- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-22
- تىزىملاش
- 2010-8-21
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 271سائەت
- جۇغلانما
- 4129
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 904
- تېما
- 149
- توردا
- 271سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 22
- يازما
- 904
- تېما
- 149
|
جېك بىلەن ئايالى ئۇخلاش ئۈچۈن ، چىراقنى ئۆچۈرەيلى دەپ تۇرغىنىدا، دېرىزە سىرتىدا ئوغرى مۆشۈكتەك تىمسىقىلاپ يۈرگەن بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆز ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
جېك دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدى.
-نېمە بىرسى ئۆيىڭىزدىما؟- سورىدى ساقچى .
-ئۆيگە تېخى كىرمىدى ، ئەمما ئۇلار ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىمدا، -جېك پەس ئاۋازدا ئۇلارغا چۈشەندۈردى.
تېلېفون ئالغۇچى ئۇنىڭغا ھازىر بارلىق ساقچىلار سىرتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاچقا ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوقلىقىنى، ئىشىكنى ئوبدان قۇلۇپلاپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشنى، ساقچىلارنىڭ ۋاقتى چىققان ھامان ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
- ئۇنداق بولسا بوپتۇ،- جېك شۇنداق دېگىنىچە تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتى ۋە بىر مىنوت ئۆتمەيلا ساقچى ئىدارىسىغا يەنە تېلېفون قىلدى.
- بايا سىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدا ئوغرى بارلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدىم . ئەمدى ئەندىشە قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋەتتىم،- جېك تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇپ بەش مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ ساقچى ماشىنىسى بىلەن تولۇق قۇراللانغان ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەترىتى ھەمدە بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جېكنىڭ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىنى قورشىۋالدى . ئۇلار ناھايىتى تېزلىكتە ئوغرىلارنى تۇتۇۋالدى ۋە جېكقا:
- سىزنى ئۇلارنى ئېتىۋەتتى دەپ ئويلاپتۇق،- دېدى.
- مەن تېخى ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتى يوق دەپ ئويلاپتىمەن،- دېدى جېك.
« يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
|
|