چاقچاق قىلىڭ ، جاق–جاق قىلماڭ !
(ماھىنۇر تۇردى)
چاقچاق كىشىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. جايىدا قىلىنغان چاقچاق تىڭشىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگە ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، مىسكىن كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرىدۇ. ئەمما، چېكىدىن ئاشقان، باشقىلارنىڭ يېغىرىنى تاتىلايدىغان، ئەيىبىنى ئاچىدىغان چاقچاق باشقىلارغا سەلبىي تەسىر بېرىپ، بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ دىلىنى رەنجىتىدۇ. شۇڭا، كىشىلەرگە خۇش چاقچاق كۆرۈنىمەن، باشقىلارغا چاقچاق ئارقىلىق خۇشاللىق، يېقىنلىقنى ھېس قىلدۇرىمەن، دەيدىغانلار كەيپىياتقا قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىشى كېرەك. ئەمما، ئادەمنىڭ مىجەز – خۇلقىغا بېقىپ ئىش تۇتۇش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. ئۇنىڭغىمۇ مەلۇم پەم كېرەك.
كۆڭلى نازۇك، زىل ئادەملەرگە چاقچاق قىلغاندا، گەپ - سۆزگە دىققەت قىلىنمىسا، ئاسانلا قارشى تەرەپنى رەنجىتىپ، زىددىيەت پەيدا قىلىۋالىدىغان گەپ. چاقچاقنى بەزىلەر توغرا چۈشەنگەن بىلەن، بەزىلەر ئەكسىچە چۈشىنىپ قالسا، ياخشى كۆڭۈل يامانغا ئايلىنىدۇ - دە، كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ھالەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. كونىلار «ئاتقان ئوق كەينىگە يانماس، ئېغىزدىن چىققان سۆزنى قايتۇرۇۋالغىلى بولماس» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان. بەزىدە ئويلانمايلا دەپ سالغان بىر ئېغىز سۆز ياكى چاقچاق كىشىگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
بۇرۇن بىر يۇرتتا تولىمۇ خۇش چاقچاق، مەغرۇر بىر ئادەم ئۆتكەنىكەن. ئۇ مەھەللە يىغىلىشلىرىدا بىرلىرىنى ئۇچۇرىدىغان، بىرلىرىنى چۆكۈرىدىغان چاقچاقلارنى قىلىدىكەن. ئۇنىڭ چاقچىقىغا چىدىمىغان بەزىلەر ئۇنى قانداق لەت قىلىش ھەققىدە باش قاتۇرۇشۇپتۇ ۋە باشقا جايدىن تازا گەپدان بىرەيلەننى تېپىپ، مەلۇم بىر كۈنى مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتە ئىككىيلەننى باز – بازغا ساپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر – بىرىنى چۆكۈرۈپ قىلىشقان ھەزىل چاقچاقلىرى تازا ئەۋجىگە چىققاندا توساتتىن ھېلىقى خۇش چاقچاق، مەغرۇرلۇقتا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماس كىشى ئاچچىقلانغىنىدىن قىزارغان، تاتارغىنىچە سورۇندىن پېشىنى قېقىپلا چىقىپ كېتىپتۇ، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن كۆپچىلىك قوشنا مەھەللىدىكى ھېلىقى كىشىنىڭ ئۇنىڭ يېغىرىنى تاتىلاپ قىلغان بىر ئېغىز چاقچىقىغا چىدىمىغانلىقىنى بىلىشىپتۇ.
شۇنداق، ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق جايدا چاقچاقنى ئامال بار باشقىلارنىڭ يېغىرىنى كولايدىغان تەرەپكە تارتماي، باشقىلارنى خۇشال قىلىدىغان، يېقىشلىق قىلايلى. باشقىلارنى گەپتە چېقىۋالدىمغۇ، دەپ خۇش بولۇپ، ئۆزىمىزنى قالتىس چاغلاپ يۈرگەن بىلەن، يۇقىرىدىكى ھېكايىدەك «ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بىر كۈنى بارەي›› بولۇپ قالسا، چىدىماي قېلىشىمىز مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنىم، تىلنىڭ سۆڭىكى يوق، گەپنى قاياققا بۇرىسا شۇ ياققا ئاغىدۇ. شۇڭا، كونىلارنىڭ ‹‹چاقچاق قىلىڭ، جاق – جاق قىلماڭ» دېگەن ھېكمىتى ھەر ۋاقىت سەمىمىزدە بولسۇن!
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى |