ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى (كاۋا ...

      

كۆرۈش: 177|ئىنكاس: 5
go

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى (كاۋاپ)

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 12:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ شەكلى ھەر خىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قىممىتىگە، ئېتنوگرافىيەلىك قىممەتكە، مەدەنىيەت قىممىتىگە ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە. ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان، مىللىتىمىز ئۆزىنىڭ سەرخىل يېمەك-ئىچمەكلىرىنى يارىتىشتا، ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن ئىزدىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئېستېتىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ مول مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. چۈنكى، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىدە رايونىمىزنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكى، گۈزەللىك قارىشى، فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجى، پىسخىكىلىق ئېھتىياجى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلار چىقىش قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن چەت ئەللىكلەر بولسۇن ياكى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن، ئۇيغۇر تائاملىرىنى يېگەندە، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەمىگە قىزىقىپلا قالماي، بەلكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگىمۇ ئىنتايىن قىزىقىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تائاملىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بازار تېپىپلا قالماي، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ بۇ خىل سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ مول ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئېستېتىكىلىق قىممەتكە ئىگە بولغانلىقىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ بارلىققا كەلگەن تارىخىنىڭ ناھايىتى قەدىمىيلىكى بىلەنمۇ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 13:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجەپمۇ يىگۈم كەلدى، ئاغزىمغا سىرىق سۇ كىلىپ كەتتى......

Rank: 8Rank: 8

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1482 
تېما
232 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 14:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزنىڭ تاماق تۈرلىرمىز ھەر خىل ھەم ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقرى.......بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن چەتئەللىكلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

ئوخشىغان تۇنۇر كاۋپىنى كۆرۈپ قۇسقۇم توق بولسىمۇ ئەجەپ يىگۈم كەلدى.

توردا
151سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
307 
تېما
90 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 15:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك يىگىم كەلدى جۇمۇ

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 16:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قاراڭ ئاۋۇ بەل كاۋاپ، تونۇر كاۋاپ، زىخ كاۋاپلارغا ! تۇرقىدىن ئوخشىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ. ئەگەر ئالدىدا بولغان بولسادە............

Rank: 8Rank: 8

توردا
895سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2030 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 16:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاۋۇ كاۋاپنى.....ۋاھ ۋاھ...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:12

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.