
نەچچە ھەپتىلىك جىددىي تەييارلىقلار ھەممىمىزنى خېلىلا چارچىتىپ قويدى، بۇ جەرياندا بلوگقا تۈزۈكرەك بىر نەرسىمۇ يازالمىدىم، سەۋەبى شۇ دوستىمىز ئۆتكۈزمەكچى بولغان كۆرگەزمىنىڭ ئىشلىرى...خوش قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەق مەزمۇنغا كېلەيلى، ئالدى بىلەن كۆرگەزمە ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ يىگىتنىڭ تەرجىمىھالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: 
مەمەتئىلى يۇنۇس،1988-يىلى تۆتىنچى ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرامەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ،2007- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى گۈزەل -سەنئەت فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان.ھازىر قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى 2007-يىللىق3- سىنىپتا ماي بوياق رەسىم كەسپىدە ئوقۇغۇچى.مەمەتئىلى كىچىكىدىن ھۆسىنخەت يېزىشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن ،تىرىشچان بالا.باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا ھۆسىنخەت يېزىشنى باشلىغان، ئۆزىنىڭ قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىشى ۋە ئۇستازى قۇربانجان روزى شەيدائى ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولغان، شۇ چاغدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا90پارچىدىن ئارتۇق ھۆسىنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. يەنە تېخى مەملىكەت دەرىجىلىك،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە ئەسەر قاتناشتۇرۇپ تۆت دانە ئالتۇن مېدال، ئىككى دانە كۈمۈش مېدال،بىردانە مىس مېدال مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى يېڭى كۇتۇپخانىسىدا ئۆزىنىڭ شەخسى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ،قەشقەر شەھرى ئىچىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنى ئىشتىراك قىلغان تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.تۆۋەندە كۆرگەزمىگە قويماقچىى بولغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.ئالدىن كۆرگەچ تۇرۇڭلار. 

كۆرگەزمىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن يوللىنىدۇ. مەنبە: بىلىكيار بلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا artboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 09:08
|