچە ھېكايىسى، «ئەتەبەتۇل ھەققايىقنىڭ شېئىرى يەشمىسى» ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر توغرىسدا قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.«قاش تېشىنىڭ رىۋايىتى»، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»، «مەرھابا»، «ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش»، «كۆڭۈلدىكى گەپلەر»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار»، «روبائىيلار»، «تۇيۇقلار»، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار»، «دېھقان كۈلكىسى»، «پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى» قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى . روزى سايىتنىڭ يەنە «ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «بۇ خوتەن، مەن خوتەن قىزى» قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شېئىر،ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .شائىرنىڭ «دېھقان يىغلايدۇ» «چۈشنامە»، «بالىلار پۇلغا زار»، «چىرىكلەر»، «بەدخەج بارات يازغان ھېكايە»، «يىپەك يۇرتىدا نورۇز» قاتارلىق داستان، شېئىر ،ھېكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدئىي سەنئەت دىراممىلىرى ،«بۇ جاھان جاھان كەڭرى، يول كەڭرى» ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «دېھقان بولماق تەس» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ نەچچە ئون مىڭ نۇسخا تارقىتىلدى .
  خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى . مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش، شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .
مەنبە: كۇچا مۇنبىرى



توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
1168 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 09:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن روز سايىت ئاكىمىزنىڭ شىئرلىرىنى بەك ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن....... بولسا مۇشۇنداق ئوتيۇرەك شائىرلىرىمىزنىڭ تەجىمانىلىرىنى يوللاپ تۇرسىڭز بىزمۇ بىلىپ قالساق..........رەھمەت سىزگە

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
813 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 10:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەرھۇم خەلقىمىزنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن، ئاللاھ جايىنى جەننەتتە قىلغاي، ئامىن.

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 11:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دېقاننى بىلىدىغان، دېھقاننى يازىدىغان ھەقىقى خەلىق پەرۋەر شائىر ئىدى. شائىرنىڭ «دېھقان بولماق تەس» نامىلىق شىئىرى ئۇيغۇر شىئىرىيىتىدىكى ئىسىل نامايەندەئىدى. بۇشىئىر ئېلان قىلىنغاندا خەلىق ئۈنئالغۇلىنىتىسىنى نە-نەلەردىن ئىزلەپ تېپىپ ئاڭلاشقان، خوش بولغان ئىدى. ئۇندىن كىيىن مەن تېخى قايسى بىر شئىرنى خەلىق شۇنداق كەڭ ۋە سۈيۈپ ئاڭلاپتۇ دېگەننى ئاڭلىمىدىم. مۇشۇنداق ئىسىل كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدىن كىتىپ قېلىشى نېمە دېگەن ئازاپ-ھە. بەزىبىر مىللەتنى سېتىپ ئۈزىنى سەمرىتىۋاتقانلارغا ھېچئىش يوق.

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 10:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شائىرنىڭ شىئىرلىرىنىڭ مەزمۇنىمۇ مول ۋە مەنىلىك،ئوبرازلىق ئىدى.مەسىلەن «ئۆستى» دېگەن شئىرىدىكى «تۇخۇلارنىڭ يىتىپ دۇئاسى، تۇخۇمىنىڭ باھاسى ئۆستى...» دېگەن قۇرلار كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ.

توردا
58سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
382 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 13:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن بۇ شائىرنى . تەرجىمانىمۇ ياكى تەرجىمھالىمۇ ؟؟؟؟

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 18:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋەتەنپەرۋەر، ئۇلۇغ شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى بىلەن كەڭ تورداشلارنى تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 12:30

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.