ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار خىيالخان كۇتۇپخانىدا

      

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 4
go

خىيالخان كۇتۇپخانىدا

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-18 21:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خىيالخان كۇتۇپخانىدا



(بۇگۇن كومپىيوتىر ئۇيغۇرچە خەتنى تونۇماي ، ئىنكاس رامكىسىغا يىزىپ ئاندىن كۆچۇرگنتىم ، باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي ئىملا خاتالىقى بولسا تۇزۇتۇپ قويسىكەن !)




«ۋاھ ! بۇگۇن چۇشتىن بۇرۇن دەرىس يوقكەن ! ئۈگۇنۇش قىلىش خوشياقمايۋاتىدۇ!!! ئەجەپ ياخشى ، ياتاقتا ئولتۇرۇپ رومان ئوقۇيچۇ ...... تورغا چىقىپ مۇنبەرگە قاراپ باقايمۇ يە ؟! »
«ياق ! ئىنتاھان ۋاقتى يىقىنلاپ قالدى ، تورغا چىقىدىغان ، رومان ئوقۇيدىغان ۋاقىت بۇندىن كىيىن يەنە خىلى بار ... ئەڭ ياخشىسى كەشىڭىزنى ئاستا كۇتۇپخانىغا توغىرلاڭ خىيالخان !!!»
قاق سەھەردىلا زددىيەتلىك خىياللارنى سۇرگەچ ناشتا قىلىپ كۇتۇنخانىغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدىم ...
«كىتابىڭنى كۇتۇنخانىدا ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ خىيالخان !»
«چۇشتە چايداننى قۇرۇق كۆتۇرمەي قايناقسۇ ئىلىپ كىرەسەن !»
«ماڭا تاماق ئالغاچ كىرە ئوماق ئادىشىم ؟؟!»
« تىلفۇنىڭنى ياكى يانقۇقىڭغا سىلىۋالغىن ياكى بولمىسا سومكىغا تاشلاپ قويۇپ ئوتتۇز قىتىم تىلفۇن قىلسىمۇ بىرە قىتىم ئەپ سالمايدىغان تىلفۇننى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋەتكىن ...!»
ياتاقداشلار بىلەن چاقچاقلىشىپ دىگۇدەك خوشلاشتىم ، كۇلكىمىز ياراشسۇن ......
مەكتەپ قوروسىدىكى چىرايىغا جىددي تۇس ئالغان بىر توپ سىتۇدىنتلار توپىغا ئەگىشىپ كۇتۇپخانىغا كىرىپ لىفىتقا چىقتىم ...ئادەتتە 5.قەۋەتتىكى ئۈگۇنۇش زالىدا تەكرار قىلىشنى ياقتۇراتتىم .
دىڭ-داڭ !....... لىفىت 5. قەۋەتكە چىقتى ، لىفىتتىن چۇشۇپ ئوڭغا تۆت قەدەم ماڭسام مەكتەپنىڭ تور مەشغۇلات زالى ، ئوڭ تەرەپكە تۆت قەدەم ماڭسام ئۇگۇنۇش زالى ...... بەڭۋاش قەدەملىرىمنى ئوڭ تەرەپكە بۇرىدىم ...

نورمال دەرىس ئوقۇيدىغان كۇن بولغاچقا زالدا بۇگۇن ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئەمەستى ...
لىكىن زالنىڭ ئىچى بىر قالايمىقانچىلىك ! پارتىلارغا ئىگىسىز كىتاپلار دۆۋلىۋىتىلگەن ، كىرەكسىز قەغەز پارچىلىرى ، تازلىق قەغەزلىرى ، يى،ەكلىك ئەخلەتلىرى ، مىنىرال سۇ ۋە ئېچىملىك بوتۇلكىلىرى ، چاي ئىستاكانلىرى ، ھەتتا قىزلارنىