ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مائارىپقا ئائىت پايدىلىنىش 2011 - يللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پىلان تۇ ...
كۆرۈش: 169|ئىنكاس: 5
go

2011 - يللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پىلان تۇزدىڭىزمۇ

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 15:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىمتاھانغا تەكرار قىلشتىكى ۋەزىپە بولسا تەكرار جەريانىدىكى ئاساسنى چىڭىتىپ ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش . ئالدىقى يىللاردىكى تەبئىي پەن ئۇنىۋېرسال ئىمتىھان سوئالىدىن ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ << قوش ئاساس >> ( ئاساسي بىلىم بىلەن ئاساسي قابىليەت ) ۋە << ئىقتىدار>> ،( بەش خىل ئىقتىدار ؛ چۈشىنىش ئىقتىدارى ، ئەقىلي خۇلاسە ئىقتىدارى ، ئانالىز ئىقتىدارى ، ئونىۋېرسال ئىقتىدار، قوللىنىشچان ئالگىبىرا ، فىزىكا مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ، تەجىرىبە ئىقتىدارى ) غا بولغان تەلەپنىڭ تۆۋەن ئەمەسلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ . ئىمتىھان ئالدىغان پەنلەرنىڭ ئاساسلىق بىلىم نەزەرىيەسى گەۋدىلەنگەن ھەم پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ تەجىرىبە ئىقتىدارىغا بولغان تەكشۈرۈشنى قاتتىق تەكىتلىگەن .

1. فىزىكا ئۇقۇمى ۋە فىزىكا قانۇنيىتىگە بولغان چۈشىنىش

فىزىكا ئۇقۇمى ، فىزىكا قانۇنيىتىنى چۈشىنىش ، فىزىكا ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىغا ئائىت بولغان بىلىملەرنى ئىگەللەش پۇتۇن بىر ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلش جەريانىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە . چۈشىنىش ئىقتىدارى فىزىكا دەرىسلىكىدىكى بەش خىل ئىقتىدارىنڭ ئاساسى ، چۈشىنىش ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا ، قالغان ئىقتىدارلىرىمۇ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ .

فىزىكا ئڭقۇمنى چۈشىنىشتە ئاۋال ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىقلىۋېلىش ھەمدە ئوخشىشىپ كىتىدىغان مەسللەرنى پەرىقلەندۇرۇپ ئانالىز قىلىش كېرەك . مەسلەن ؛ سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت مىقدارى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى ، ئىمپىلۇس بىلەن ئىندۇكسىيلىك ئېلىكتىر پوتېنىسئالى قاتارلىقلار . فىزىكىلىق قانۇنيەتلەرنى چۈشىنىشتە ، ماس كېلىدغان شارائىت بولىشى كېرەك . . ئالاقىدار رىتىمنىڭ ئىچكى باغلىنىشقا دىققەت قىلىش ، ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ ماھيىتىنى ئىگەللەش كېرەك .

2. ئاساسىي بىلىمنى يىشىش ، چۈشىنىش ئىدىيەنىڭ شەكىللىنىش جەريانى

تەكرارلاش جەريانىدا دەرىسلىك كىتابىنى ئاساش قىلىش كېرەك . بولۇپم،ۇ دەرىسلىك كىتابنىڭ يېتەكچى كۈچىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، ھەر قايسى بابلاردىكى بىلىم نۇقتىسى بىلەن تەلىپىنى ، ئاساسىي قانۇنىيەتنىڭ كېلىپ - چىقىش جەريانى ھەمدە بۇ بابدىكى نەزەرىيەرلەرنىڭ ئۆ - ئارا باغلىنىشنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىش كېرەك .ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاساسىي ئۇقۇم ، ئاساىي قانۇنىيەتكە بولغان چۈشەنچىنى ۋە ئۇنى ئىشىلتىشنى ۆۈچەيتىش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇقۇم بىلەن قانۇنىيەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى ئېنىق بېلىۋىلىش كېرەك . ئاساسىي بىلمنى يىشىش ۋە بېلىۋىلىش كېرەك . ئاساسىي بىلمنى يىشىش ۋە ئىخچاملاش ، پەننى بىلىملەر ئوتتۇرسىدىكى توغرا يۆنىلىش مۇناسىۋىتى ھەم ھەر قايسى قىسىمدىكى پەننىي بىلملەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىشنى تەكىتلەش كېرەك . تەكرالاش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك پەننىي بىلملەرنى بىرلەشتۇرۇپ ، مۇكەممەل بولغان بىلىم تورى ۋە ئىقتىدار سېستىمسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك .

3. مەسلىلەرنى يىشىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك .

تەكرار جەريانىدا مۇۋاپىق ھالدا سۇئال ئىشلەپ بىرىش كېرەك . لېكىن قولىنىڭ ئۇچىدىلا سۇئال ئىشلەش بىلەن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ مەشىق سۇئاللىرى بىلىم قابىليىتىنى ئۆستۈردىغان ئاساسلىق توشۇغۇچى بولۇپ ، ئەڭ مۇھىمى ، سۇئال ئىشلەپ بولغاندىن كىيىنكى خۇلاسىنى يىغنچاقلاش ۋە مۇستەھكەملەش . سۇئالنى توغرا ھەم تېز يىشىش ئۈچۈن چوقۇم مەسلىنى مۇلاھىزە قىلىش ، ھەل قىلىش جەريانىدىكى ئوي - پىكىر ۋە ئۇسۇلنى ئىگلەش كېرەك . شۇنداقلا ، سۇئال ئىشلەشنىڭ قىلىپلىششىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش كېرەك .

