ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئالدامچى تېۋىپ
كۆرۈش: 93|ئىنكاس: 3
go

ئالدامچى تېۋىپ

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
110 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئابدۇللا ياقۇپ

بىلىمەن دەيسەن تېبابەتنى يوغان پاختاڭ تېۋىپ،
يوق پەقەت سەندە بىلىم، راستىن ئۆزۈڭ سالتاڭ تېۋىپ.

ئاچىسەن پىنھان دۇكان ئەپ يەرنى ئىزدەپ دالدىدا،
خىلمۇ خىل جا دورىغا تولغان قۇرۇق خالتاڭ تېۋىپ.

ساقنىمۇ دەيسەن كېسەل تۇتساڭ تومۇر باش ئاغرىتىپ،
كەلسە پۇرسەت خەقنى باپلايدۇ يەنە نوختاڭ تېۋىپ.

«بەك شىپالىق دورا» دەپ،«كۆپرەك ئېلىڭ بۇنى» دەپ،
سەن ئۈچۈن پۈۋلەيدۇ يەل يانىڭدا بار غالچاڭ تېۋىپ.

چۆمگەن چىرايىڭ كۈلكىگە، ئوخشار سىياقىڭ تۈلكىگە،
ھىجىيىپ جاۋغايلىرىڭمۇ بولىدۇ كالچاڭ، تېۋىپ.

دەيدىكەنسەن «مەن داۋا قىلسام شىپا تاپقاي كېسەل»
تەلتۆكۈس كېسەلنى ھەيدەرمىش تېخى قامچاڭ، تېۋىپ.

تاپمىغاي ئاغرىق شىپا، يۇقماس سېنىڭدىن قىلچە نەپ،
ساقنىمۇ قىلغاي كېسەل بەرگەن ئاشۇ دوراڭ، تېۋىپ.

تويمۇغۇر نەپسىڭ ئۈچۈن ئوت بولسىمۇ يالماپ يۇتۇپ،
ئالداپ يۈرەمسەن خەقنى شۇنچە سەن قىلىپ گالۋاڭ تېۋىپ؟

ئۆزىنى قىلغاي ئوسال ساختىپەزنىڭ ھىيلىسى،
بىل شۇنى باشىڭغا چىققاي شۇ ھارام ئاقچاڭ تېۋىپ.

ئاجرىماس سىرتماق بولۇپ بوينۇڭنى سىققاي قىلمىشىڭ،
ئاقىۋەت چاپقاي پۇتۇڭنى راسلىغان پالتاڭ، تېۋىپ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 8807701314520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-26 19:24

توردا
175سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 10:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ شئىرنى بەك ياخشى يېزىپسىز . دىمسىمۇ ھازىر جەمئىيەتتە ساختىپەز تىۋىپلار كۆپىيىپ كەتتى. بۇلار بىزنى ئالداش ئارقىلىق پۇل تىپىشنىلا ئويلاپ نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزغا ئازاب ئىلىپ كىلۋاتىدۇ.
چۆمگەن چىرايىڭ كۈلكىگە، ئوخشار سىياقىڭ تۈلكىگە،
ھىجىيىپ جاۋغايلىرىڭمۇ بولىدۇ كالچاڭ، تېۋىپ.

ئاجرىماس سىرتماق بولۇپ بوينۇڭنى سىققاي قىلمىشىڭ،
ئاقىۋەت چاپقاي پۇتۇڭنى راسلىغان پالتاڭ، تېۋىپ!



توردا
510سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2466 
تېما
324 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 12:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممە كەسىپلەرگە ئالدامچىلار كىرۋالدىمۇ نېمە

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 12:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بار يەردە يامانمۇ بار ئەمەسمۇ، ھازىر ھەممە نەرسە دىگۈدەك جالىشىپ كىتىۋاتىدۇ... تىمىڭىزغا تەشەككۈر، ھارمىغايسىز....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 14:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.