توي كۆينىكى

«ھىكايە»

ئۈمەر ئىسمايىل

_ كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە ۋاقتىڭىز بارمۇ؟. ئۇنىڭ مىنىڭدىن مۇنداق سۇئال سورىشىنى ئەزەلدىن خىيال قىلىپ باقمىغان ئىدىم.
_ بار.
_ سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم باتتى. ئىككىمىز كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە يىقىن ئەتراپتىكى خالىيراق بىر جايدا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشتۇق. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تەسۋىرلەپ بىرىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلاتتى. ئۇ مەن ئىككى يىلدىن بىرى ياخشى كۆرۈپ كىلىۋاتقان،نەچچە رەت تەلەپ قويغان بولساممۇ لىكىن تىگىشلىك جاۋاپ ئالالماي قۇلوم يەتمىگەن ئاچچىق شاپتۇل،مىنىڭ نەزىرىمدىكى غۇبارسىز ئاپپاق چىچەك،مەن تەلمۇرگەن كۆڭلۈمدىكى سۆيگۈ مەبۇدەم ئىدى.
_ نىمانداق كەچ بولمايدىغاندۇ؟. كۈنلەرنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىگىنى بۈگۈن ھىس قىلدىم. قولۇم ھىچقانداق ئىشقا بارمىدى،ئۇ كەچتە ماڭا نىمە دەر ،يا مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قەلبىمدىن تەسىرلىنىپ تەلىۋىمگە قۇشۇلغاندىمۇ؟،ياكى «بولدى بەس ،ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنمە »دەپ ماڭا ئىنىق ئەسكەرتىپ قۇيماقچىمىدۇ؟ .... ئاخىرى قانداقلا بولمىسۇن بۇ دىگەن ماڭا كەلگەن بىردىنبىر پۇرسەت دەپ ئويلاپ بالدۇرلا ئىشتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ياخشىراق تەسىر بىرىش ئۈچۈن ئۈستىباشلىرىمنى تۈزەشتۈرۈشكە ساتراشخانىغا يول ئادىم.
_ ئاكا ،بۇ ساقىلىڭىز تىخى دىگەندەك ئۆسمەپتىكەن .
_ نىمانداق گەپ قىلىسەن- ھۇي ئۇكام. ئال دىگەندىن كىيىن ئالىۋەرمەمسەن. ساتىراچقا ئارتۇق گەپ قىلماي راھەت يۆلەنچۈكلۈك ئۇرۇندۇقتا ئولتورغۇنۇمچە خىيال دەرياسىغا غەرىق بولدۇم.« مانا ئۇ يىنىمدا ئولتۇرىدۇ،چىرايلىق ماشىنامنى ھەيدەپ ساياھەتكە ماڭدۇق.كەينىمىزدە قوشكېزەك بالىلىرىم بىر نىمىلەرنى تالاش -تارتىش قىلىشىپ چۇرۇلدىشىپ ئويناۋاتىدۇ. ئاھ! ئۇ يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ قۇيىۋىدى تەنلىرىم بىھۇش بولۇپ دىلىم يايراپ كەتتى.» بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بولماس ئەمدى.
-ۋاي-ۋايجان.
_ كەچۇر ئاكا، ئازراق كىسىلىپ كەتتى. ئەتىر سۈرۈپ قۇياي . ئىچىشىپ ئاغرىپ كەتتى، مەيلى بومۇ بولغىنى -دىدىم ئىچىمدە.
دىيىشكەن ئورۇنغا كىلىپ ئۇنى ساقلىدىم.بالدۇر كىلىۋالغان بولسام كىرەك ،يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ماڭا قاراپ قۇيۇشاتتى. بەزىلىرى ماڭا قاراپ نىمىلەرنىدۇر پىچىرلىشاتتى. ئەجەپ كىلەلمەيدىيا، قايسى تەرەپتىن كىلەر.كۆزۈم يولدىلا ئىدى.كەچمۇ كىردى ،ئالاھىزەل بىر يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۇ يىتىپ كەلدى.چىرايىدىن ئادەتتە كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
_ بالدۇر كىلىۋاپسىزغۇ؟
_ شۇ ،ئەمدى ئىشتىن بالدۇر چۈشكەن .قىلىدىغان باشقا ئىش بولمىغاچ كىلىپ سىزنى ساقلاپ تۇردۇم.
_ بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ ئازراق تاماق يەيلىمۇ؟
_ ياق. ئۇ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىۋەتتى.
_ سىزنىڭكىگە بارايلى. ئىككىمىز ياندىشىپ ئۈن-تىنسىز ھالدا مىنىڭ ئۆيۈمگە قاراپ يول ئالدۇق.
_ قىنى كىرىڭ ،ئىشىكنى ئىچىپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم .
ئۇنى مىھمانخانا ئۆيگەباشلاپ قۇيۇپ چاي دەملەشكە ماڭدىم.
_ چاي ئىچىڭ. ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا تاشلاندى-ھەم ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغلىۋەتتى. ئۇ شۇنداق تۇيۇقسىز ماڭا تاشلانغاچقا ئۇنى تۇتۇۋالالماي كىرىسلوغا ئولتۇرۇپ قالدۇق، ئۇ ئىككى قولى بىلەن بوينۇمدىن گىرە سىلىۋالغان بولۇپ يىغىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئىھتىمال ئىچى دەرىتكە تۇشۇپ كەتكەن بولسا كىرەك دەپ ئۇيلاپ ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ مىدىرلىماي شۇ ھالەتتە تۇردۇم.ئۇ مىنى بارغانسىرى ئۆزىگە تارىتتى. ئۆزۈمنى ناھايتى تەستە كونتىرول قىلىدىم.
