يارسىز قالامتىڭ ياردىن ئايرىلىپ،
نامەردلەر قوينىدىن تارتقانغا باش.
قەلبىدە كۆيگەن ئوتىدۇر پەس،
تۈكۈشۈڭ ئەرزىمەس دەردىدە ياش. 
يانغىن ماڭغان يولۇڭ تامام،
بولمىسۇن پاك سۆيگۈڭ ھارام.
ئالدانما بەرگەن ۋەدىلەر يالغان،
ئىشىنىپ ئاقمىسۇن ياشلىرىڭ تارام. 
ھىسىياتىڭ قۇللۇق زەنجىرى ئۈز،
نامەردلەر سۆيگۈسى ئەمەستۇر تۈز.
پاك ياشا قالساڭمۇ يالغۇز،
ھاياتلىقىڭ بولسۇن پاكىز ئۇز. 
قىينىلىپ تارتساڭمۇ كۈلپەت،
شەيتان ۋەسۋەسىسدىن بولغىن يىراق.
چۇشسە مەزگىلسىز يالتىراق شەبنەم،
ۋاقىتسىز تۆكەر يەسىمەن ياپىراق. 
تىزگىنلە ھېسىياتىڭ سالغىن يۈگەن،
قەلبىڭ سالمىسۇن بىھۇدە چوقان.
روھىڭ قىلمىغىن جىسمىڭ قۇلى،
نابۇت بولغانلارنى كۆزۈڭ كۆرگەن. 
مەنبە: قىشلاق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-19 18:20
|