ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مۇھەببەت لىرىكىلىرى كۆرۈپ بىقىڭ.،.،.،.
كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 1
go

كۆرۈپ بىقىڭ.،.،.،.

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 16:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

1.سېنى ئۇنتۇپ كىتەيلا دىدىم، لىكىن، يەنە گاھىدا ئەسلەپمۇ قالدىم، ئۇنتۇشۇم- سىنىڭ ماڭا بەرگەن ئاچچىق يالدامىلىرىڭ، ئەسلىشىم-يۈرىكىمدىكى ئورنىغان مۇھەببەت. ھېلىھەم ئىسىمدە، توپ ئىچىلغان سىرىنگۈلنى ساڭا سۇنغىنىمدا رەنجىگىنىڭ، <<نىمىشقا بىر ئوبدان گۈلنى شىخىدىن ئوشتايسىز؟>> ،- دىگىنىڭ. ئۆزۈمنىڭ ساڭا ۋاپادارىم ، كۆڭلى نازۇك، باغرى يۇمشاق دەپ ئالدانغىنىم ، تۇيۇقسىزلا <<كۆڭۈل، دەپ بەخىتنى قولدىن بەرگۈلۈكمۇ؟ مەن قانچىلىك ياشايمەن؟ دۇنياغا سايىۋەن ئەمەسمەن، بىر كۈن بولسىمۇ باياشات ياشاي>>-دەپ يىنىمدىن ماڭا قاراپمۇ قويماي ، يالۋۇرۇشلىرىمنى قىتىڭغا ئىلىپمۇ قويماي كەتكىنىڭ ، شۇ چاغدىكى مۇھەببەتنىڭمۇ شەرتى ئۆزگىچە بولدىغىنىنى ھىس قىلغىنىم .لىكىن، شۇندىمۇ سىنى ئەسلەپ قالىمەن، چۈنكى، تىكەننىڭمۇ ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ-دە، سەن ۋاپاسىزلىق قىلغىنىڭ ئۈچۈن سىنى ئەسلەپ قالدىم، دېمەك، ئىنسان ھەر ئىككىلىسىنى سىلىشتۇردىكەن ئەمەسمۇ؟....
2. بوۋامنىڭ سارغايغان خاتىرىسىنىڭ بەتلىرىدىن بىر تال قاتقان يىشىل ياپراقنى تىپىۋالدىم، مومامغا كۆرسىتىۋىدىم، ئۇنىڭ قورۇق باسقان چىرايى خۇشاللىقتىن تېخىمۇ پۈرۈلۈپ كەتتى، چۈشەندىم، سۆيگۈ يادنامىلىرى_ ئىنسان قەلبىنى مەڭگۈ باھارغا باشلايدىكەن.....

3. لەۋسۇرۇقۇڭ ئىچىقلىق پىتى قاپتۇ، شۇنچە ئىزلەپمۇ ئۇنىڭ ئىغىز قىپىنى تاپالمىدىم ، ئۇنى توپا بىسىپ قالمىسۇن دىۋىدىم، ئوماق لەۋلىرىڭنىڭ پاتقاقلىق بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتىم ، لىكىن ، سەن تاڭ سەھەردە ئورنۇڭدىن لەۋسۇرۇقسىز گىلاس لەۋلىرىڭ مومامنىڭ ياققان قىزارغان توقاچلىرىنى ماڭا ئەسلەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، چۈنكى، سېنىڭ ئەسلىڭ ئەنە شۇنداق پاك ئىدى.....

مەنبە؛<<ساقلىۋالغانلىرىم.>>

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 20:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلىمىڭىز بەركەت تاپىسۇن بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . مەن سىزىگەە خاتىرجەمىلىك تىلەيىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.