ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قىسىقىچە تەرجىمالى

      

كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 9
go

مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قىسىقىچە تەرجىمالى

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 16:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس ، مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى 11 -ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان .ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى.ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11- ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى زەئىپلىشىپ ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقوق تالىشىش زىددىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەن ئىدى .بۇ خىل مۇھىت مەھمۇت قەشقىرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا ، ئۇنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن قەيسەر ، تىرىشچان ، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەيمۇ قالمىدى.ئۇ قارا ىانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقوقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قىرانلىق مەزگىلىدە ، يەنى مىلادىيە 1058-يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىپ ، ھۈسەيىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قىرىپ تاشلاندى ! شۇ قىتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگۈرۈشدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپى ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ . مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى ، سىر دەريا ۋادىسى ، ئوغۇز (دەريايى جەيھۇن) دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك ، تۈرۈكمەن ، ئوغۇز ، چىگىل ، ياغما ، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زىمىنىنىئايلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ .
مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىيە » ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە » لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ، ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك ، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زىمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيتى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ . ئۇ بارغانلىكى يەردە بىر مەزگىلدىن تۇرۇپ ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئولۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتىرىياللارنى توپلايدۇ . 40 ياشقا قەدەم بىسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى يىزىشقا كىرىشىدۇ .
مەھمۇت قەشقىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يىزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا « قەشقەرى » دىگەن نامنى قوللۇنۇشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يىزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن . ) . ئەسەر مىلادىيە 1074- يىلى 2- ئايدا يىزىلىپ تاماملانغاندىن كىيىن ، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبىن ئەبلىپەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن ھىجرىيە 446- يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ . مەھمۇت قەشقىرى ھىجرىيە 464-يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىلادىيە 1074_1073) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ ، ھىجرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى ) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى ، ھاشىمىلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئۇغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللا ھەزرەتكە تەقدىم قىلىدۇ .
ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ - ئارمانلىرى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ . بىراق ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سىغىنىش ئوتى بارغانسىرى يالقۇنجاپ ، ھىجرىيە 472 -يىلى (مىلادىيە 1080 - يىلى ) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ . ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، كىندىك قىنى تۆكۈلگەن توپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دىگەن يىرىدە « مەدرىسەئى مەھمۇدىيە » نامىدىكى مەدرىسەنى قۇرۇپ ، « ھەزرىتى موللام » ( بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم ) دىگەن نامدا ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىدۇ . 8 يىل مۇددەرىسلىك قىلغاندىن كىيىن ، مىلادىيە 1105 - يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ .
مەھمۇت قەشقىرى باغدادتىن قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىنلا ئەرەپ زىمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى . شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ . ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ، شۇ قىتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ كىتىدۇ . بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسمى كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ . ئەمما « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ نەدىلىكىنى ھىكىم بىلمەيدۇ . ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز - دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ ؟ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قان - تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ ؟ ئەرەپ زىمىنىدا ھىچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دىرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ . ئەمما ، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن ، بۇ ئىسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى . ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتقاندا ، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئىلىۋاتقان نامالۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئوردا كۈتۈپخانىسى ئىچىدىن بىر نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئىلىپ چىقىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىشى بىلمەيدۇ .
تارىخ چاقى مىلادىيە 1200 - يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان ، جۇلدۇر كىپەن بىر قىرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ . ئۇ بىر كۈنى ھىچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ . ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسغا قاراپ كىلىۋاتقان جۇلدۇر كىپەن بىر تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ - نەيزىلىرى بىلەن توسىۋىلىپ ، نەدىن كەلگەنلىكىنى ، پادىشاھقا ئىيتىدىغان قانداق ئەرز - دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ . ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى ، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھىچقانداق ئەرز - داتىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كيىن ، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ . پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ . بۇ جۇلدۇر كىپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگىدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇر ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرىخونمىدۇ ؟ تىلەمچىنىڭ تەققى - تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ . قىرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، قولىدىكى بوقچىنى ئاۋايلاپ يىشىپ ، بوخچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئىلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ . بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن يىزىلغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34 - ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بىرىپ يولغا سالىدۇ . بۇ مىلادىيەنىڭ 1225 - يىللىرىغا توغرا كىلەتتى . خەلىپە ئەل ناسىر (مىلادىيە 1225 - 1180 ) بۇ كىتابنىڭ بىباھا ، تىپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرۈتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈپخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرىشتىن سىرت ، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بىرىدۇ . خەلىپە ئەل ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زاماز باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كىلىدۇ . ئەپسۇس ، خىرىستىيان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ ( كىرىست قوشۇنى ) ئىككىنچى قىتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ ، ئەرەپ زىمىنلىرىنى تيەنە بىر قىتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ . ئاشۇ مالىمانچىلىقتا « تۈركى تىللار دىۋانى » يەنە بىر قىتىم دىڭىزغا تاش چۆككەندەك غايىپ بولۇپ كىتىدۇ . ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز - دىرىكىمۇ بولمايدۇ . كىشىلەر قادىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەخمۇت قەشقىرى دىگەن تۈرك ئالىمنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى »ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ . ئەمما ، ھىچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ .
1- دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركىينىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ئىغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ . بىر زەمبىرەك ئوقى ئاق سۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇچنىڭ ئۆگزىسىدە پارتىلاپ ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈپخانىسىنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ . كىشىلەر كىتاپ دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان ، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ .بۇ ئەسلىدە « تۈركى تىللار دىۋانى »نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ ، ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىپ بىينىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ ، كىيىنچە تۇرمۇش ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۈتۈپخانىسىغا رەنىگە قويغان قولياما نىسخىسى ئىدى . ئەل ئىمىر كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈخانىغا كىلىپ (ھىجرىيە 1335 - يىلى ، مىلادىيە 1974 - يىلى ) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سىتىۋالىدۇ . ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ ، 1917 - يىلى ئەسلى نامى بويىچە ئىتانبۇلدا مىخ مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ .دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈرۈكچە ، نېمىسچە ، ئېنگىلىزچە ، رۇسچە ، ۋېنگر تىللىرىدا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئىلان قىلىدۇ . گىرمانىيلىك « تۈركى تىللار دىۋانى » تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم ، سام تىللىرى مۇتەخەسىسى كارىل . بىرىككىلىمان 1928 - يىلى « تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكىسنى ئىلان قىلىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش xx ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىنىدۇ . تۈركىيلىك داڭلىق تىلشۇناس ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، كىل سىلى رىفئەتنىڭ ئىستانبۇل مىخ مەتبەئە نەشىرىگە ئاساسەن 1941 -يىلى « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسنى نەشىر قىلدۇرغاندىن باشقا ، يەنە بۇ كىتابنىڭ فاكسىمىل ( فوتو سۈرەت نۇسخىسى ) نۇسخىسىنىمۇ بەشىر قىلدۇرىدۇ .
1960 - يىلىسابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى ، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىپوف « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى تۈركچىدىن ئۆبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ .
1955 -يىلى قەشقەردە ئاكا - ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەت زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەجىمە قىلغان بىرىنچى ئورگىنالى قولدىن چىققان ، ئەمما نەشىر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس .
1963_ 1966 -يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن ، ئەمما سوتچىل خاتا ئىدىيىنىڭ تەسىرىدىن نەشىر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن .
1980-يىلنىڭ بىشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ھەر مىللەت تىلشۇناس ، مۇتەخەسىس ، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ ، ئېنىسكوپېدىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ ئيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدۇلھىمىت ھاجى يۈسۈفى ، ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى ، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى ، مەدەنىيەت - تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى ، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى ، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىشى بىلەن « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ 1941 - يىلى بىسىم ئاتالاي تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشىر قىلدۇرۇلغان فوتو - سۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشىرگە تەييارلىنىپ ، 1981 - يىلدىن 1984 -يىلغىچە ھەممە قىسمى ھازىرقى زاماز ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن نەشىر قىلدۇرۇلۇپ ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن . مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغان ۋاقتىدۇر . بۇ كىتاب 2002 - يىلى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى .
« تۈركىي تىللار دىۋانى » مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە فولىكلور ، مەدەنىيەت ، تارىخ ، ئارخىلوگىيە ، دىن ، توپونومىيە _ يەر ناملىرى ، سوتسىئولوگىيە ، ئېتنوگىرافىيە ، پەلسەپە ، جۇغراپىيە ، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكىلوگىيە جەھەتلەرگە چىتىلىدىغان قامۇسى ئەسەر بولۇپ ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن ، سۆزلۈكلەرگە ئورگانېكل بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا « تۈركىي تىللار دىۋانى » غا 242 كۇپلېت شېئىر - قوشاق ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال تەمسىلنى ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام ، ئوبرازلىق قۈملىلەر ئارقىلىق فونتىكىلىق ، گىرامماتىكىلق ئانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن .
مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر !

