- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 236سائەت
- جۇغلانما
- 8650
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2152
- تېما
- 263
- توردا
- 236سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2152
- تېما
- 263
|
شېررىل مىناد ئامرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە شىتاتى ۋىلفاكىس شەھرىدىكى بىر چىرايلىق ئايروپىلان كۈتكۈچىسى ، لىكىن ئۇ تۇغۇلغاندىلا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىرسىيەت خاراكتىرلىك <<تورسىمان پىگىمىنىتلىق تېرە كېسىلى>> گە گىرىپتار بولغانلىقتىن قول ۋە پۇتىدا بارماق ئىزى يوقالغان، يەنە ئۇنىڭ تىرىسىدە تەر بەزلىرىمۇ يوق ئىكەن، شۇڭا باشقىلاردەك نورمال تەرلىمەيدىكەن، ئۇنىڭ بارماق ئىزى بولمىغانلىقتىن، تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن، خىزمەت ئىزدەش جگريانىدا بارماق ئىزى بولمىغانلىقتىن ، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان، مىنادنىڭلا بارماق ئىزى يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە سىڭلىسىنىڭمۇ بارماق ئىزى يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئىچىدە پەقەت ئوفىتسىر دادىسىنىڭلا نورمال بارماق ئىزى بار بولۇپ ، دادىسى ھەربى قوشۇندا ئالىي بىخەتەرلىك دەرىجىسى بولغانلىقتىن ئۆيىدىكىلەرنىڭ بارماق ئىزىنى پات-پات ئىلىپ تۇرىدىكەن، لىكىن ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزىنىڭ بارماق ئىزى يوق بولغانلىقتىن ئۇنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە مىنادنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دۇنيادىكى بارماق ئىزى يوق بىرلا ئائىلە ئەمەس، يىقىنقى يىللاردا بايقالغان خۇاڭ فامىلىلىك قەبىلىدە بارماق ئىزى يو ق ئادەمدىن جەمئىي 60 بايقالغان، ئۇلارنىڭ 10 بارمىقىدا ئوخشاش بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ سىپ-سىلىق ھىچقانداق ئىز يوق، پەقەتلا ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىدا 3 تال پاراللىل سىزىق باركەن، ئۇنىڭدىن باشقا شاڭخەي قانۇنچىلىق گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 2006-يىلى 12-ئاينىڭ13-كۈنى سەھەر سائەت 5لەردە شېنياڭ خۇاگو جامائەت خەۋىپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى لۇڭجىياڭ پەيچۇسوسىنىڭ خەلىق ساقچىسى بىر ئوغرىنى تۇتىۋالغان ، ئوغرىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە ، ئۇ بىر يىلدىن بۇيان 100قىتىمدىن ئارتۇق ئوغۇرلۇق قىلغان ، ئۇ ئوغرى ماتىريالىغا بارمىقىنى باسقاندا لۇڭجىياڭ پەيچوسوسىدىكى خەلىق ساقچىلىرى ھەيران قالغان ، بۇ ئوغرىنىڭ بىرمۇ بارمىقىدا بارماق ئىزى يوق بولۇپ، پەقەتلا نەچچە تۇتۇق كىرىس شەكىللىك ئاق سىزىقچە بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. |
|