ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مــەڭگـۈلــۈك ئـايرىلىشـنىڭ سـەۋەبـى

      

كۆرۈش: 154|ئىنكاس: 13
go

مــەڭگـۈلــۈك ئـايرىلىشـنىڭ سـەۋەبـى  

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 14:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


يىگىت كېتىشتىن بۇرۇن قىزغا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. خەتكە مۇنۇلار يېزىلغانىكەن:«مەن كەتتىم، تېلېفون نومۇرۇمنىمۇ ئالماشتۇرۇۋەتتىم، بۇندىن كېيىن سېنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن. خەيرىخۇش! سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولۇشۇڭنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما ھەر قېتىم سېنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈشنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتەتتىم.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما تورغا چىققان ۋاقتىمدا QQ باش سۈرىتىڭنىڭ تېزرەك رەڭلىك ھالەتكە كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،ئەمما ساڭا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمدا، سېنىڭ يېنىك يۆتەلگەن ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ، يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىيتتى.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما كېچىلىرى ئۇيقۇم قېچىپ، كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا سېنى ئويلايتتىم.
مەن ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، مەن پەقەت دائىم سېنىڭ كۈلكەڭنى ۋە خۇشال ھالىتىڭنى كۆرسەمكەن، دەيتتىم!
سەن ھەقىقەتەن دۆت، سەن بۇلارنى چۈشەنمەيسەن. مەن ھەر قېتىم ساڭا ئۇچۇر يوللاپ، سېغىنغىنىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن « نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن» دەپ سورىغان ۋاقتىمدا، سەن ناھايىتى ئاددىيلا قىلىپ «شۇ، سەل ئالدىراش» دەپ قوياتتىڭ. ھەر قېتىم توردا پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا، مەن بىر ئېغىز سورىسام، سەن بىر ئېغىز جاۋاب بېرەتتىڭ. مەن ھەر قېتىم سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىڭنى، تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىقىڭنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، سىنىڭ ناھايىتى ئەركىن ھەمدە كۈلكە ئارىلاش سۆزلىرىڭ مېنىڭ جېنىمدىن ئۆتەتتى. مەن پەقەت چىدىمىدىم، مەن كەتتىم، ئەمدى ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن. مەن راستىنىلا كەتتىم، مەن ئەزەلدىن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، خەير، ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا!»
يىگىت بۇ خەتنى قىز بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن دەريا بويىدىكى بىر تۈپ دەرىخ تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇپ، بۇ شەھەردىن يىراقلارغا كەتتى.
ئەمما، يىگىت بىلمەيتتى، چۈنكى قىزمۇ بىر پارچە خەت تەييارلىغان بولۇپ، خەتكە مۇنۇلار يېزىلغانىدى:«
كالۋا، سەن نېمىشقا ھەر قېتىم تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا پەقەت بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا، گەپ قىلماي تۇرۇۋالىسەن؟
كالۋا، مەن ئۇنىڭ بىرگە تۇرغان ۋاقتىمدا سەن نېمىشقا شۇنداق خىيالىي تۇرىسەن؟ نېمىشقا سېنىڭ ئاچچىقىڭ كەلمەيدۇ؟
كالۋا، ئەمەلىيەتتە، سەن بىلمەيسەن، ھەر قېتىم سەن ماڭا ئۇچۇر يوللاپ، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىغان ۋاقتىڭدا ياكى باشقا ۋاقىتلاردا دېگۈدەك مەن سېنى ئويلاپ تۇرىمەن، سەن پەقەت مەندىن مېنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنىلا سورايسەن. سەن شۇنى سورىساڭ، مەن قانداقلارچە ساڭا « مەن سېنى سىغىندىم» دېيەلەيمەن؟!
سەن ھەقىقەتەن دۆت ئىكەنسەن، ھەر قېتىم توردا پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا، مەن سىنىڭ كۆپرەك سۆزلىشىڭنى قىلاتتىم. سېنىڭ ئالدىمدا ئەركىن بولالمايدىغىنىڭ گەپ-سۆزدە ۋە گەپ-سۆزدە تەبىئىي بولالمايدىغىنىڭ ئېنىق ئىدى. مەن سەن بىلەن ناھايىتى تەبىئىي ھەم ئەركىن پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما سەن دائىم بىر-بىرلەپ سوئال سورايتتىڭ. سەن سوئال سورىغاندىكىن، مەنمۇ جاۋاب بېرىمەن-دە! سەن شۇنداق، بىر نەچچە ئېغىز سوئال سوراپ، جىمىپ قالغاندىكىن، مەن ھەقىقەتەن سېنى ھېسسىيات جەھەتتىن چارچاپ كەتكەن چېغى دەپ ئويلىدىم.
سەن تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا، مەن يېنىك يۆتىلىپ قوياتتىم، گەرچە مەن زۇكامداپ قالمىغان بولساممۇ، شۇنداق قىلاتتىم. چۈنكى مەن سېنىڭ تېلېفوندىن بىر خىل ئەنسىرىگەن ئاۋازىڭنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلاتتىم.
سەن ھەقىقەتەن دۆت ئىكەنسەن! ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقتىمدا نېمىشقا ئاچچىقىڭ كەلمەيدۇ؟ نېمىشقا قەستەن خۇشال بولغان قىياپەتكە كىرىۋالىسەن؟ نېمىشقا ماڭا تىكىلىپ، دىققەت قىلمايسەن؟
بولدى، خەتنى مۇشۇ يەردە توختىتاي، ئەگەر سەن بۇ خەتنى كۆرسەڭ، ماڭا جەزمەن جاۋاب قايتۇر».
ئەمما قىزنىڭ بۇ خېتى ئۇنىڭ تارتمىسىلا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغانىدى.


