- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 176سائەت
- جۇغلانما
- 7175
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1753
- تېما
- 252
- توردا
- 176سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 41
- يازما
- 1753
- تېما
- 252
|
قاتىناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتىلىك قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەن قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىمىز كېرەك . ئۇنداق بولسا ھاۋا بوشىلىقىدا پەقەت ئايرۇپلانلا ئۇچىدىغان بولغاچقا ، ئۇلار خالىغانچە ئۇچسا بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس ، ئايرۇپىلانلارمۇ ھاۋادا ئۇچقاندا چوقۇم قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئايرۇپىلان ئۇچۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى نىشانغا يېتىپ يەر يۈزىگە قونغىچە ، باشتىن ئاخىر ھاۋا قاتىنىشىنى باشقۇرۇش سىستىمىسىنىڭ باشقۇرۇش كونتىرىلىقىدا بولىدۇ .
ھاۋا قاتىنىشىنى باشقۇرۇش سېستىمىسى ئاساسىلىقى ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇش يولىدا كېتىۋاتقاندا باشقا توسالغۇ جىسىملار ياكى كىتىۋاتقان ئايرۇپىلانلار بىلەن سوقۇلۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۇچۈش بوشلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۇچۈن مۇتەخەسىسىلەر ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۈشىغا ئائىت بىر قارات قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىققان . ئايرۇپىلانلار بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە ئۆز ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ چىقىدۇ . ئاندىن ئۇچۇش يولىغا كىرىدۇ ھەمدە باشقا ئايروپىلانلار بىلەن بەلگىلىك ئارلىقىنى ساقلاپ ئۇچىدۇ . ئاخىرىدا بىخەتەر ھالىدا ئاخىرقى نىشانغا بارغاندىن كىيىن يەنە بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە يەر يۈزىگە قونىدۇ .
ئادەتتە 3000 مېتىرىدىن تۆۋەن ھاۋا بوشلىقىدا كىچىك تېپلىق ئايروپىلار ئۇچىدۇ .3000مېتىردىن يۇقىرى ھاۋا بوشلىقىدا ئوتتۇرا ،چوڭ تىپلىق ئايرۇپىلانلار ئۇچىدۇ. ئايرۇپىلانلارمۇ مەيلى قانداق يۆنىلىشتە ئۇچۈشتىن قەتئىنەزەر ئۆز ئارا 600 مېتىردىن چوڭ بولغان ۋېرتىكال ئارلىق ساقلىشى كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ھاۋا قاتنىشىننىڭ بىخەتەر راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . شۇڭا كەڭ ئاسمان بوشلىقىدا قۇشلار خالىغانچە ئەركىن پەرۋاز قىلغىنى بىلەن ئايروپىلانلار ئۇنداق قىلالمايدۇ .
مەنبە ؛ << پەن ۋە تۇرمۇش >> دىگەن ژورنالدىن ئىلىندى.
|
|