ياشايمەن دۇنيادا سېنى دەپ، ئانا، سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟ يۈرىمەن بىر سېنىڭ غېمىڭدە مانا ، سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟ 
ئانامنىڭ دېگەنتىم تاپقان پۇلۇمنى ، ئانامنىڭ دېگەنتىم كىيگەن تونۇمنى . ئانامنىڭ دېگەنتىم تۇتقان يولۇمنى ، سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟ 
كەتكىلى بولسىدى ئۆلۈمنى تاشلاپ ، كىتەتتىم يىراققا سېنى ھاپاشلاپ . ئامال نە ؟ يۈرىمەن كۆزۇمنى ياشلاپ ، سېنىڭدىن ئايرلسام قانداق قىلارمەن ؟ 
كېتىدۇ بېشىمنى سىلغان قولۇڭ ، كېتىدۇ جىمىگە چىدىغان قولۇڭ . ئەمدى يوق ماغزاپقا چىلىغان قولۇڭ ، سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟ 
بىشىمدا ساقلايمەن ئەسكى مەسەڭنى ، ئالتۇن ، دەپ ئاسرايمەن ياماق كەشىڭنى . قويۇپ كەت تەۋەررۈك ئاشۇ ھاساڭنى ، سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟ 
يىپ - يىڭنەڭ قەيەردە ؟ ئېيتىپ قوي ،ئانا ، ئاخىرقى چايغا ئوت يېقىپ قوي ،ئانا . مەندە يوق سېنىڭدىن ئۆزىگە ئوي ، ئانا ، سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟ 
1989 يىلى ، 25 - مارت مەنبە ؛ مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىئىر توپلاملىرىدىن ئىلىندى. |