ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ساداقەت خىتابى(دىلداش)
كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 4
go

ساداقەت خىتابى(دىلداش)

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 16:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

پىشانەمگە سۈيۈپ قوي ئانا،

مېنى بۈگۈن تۇغقان كۈنۈڭغۇ؟
مېھىر بىلەن تاۋلاپ بۈگۈنگە،
ھەقدا قىلغان غەمخان ئۆزەڭغۇ؟


ئەقىل تاپتىم جاسارىتىڭدىن،
مەمنۇن بۇلۇپ شاپائىتىڭىدىن،
ئادىمىيلىك مىزانىڭ ئۆلگە،
بولدى ماڭا ئىتاھىتىڭدىن.

غۇرۇر-ۋىجدان ئەقىدە نىمە؟
تۇنۇپ يەتتىم سەندىن قەدەمدە.
كۆكلىگەچ مەن مېھىر سۈيۈڭدىن،
باراقلىدىم ئۆمۈر گۈلشەندە.

پەخىرلىكمەن سەندىن دادامدىن،
سىزلەر بىلەن كۈلگەچ غۇرۇرۇم.
تەششەككۇرۇم تاشار بۇلاقتەك،
ئىپتىخارغا تولغاچ ۋۇجۇدۇم.

ئۆمۈر بېغىم كۆكلەپ چېچەكلەپ،
تۇلۇپ باردى گۈلگۈن چېچەككە.
ئاۋام ئۈچۈن مىۋە بىرىشتەك ،
بۈيۈك ئىستەك تولغاچ يۈرەككە.

پىشانەمگە سۈيۈپ قوي ئانا،
نۇسرىتىمگە دۇئا قىل ئاتا.
ئۈمۈدۈڭلار زىكرى دىلىمدا،
ئىشقىم بىلەن قىلىمەن ئادا.

ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
1166 
تېما
249 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 17:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازغان تىمىڭىز شۇنداق ياخشىكەن ....مۇ شۇنىڭغا ئوخشاش نادىر يازمىلىرىڭىز بىلەن بىزنى مەنىۋى جەھەتتن تولۇقلاپ تۇرغىنىڭىزغا تىلەكداشمەن.....يەنە يوللاپ تۇرارسىز

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 17:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن، سىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىڭىز بەك ياخشى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ...

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 18:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ..... ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت..... بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز بولسا ئايىماي يوللاپ تۇرارسىز !!!!!! .......

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-6 11:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلمىڭىز ئۆتكۈر ئىكەن . ئانا ھەققىدە يازغان ھەرقانداق بىر ئەسەرنى كۆرسەم سىللەردەك يازغۇچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن . ئانا نەقەدەر جاپاكەش ، مىھىربان ، مەسئۇليەتچان ئىنسان -ھە . مەن كۆڭلۈمدىكنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيۋاتمەن . شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇش پۇرسىتگە مۇيەسسەر بولالىغىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن . ھارمىغايسىز داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى تىلەيمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.