- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2010-10-9
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 432سائەت
- جۇغلانما
- 10371
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2440
- تېما
- 387
- توردا
- 432سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 47
- يازما
- 2440
- تېما
- 387
|
ئوتلۇق بىر ۋىسال زارىققان قەلبىمدىن تارام - تارام ياش تۆكۈلگەندە ، تۇنجى باھار يامغۇرى زىمىننىڭ چاڭقغان لەۋلىرىنى ئاخىرى سۆيدى . بۇ كۆپ يىل رىيازەت چەككەن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ مۇرادى ھاسىل بولغان مەنزىرىگەئوخشىشىپ كېتەتتى . ئەتراپتىن تارلىۋاتقان يامغۇرنىڭ نەمخۇش ھېدى مۇھاببەتنىڭ ئىللىق مېھرىنى ئاتا قىلاتتى . بۇ كۈن دەل 1- ئاپىرىل ئىدى . مەن بۇ لېرىكىلىق مەنىزىردىن قىلچىلىك خۇشاللىق ھېس قىلالىمىدىم ، ئەكىسچە ئىچىمگە قۇرۇت كىرىۋالغاندەك بىئارام بولدۇم . يامغۇردا يۇيۇلغان يۇمىران ئوت - چۆپلەر بوۋاقلاردەك ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرى ، يوپۇرماقلاردىن يېشىل تون كىيىۋاتقان دەرەخلەرنىڭ ئوماققىنە چاۋاك چېلىشلىرى مېنى يەنە تەگسىز خىياللار قوينىغا سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . شۇ خىل تۇيغۇ ئىچ- ئىچىمدە ئغىر بىر مۇڭ پەيدا قىلىپ، باغىرىمنى ئەزمەكتە ئىدى . كۆز ئالدىمدا بىر يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈن زاھېر بولدى : ئۇ كۈنى ماڭا يامغۇرلۇق كۆتۈرۈپ كوچىدا خۇشال - خورام كېتىۋاتقانلار گويا بىزدەكلا بىلىنىپ كەتكەنىدى . ھەممە نەرسە شۇنچە گۈزەل ، ھاۋا شۇنچە ساپ بىلىنەتتى . سەن كۆز ئالدىمدىن قۇشقا ئوخشاش ھېلىلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك بىلىكىڭدىن چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان ئىدىم . بىزنىڭ شېرىن سۆزىلىرىمىز ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى . شۇنچە ئۇزاق يولنى پىيادە بېسىپ بىر - بېرىمىزگە قانماي تۇنجى مۇھاببەتلەشكەن باھارنىڭ مانا مۇشۇنداق تۇنجى يامغۇرلۇق كۈننى ئەسلىشىپ ئۆيىمىزگە تېزىلا كەلگەنىدۇق . ئۇ كۈنى نىمىشقىمۇ مېنى <<ئالدىغانسەن ؟! >>ئۇ كۈننىڭ <<ئادەم ئالداش بايرىمى >>ئىكەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ ئېسىمدە يوق ئىدى ھەم سېنى ئۇنداق ئىشنى قىلىدۇ دەپمۇ ئويلىمايتىم . شۇڭا ، خىزمەتدىشىڭنىڭ ماڭا جىددىي تېلىفۇن قىلىپ : <<يولدىشىڭىز قاتناش ھادىسگەئۇچۇردى، تېز كېلىڭ >> دېگەن سۆزىگەشەكسىز ئىشىنىپ قالغان ئىدىم قويغان - تۇتقىنىمنى بىلمەي دەل سەن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخاننىڭ <<جىددىي قۇتقۇزۇش >> بۆلۈمىگە كىرىپ ، سېنىڭ ئاق خالات كەيگەن ھالدا بەخىرامان تۇرغىنىڭنى كۆرۈپ ، خاتىرجەم بولغان بولساممۇ پۇت - قولۇمدا جان يوق ئولتۇرۇپ قالغان ئىدىم . سەن مېنىڭ ئۆڭگەن ، قان دىدارى قالمىغان چىرايىمنى كۆرۇپلا چاقچاقنى ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، مەندىن كەچۇرۇم سوردۇڭ . لېكىن ، مەن ئۆزەمنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەنىدىم .يىغا ئىچ - ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى ، سەن دائىم ھەر خىل بىمارلارنى كۆرۈپ يۈرىكىڭ قېتىپ كەتكەنمىدۇ ؟! بۇ خىل ئۇسۇلدا چاقچاق قىلىشنى ئۆزەڭگە ھوزۇر ھېساپلاپ قالغان بولغىيمىدىڭ ؟ ! نىمىشقىدۇر سىرتقا چىقىپلا باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرلۇق قوينىدا ئۇ كۆڭۈلسىزلىكنى تېزلا ئۇنتۇپ ، ساڭا يەنىلا مۇھاببەتلىك كۆزلىرىم بىلەن قارىدىم . تەبىئەت گۈزەل بىر ساھىبجامالدەك كۆرۈنەتتى . پاراكەندىچىلىك ئىسكەنجىدىن بوشانغان يۈرۈكۈم ، ھاياتنىڭ ئاتا قىلغان تاتلىق تۇيغۇلىردا تىپچەكلىمەكتە ئىدى . ئۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن! چۈنكى ، ئۇ كۈنى روھىمىز قايتا قوشۇلغانتى ....... بىزنىڭ بەختىمىزگە تەقدرنىڭ كۆزى قىزارغانمىدۇ ؟ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ھاياتنىڭ مۇدھىش بىركۈنى ماڭا ئېغىر چاقچاقنى ئاخىرى قىلغانىدى . بۇ تۇنجى باھار يامغۇرى ياغقان كۈنى ئەمەس ، بەلكى جۇدۇن ئارىلاش تۇنجى قار ياغقان كۈنى ئىدى . يەنىلا خىزمەتدىشىڭنىڭ بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئاۋازدا : <<تىز كېلىڭ، ئۇ ھادىسىگە >>ئۇچۇردى دېدى تېلفۇن تۇتقان قولۇم ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى بىراق ھېلىقى چاغدىكى چاقچىقىڭنى ئويلاپ ،تەشۋىشلەنگەن كۆڭلۈمنى يەنە تەسەللىي سۆزىلىرىم بىلەن تەسىكىنلىدىم ،لېكىن ، يەنىلا بىرخىل تەشۋىشچىلىقتىن قۇتۇلدۇم .
مەنبە: يېڭى قاشتېشى
ئاخىرى بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-9 23:22
|
|