- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2010-10-9
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 432سائەت
- جۇغلانما
- 10371
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2440
- تېما
- 387
- توردا
- 432سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 47
- يازما
- 2440
- تېما
- 387
|
يىغلاڭغۇلار : بۇ تۈردىكى ئاياللار تۇرقىدىنلا نازۈك كۆرۈنىدۇ . ھەمىشە يوقىلاڭ سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ، ئېرىنىڭ ھەركىتىنى توسىدۇ ، مېڭىش - تۇرۇشلىرغا ئارلىشىدۇ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ياش تۆكىدۇ ، ھە دېسىلا قاچا -قۇچىلارنى چاقىدۇ ، ھەتتا <<ئۆلىۋالمەن >>دەپ ئېرىنى قورقۇتماقچى بولىدۇ . ئېرىنىڭ ھال - ئەھۋالى بىلەن ھەرگىز ھېساپىلىشىپ ئولتۇرمايدۇ .
ئېرىنىڭ ئىشتىياقىغا ئارلىشۋالىدىغانلار : بۇ خىل ئاياللار مەسىلىلەرنى ئۆزنىڭ ئىشتىياقى بويىچە ئويلاپ ، بۇنى ئېرىگە زورىمۇ زور تېڭىپ ، كۆڭلىنى سوۋۇتۇۋېتىدۇ .
كىشىنى يۈرەك ئالدى قىلىپ قويىدىغانلار : بۇ خىلدىكى ئاياللار ئېرىنى جىنسىي جەھەتتىن ئەيىپىلەپ جېنىغا تېگىپ ، ئۇلارنىڭ قورۇنغاق ، قورقۇنچاق ، غەيرەتسىز بولۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەرلەرنىڭ مۇشۇ جەھەتتىن روھىي زەربىگە ئۇچرشىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانىغا باراۋەردۇ .
گەپ ياساشنى بىلمەيدىغانلار : ئىرى چۈشكۈنلەشكەندە، خاتىرجەمسىز تۇرغاندا ، راست - يالغاننى ئارلاشتۇرۇپ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ياسىيالمايدىغان ئاياللار لاياقەتلىك ئايال ھېساپلانمايدۇ ،
روھسىز ، بەل قويىۋېتىدىغانلار : ئەر چۈشكۈن ھالەتتە تۇرغاندا بىردىنلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدىغان ئاياللار يارىماس ھەم خەتەرلىك بولۇپ ، بۇنداق ئايالى بار ئەر تولىمۇ بەخىتسىز ھېساپلىنىدۇ .
ئېرىگە زىيادە ئامراقلار : بۇ خىلدىكى ئاياللار ھەرقانداق ئىشتا ئېرىگەچوقۇنىدىغانلار بولۇپ ، ئىرى نىمە دېسە << لەببەي >> دەپ تۇرىدۇ ، ئېرىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرىدۇ ، ھەتتا يامان ئىشلارنى قىلىشىغىمۇ ماسلىشىدۇ ، مۇستەقىل شەخسىيىتى بولمايدۇ . بۇنداق ئاياللار ئاخىرقى ھېساپتا ئېرىنىمۇ ، ئۆزىنمۇ ئوخشاش نابۇت قىلىدۇ.
ئېرىنى كونتىرۇل قىلدىغانلار : بۇنداق ئاياللار ئىرىگە سايىدەك ئەگىشۋالىدۇ ، ئېرىنى دوستلىردىن ئايرىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ ، بېرىش - كېلىشلەرگىمۇ ۋاقىت بېكىتىپ قويىدۇ . ئاخىرىقى ھېساپتا ، مىسكىن - بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ، مۇۋاپپەققىيەت قازىنىش جاسارتى سۇسلىشىپ كىتىدۇ .
كۈندەشلىكى كۈچلۈك ئاياللار: بۇ خىل ئاياللار ئېرىنىڭ تەلىيىنى قاچۇرۇپ قويىدۇ . بۇ خىل ئاياللارنىڭ ئەرلىرى كەسىپىي جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ؛ پۇل تېپىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. مەنسەپكە ئېرىشىشى، ئۆسۈشى قىيىن بولىدۇ.
قۇۋۋلار : ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ ، ئىشنى بۇزۇپ، ئەرلىرىگە جىجىق سىزىپ بىرىپ، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدۇ.
"قىزىقىش كېسلى"گە گىرىپتار بولغانلار : ھە دېسىلا ئېرىنى باشقا ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئىرىگە ھەۋەس قىلىدىغانلار _ ئۇلار ئېرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىپ بارىدۇ.
ياردەملىشىمەن دەپ ئاۋارىچىلىك تېپىپ بىرىدىغانلار : بۇلار ئىرىنىڭ قارشنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ؛ ئىرىنىڭ دوستلىرنى تەنقىد قىلىپ، كىشلىك مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
زىيادە چېۋەرلەر: ئايالنىڭ ئىرىگە زىيادە ئامراق بولۇشى ۋە ئەركىگە قويۇپ بېرىشى ئەرگە زىيانلىق، ئەگەردە، ئايالدا ئەرنى مۇستەقىل قىلىش خاھىشى پەيدا بولسا، ئەر ياشاش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، زىيادە چېۋەر ياكى زىيادە جاپاكەش خانىملار ئېرىنى تۆرگە چىقىرپ قويۇپ ھەممىگە ئۆزى چات كىرىۋالسا،بۇنداق ئەرنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى تۈزۈك ؛ پۈتۈنلەي ئايالىغىلا تايىنىۋالدىغان ئەرنىڭ ئاقىۋىتى پاجىئەلىك بولىدۇ.
سادد-گۆدەكلىك : بۇلار ھېسيات جەھەتتە تېخى پىشمىغانلار بولۇپ، بالىلارچە خۇي-پەيلى ساقلىنىپ قالغانلاردۇر.
مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا چات كېرىۋالدىغانلار: ئەرنىڭ ئايال كاتىپىغا توغرا مۇئاملە قىلمايدۇ؛ ئېرىگە كۈندە نەچچە قىتىم تېلىغۇن ئۇرىدۇ؛ ئېرىنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن جىدەل قىلىدۇ؛ ئېرى كوماندىرۇپكىغا ماڭسا كوتۇلدايدۇ.
زىيادە قۇسۇرچىلار: "ھەممە ئىشتا مېنى رازى قىلىسەن،خۇش قىلىسەن...."دەيدۇ،قۇسۇر ئىزدەيدۇ.
زىيادە قاتتىقلار: بۇ خىل ئاياللار ئىرىنىڭ كىيىم كىيىشنى ، پۇل خەجلىشىنى ، ھەرىكىتىنى قاتتىق كونتىرۇل قىلىدۇ. بۇنداق قاتتىقلارغا ئەرلەر تاقەت قىلالمايدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە پەرزەنتىلىك بولۇشتىن قورقىدىغانلار، ئانىسىنىڭكىگە بېقىندى بولۇپ قالغانلار، جاۋىلداقلار، جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزارلار ياكى تەلىپى زىيادە كۈچلۈكلەر، تاماق ئېتىشنى ياقتۇرمايدىغانلار قاتارلىقلار بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-27 00:33
|
|