مەنبە : تەرمىلەر ژۇرنىلى

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 17:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت جىمۇ سزىىگە ئوماق سڭىلىم . مەخىمۇت قەشىقەرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى بىلەن يۇز كۆرۇشتۇرگنىڭىزىگە .

توردا
250سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
377 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن مەھمۇد قەشقەرى توغرىسىدىكى تارىخي روماننى بىر قانچە قىتىم ئوقۇپ چىققانتىم، بۇ تىمىڭىزدىن ‹‹تۇركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ تارقىلىش جەريانىنى بىلىۋالدىم، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
abida04 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:14
مەن مەھمۇد قەشقەرى توغرىسىدىكى تارىخي روماننى بىر قان ...

ھوي ئابىدە خانقىز بەكلا يوقاپ كەتتىڭىز جۇما...نىمانداق چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز، ئۇنداق قىلماي مۇنبەرگە كىرىپ تۇرۇڭ سېغىنىپ قالدۇق سىزنى

توردا
250سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
377 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

شۇ كىسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىنمۇ ئىستىپا بەرگەنتىم دەڭە تولا ئاغرىپ قىپ..... ئاللاغا شۈكرى، 4 كۈن بولدى خىزمىتىمنى تىپىۋالغىلى، ئەمدى كۈندە چىقىپ تۇرىمەن مۇنبەرگە!

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
abida04 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:31
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

شۇ كىسەل سەۋەبىدىن خى ...

مۇنبەرگە كۈندە چىقالايدىغان ئىشىڭىز كۆڭلۈمدىكىدەك بوپتۇ...سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ

توردا
250سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
377 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

رەھمەت! ھىلىمۇ مىنى ئۇنتۇپ قالماپسىز.....

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
66 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 20:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە ھەر بىر ئۇيغۇر «مەھمۇد كاشىغەرى» رۇمانىنى بىر قېتىم بولسىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقسا ئۆزىنى ئازراق بولسىمۇ بىلەتتى . لىكىن كىتاپ كۆرىدىغانلار مەيخانا ، رىستۇرانلاردىكىلەرگە يەتمەيدۇ .

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
729 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 22:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
109 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 12:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:12

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.