ئۇيغۇر قىزى 
ئاي يۈزلۈك چىھرىڭدىن تۇلۇن ئاي خىجىل، قايرىلىپ بېقىشىڭ گۇلدىنمۇ ئسىل، پاك ئىزىڭ بوپ قالسۇن مىللەتكە كېپىل، ئۆزەڭ گۈل، قولۇڭ چىۋەرئۇيغۇر قىزى. 
ئۆزەڭسەن پاك ئەخلاق بابىدا سۇلتان، سەن بىلەن چىچەكلەر ھەر قانداق ئارمان، سەن بەردىڭ بارچىگە چەكسىز كۈچ-دەرمان، ئىمانىڭ،ئىپپىتىڭ بار ئۇيغۇر قىزى. 
قىلمىغىن ئۆزەڭنى پۇل ئۈچۈن خاراپ، قەلبىڭگە چەكتۈرمە پىغانلىق ئازاپ، ۋاپانىڭ جامىغا تولدۇرغىن شاراپ، پاكلىقتا مەشھۇرسەن ئەي،ئۇيغۇر قىزى. 
ساقلىغىن پاكلىقنى ئەۋلادىڭ ئۈچۈن، ئەجىر قىل ، مىھنەت قىل مىللىتىڭ ئۈچۈن، مىھرىبان ئانا بول پەرزەنتىڭ ئۈچۈن، ياشىغىن ۋىژدان بىلەن ئۇيغۇر قىزى. 
ۋاقىتسىز سولمىسۇن سۆيگۈ باھارىڭ، بىھۇدە ئۆتمىسۇن گۈزەل ياشلىقىڭ، تەرىپلەپ داستانلار پۇتسۇن ئەۋلادىڭ، بۇرچۇڭنى ئۇنۇتما،سەن ئۇيغۇر قىزى! 
ھاياتىڭ مەناسى گۈللەرگە تولسۇن، تىلىگىم تا ئەبەت سوۋغۇتۇم بولسۇن، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئەۋلادىڭ قالسۇن، خەلقىمنى ئەيلىگىن شاد ،ئۇيغۇر قىزى. 
مەنبە:ئىجادىيەت |