_ كەچۇرۇڭ، سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن،لىكىن سىزنى نىكاھىمغا ئالماي تۇرۇپ جىنىم چىقىپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن. مىنىڭ بۇ گىپىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمدى توختاي دەپ قالغان يىغىسى باشقىدىن باشلاندى.
_ بىردەم جىم تۇرۇپ بىرىڭ ،سىزنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ ئىچىمنى بوشىتىۋالاي، ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ چىقاتتى.
_ بىلىمەن ،سىز مىنى ياخشى كۆرىسىز ،ماڭا قىلغانلىرىڭىزدىن مەن تولىمۇ خۇشال ،سىزنى ئۇچراتقاندىن كىيىن دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئادەم بولامدىغاندۇ، خۇدايىم مىنى نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق مۇشۇ ئادەم بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قويمىغاندۇ، ھىچبولمىسا مۇشۇنداق بىر ئاكام بولسىچۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم. سىزگە قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالمايدىكەنمەن،مۇشۇنداق تۇرۇپ گىپىمنى دەۋىرەي-دىدى ئۇ پەس ئاۋازدا.
_ مەن سىزنىڭ ياخشى كۆرىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. مەن سىز ئويلىغاندەك پاك قىزلاردىن ئەمەس. ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ناتوغرا يولغا مىڭىپ قالدىم. كىيىن ئۆزۈمنىڭ خاتالىقىمنى بىلىپ دۇرۇس ئادەم بولۇش نىيىتىگە كەلگەن بولساممۇ لىكىن ئاللىقاچان كىچىككەنلىگىمنى ھىس قىلدىم،ئادەم بەزى قولدىن بىرىپ قويغان نەرسىلەرنى مەڭگۈ ئورنىغا كەلتۈرۈشكە ئامالسىزكەن.شۇنىڭدىن كىيىن مەن ھىچكىم بىلەن ئارلاشماي ،بۇ دۇنيادىن تەنھا ئۆتۈپ كىتەي دەپ ئويلىغان.بىراق ھايات يولۇمدا سىزنىڭ ئۇچراپ قىلىشىڭىزنى كىم بىلسۇن، سىز بىلەن كارىم بولماي يۈرەي دىسەممۇ ئاخىرى چىدىمىدىم . ئاچامنىڭ تۇيىدا كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى،ئاپپاق توي كۆڭلىكىنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ شۇنداق كۈنلىرىم بولارمۇ دەپ ئويلىدىم،مىنىڭ نەزىرىمدە توي كۆڭلىكى پاكلىققا ،بەخىتكە ۋەكىللىك قىلاتتى.يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ توي كۆڭلىكىنى كىيىشكە سالاھىيتىمنىڭ توشمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.ئۆز كەچمىشلىرىمگە ئۆكۈندۈم ،سىزنى ئالداشقا ۋىجدانىم چىدىمىدى، ئاخىرى سىزگە ھەممىنى دىيىشنى لايىق تاپتىم. مەن مۇشۇنداق قىز ،سىزگە ،ئاپپاق توي كۆڭلىكىگە مۇناسىپ ئەمەس.
ئۇنىڭ قاچانلاردا ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىنى بىلمىدىم ،كىچىچە توختىماي تاماكا چىكىپ بىر كىرپىكمۇ ئوخلىمىدىم .ناشتىغىمۇ كۆڭلۈم تارتمىدى. ئۇنى ئىزلەپ باردىم،ئۇ بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ.
« مەن بۇ يەردىن كەتمەكچى،ئۈن-تىنسىزلا غايىپ بولۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،سىز مىنى ياخشى كۆرگەندەك
مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان،بىراق ئامالسىزمەن.بەلكىم سىز مىنى كەچۈرۈپ ماڭا مەن چۈشۈمدىمۈ كىيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاپپاق توي كۆڭلىكىنى ئاتا قىلىشىڭىز ،مىنى قايتا بەخىت قوينىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولىشىڭىز مۇمكىن. لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن مەن تىخىمۇ ئازاپلىنىدىكەنمەن. شۇڭا قەتئى ھالدا يىراقلارغا كىتىش قارارىغا كەلدىم.سىزدىن تەلىۋىم : مىنى ئۇنتۇپ ئۆز بەختىڭىزنى تىپىڭ،مىنىڭ بۇ دۇنيادا بىردىنبىر ئەسلىگۈدەك نەرسەم پەقەت سىز. مەڭگۈگە خەيىر-خۇش.»
خەت مۇشۇنداق ئاخىرلاشقانىدى. ئىختىيارسىز ھالدا بازارغا ،توي كۆڭلىكى دۇكىنىغا قاراپ يول ئالدىم.
مەنبە: ئىجادىيەت