- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2010-8-21
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 269سائەت
- جۇغلانما
- 4030
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 881
- تېما
- 145
- توردا
- 269سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 21
- يازما
- 881
- تېما
- 145
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىنداشلار بۇ تېمىنى ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولارمىكىن ،سالامدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىمىزدىن چەتنەپ كېتىۋاتقان جەميىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلىرىمىزگە ئوقۇپ پايدىلنىشى ئۈچۈن ياردىمى بولارمىكىن دەپ ئويلاپ مۇنبەرگە يوللىدىم ، ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن .
قەدىمقى زاماندا ئوتكەن بىر پادىشاھ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇخراچە كىيىنىپ ،نەۋرىسىنى ئەگەشتۇرۇپ ئېكىنزارلارنى ئارلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دېققان ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلمىسىمۇ ،خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۇرۇپتۇ . شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ ، يۈگۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يېرىلغان ،قاداق ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ .قايتاشىدا نەۋرىسى بوۋىسىدىن :
_بوۋا ، سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ ،ئاشۇ ئەسكى چاپانغا نىمە ئۇچۇن شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىسىز؟- دەپ سۇراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانى تەربىيەنىڭ كەملىگىنى ھىس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ :
- ئەي، ئەزىز پۇشتۇم ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ . ئېسىڭدە تۇت ، بىر ئېغىز سەمىمى سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۇرەلەيدۇ ...................
بىزدە << سالام بېرىش قەرىز ، ئىلىك ئېلىش پەرىز >> دەيدىغان ھېكمەت بار . ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان تونۇشسۇن- تونۇشمىسۇن ، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ ، بىر- بىرىنىڭ كۆيۈنىشى، ھۆرمىتى ، ھېسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن . شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىمىزدىن قەتئىنەزەر ، ئۆزئارا ئەنئەنە بويىچە تەمەنناسىز ، سەمىمى سالاملىشىشتەك گۈزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم بولمىساق ! بۇ تولىمۇ ئاددى ئەمما مەزمۇندار ئۆتۈنۈش ئىكەنلىكى ھەمىشە ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي !
مەنبە؛ ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى(غەنى ئەرشىدىن يازمىسى)
|
|