مەنبە : ئىنتىرنىت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-22 15:53

توردا
54سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
264 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 14:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس يېزىلىۋاتىدۇ...........

توردا
137سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
949 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 15:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي خۇدايىم مەن ئۇنى خاتا ئەيىپلەپ قويدۇممۇ نىمە ؟ لىكىن مەن ئۇ قىز يازغان خەتتىكى ئىشلارنى قىلغان بولساممۇ ئۇ يەنە...ھەي بولدىلا ! تېمىڭىزغا رەھمەت .

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1326 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 15:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاخىرىنى چۈشەنمىدىم . ( ئەمما قىزنىڭ بۇ خېتى ئۇنىڭ تارتمىسىلا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغانىدى. )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shahrukh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-22 15:41

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 15:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش shahrukh نىڭ يازمىسى

نىمىشقا چۈشەنمىدىڭىز ....؟ ئىنىق تۇرسا .... بەلكىم ئۇ قىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يىرىنى يازمىغان بولىشى مۇمكىن ئاپتۇر ، لىكىن بۇنى يازمىغان بولسىمۇ چۈشەنگىلى بولىدىغۇ ... ئاپتۇرنىڭ مەقسىتى باردۇ بەلىكم ...
مۇشۇنداق قىلسا تىخىمۇ ياخشى چىقىشى مۇمكىن بۇ ئەسەر ... ئەسەر دىگەن مۇشۇنداق ئويلۇنۇشلۇق بولسا ئىنسانلار قىزىقىپ ئوقۇدۇ .... ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت .........

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1326 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 16:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش gulimire نىڭ يازمىسى

يەنە چۈشەنمەپسىز . ئېملاسىنى دەيمەن . ( ئەمما قىزنىڭ بۇ خېتى ئۇنىڭ تارتمىسىلا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغانىدى. )

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1576 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 16:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى ئەسەركەن ،رەخمەت ساڭا ئوماق...........

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 16:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش shahrukh نىڭ يازمىسى

ھە ، تارتمىسىدىلا دەپ بولغان بولسا توغرا بوللاتى شۇنداقمۇ ....؟

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 16:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئىسىت ئىككىسى بىر -بىرگە كۆڭۈل سۆزىنى ئاشكارلىيالماي ئۈتۈپ كىتىپتۇ -دە !!!! مۇشۇنداق ئىشلار نىمدىگەن ئازاپ - ھە !!!!!

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق بۇرۇقتۇمچىلىق نىمىدىگەن يامان ھە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 12:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.