ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر خورلانغان زىمىن (چوغلۇق)
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2
go

خورلانغان زىمىن (چوغلۇق)

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
960 
تېما
324 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-19 13:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

خورلانغان زىمىن

يەر-زېمىننى تۈزلەپ كەلدى، توپان بالا تۈرۈلۈپ،

پايانى يوق سۇغا چۆككەن بىرمۇجىزەكۆرۈلۈپ.

نوھ كېيمىسىگە چىقتى يەنە رەزىللىكنىڭ ئۇرۇغى،

كەتتى شۇڭا رەزىللىككە زېمىن باغرى يۆگۈلۈپ.

كۈتكەن زېمىن زور ئۈمىدلەر ئاسىي بەندە،ئىنساندىن،

قايتاپەيدا بولمسىادەپ ئۆچ-ئاداۋەت تۆرۈلۈپ.

باقتى زېمىن ئادەملەرگە،چوڭقۇر تىندى خورلۇقتىن،

كەتكەچ يەنەزەم-زەم سۈيى قان زەرداپقا ئۆرۈلۈپ.

ئەنە قوياش غۇۋالاشتى بۇ زېمىننىڭ بۇسىدىن ،

چىقسا ئايمۇ ،ئاي يۈزىگە قالار قارا سۈركۈلۈپ.

كەيىپ بولۇپ زېمىن ياتارتەغدىرىگە ئېچىنىپ ،

باقسا كۆچكەن يۈلتۈزلارغا ، قاپتۇ قۇيرۇق سۆرۈلۈپ.

قاچان تۈگەر ماتەم كۈيى،بېزار قىلدى پەلەكنى،

پاكلىنارمۇ زېمىن جىسمى،ياغسا يامغۇرتۆكۈلۈپ؟

دوزاق ئوتى ئۆرتىگەندەك،خۇنۈك زېمىن جىلۋىسى،

ئۆڭدى شۇڭا ھايات چىھرى، چاك-چېكىدىن سۆكۈلۈپ.


مەنبە: ئىجادىيەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-19 13:22

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-19 14:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىئىرىڭىزنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇر ئىكەن.ئىجاديىتىڭىزغا بارىكاللا.

Rank: 8Rank: 8

توردا
212سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
39 
يازما
417 
تېما
33 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-19 15:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئىسىل يازما مەنە جەھەتتىن شۇنداق ئىسىل . ھارمىغايسىز چوغلۇق ئاكا. مۇنبەر مانا مۇشۇنداق ئىسىل يزمىڭىزغا مۇھتاج
دىل ئازار ، خۇدا بىزار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 12:27

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.