مەسلىلەرنى ئانالىز قىلىش ، ھەل قىلىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىرىنچى ، سۇئالنى يىشىشتىكى ئاددىي تەپەككۈر ئۇسۇلى . مەسلەن ؛ مىخانىكىغا ئائىت سۇئاللارنى ئشلىگەندە ، ئالدى بىلەن توغرا بولغان مىخانىكىلق كۈچ چۇچۇش ۋە ھەرىكەت جەريانىنى مۇلاھىزە قىلىش ، ئىنىق ، توغرا بولغان فىزىكىلىق قائىدىگە ئاساسلىنىپ سۇئالنى يىشىپ جاۋابنى تېپىپ چىقىش كېرەك . ئىككىنچى ، دائىم ئىشلىتىلدىغان پەننىي ئۇسۇللارنى ئىەلەش كېرەك . مەسلەن ؛ مودىل ئۇسۇلى ، تەڭداش ئۇسۇلى ، سۈرئەت ئۇسۇلى ، لىمىت ئۇسۇلى قاتارلىقلار .

تەپەككۇر قىلىش بىلەن نۇمۇر ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇشتىكى مۇھىم بىر نۇقتا . مەشىق سۇئالنى يىشىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلشتۇر . بۇ خىل كومكرېت ئۇسۇل بولسا ، سۇئالنى كونكېت تەكشۈرۈش دېگەنلىك ، سۇئالنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ ، ئاسان خاتالىق يۇز بېرىدىغان ياكى ئاسان ئارلاشتۇرۇپ قويىدىغان يەرلەرگە بەلگە قويۇپ مېڭىش . مەسلەن ؛ زەرەتنىڭ پىلۇس ۋە مىنۇس تېگىشش يۈزىنىڭ سىلىق ياكى ئەمەسلىكى ، ماگىنىت مەيدانىنىڭ نىشانى قاتارلىقلار .

سۇئاللارنى يەشكەندە بېرىلگەن شەرىتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سورالغان مىقدار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇلاھىزە قىلىپ ، ماس كېلىدىغان فىزىكىلىق فورمىلارنى تېپىش يېشىش كېرەك ، خەتنى ئۆلچەملىك رەتلىك يېزىش ، ئوي پىكىرى ئوچوق بولۇش ، تەڭلىمە تۇزگەندە كېلىپ چىقىش ئاساسنى يېزىش كېرەك . فىزىكىلىق ئاتالغۇنىڭ ئۆلچەملىكىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك .

فىزىكىلىق مىقدارنىڭ بەلگىسى چوقۇم سۇئالدا بەرگەن بەلگە بولشى كېرەك . ئەگەر سۇئالدا بىرىلمىگەن بەلگىنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا ، ئالدى بىلەن بىكتېۋىلىش ھەمدە خەت ئارقىلىق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ، رەسىمدە ئۇنىڭ ئەھمىيتىنى بەلگىلەش كېرەك . سۇئالنى ئۆلچەملىك يىشىش بولسا ، تەتقىق قىلدىغان ئوبىيكىتپنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، سۇئالنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ مىخانىكىلىق كۈچ ، ھەرىكەت جەريانىنىڭ كۆرسەتمە رەسىمى ، توك يولى رەسىمى ، نۇر يولىغا ئائىت رەسىملەرنى توغرا سىزىپ كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك . ئەڭ مۇھىمى ئەسلىدىكى فورمىلانى يېزىش ، ئەسلى فورمىلا بولسا نۇمۇر ئىلىشنىڭ ئاساسي شەكىلنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىش كېرەك . ئۆزگەرگەن ياكى نەتىجە شەكىلدىكى فورمىلانى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ .

مەنبە _ <<پەن ۋە تۇرمۇش>> ژۇرنىلىدىن ئىلنىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hunter01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 15:27

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 18:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇنتىر ئەپەندى بۇ تىمىنى ئەجەپ ياخشى يوللاپسىز . مەنمۇ بۇ قىتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن.

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 20:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە تەكرار قىلىشمىزغا زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردىڭىز

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 21:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىمىسىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا فىزىكا بەكلا باش قاتۇرىدىغان پەنلەرنىڭ بىرى ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hiyalhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 21:05

Rank: 8Rank: 8

توردا
325سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
778 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 22:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇختا تەييارلىق قىلىپ،جىددىيلەشمەسلىكىڭلارنى،ياخشى نومۇر بىلەن ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن~!
ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا،نىمە دىگەن ياخشى بولغان بولار ئىدى-ھە~!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 22:03

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-19 18:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش summayya نىڭ يازمىسى

شۇڭا ھايات بەك قىممەت ئەمەسمۇ . بولمىسا قانداق بولۇپ كىتەر ئىدى..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 13:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.