سەن ئويغاق دىللاردا كۆكلىگەن ۋەتەن
)مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن( «ئىزدىنىش» بېغىداقىلغاندا سەير،
تاڭلاردىن نۇرئەمدى كۆڭۈل ئاسمىنىم
گوياكى ياپراقتەك تىترەپ كەتتى تەن،
«قەرزدار» كۈيىدىن دولقۇنلاپ قېنىم
سەن غۇلجاباغرىدىن تۆكۈلگەن مېھىر،
سەن ئۇيغۇر قېنىدائېقىۋاتقان قان
ئازابلىق تارىخقاچۆمۈلدى ھەممە،
«ئانايۇرت»كۈچىدىن مەست بولۇپ جاھان
سەن كۈنگەسۈركۈلۈپ چاقلانغان شەمشەر،
سەن چولپان كۆكلەردە ھەممىدىن ئۈستۈن
سەن چاڭقاق دىللارغا قۇيۇلغان كەۋسەر،
ئۈنۈڭنىڭ بەرقىدىن كۆيەر قارا تۈن،
سەن جەسۇرروھلاردا چاقنىغان تارىخ،
بىر نۇرلۇق ئابىدەمەڭگۈ ئۆڭمىگەن
ئەۋلادلار قەلبىدەپارلىغان قۇياش، سەن ئويغاق دىللاردا كۆكلىگەن ۋەتەن.
مەنبە:باغداش مۇنبىرىدىن- قۇتيار ىشئىرى. رەسىملەرنى ئۈزۈم توردىن يىغقان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -yadikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-5 12:32
|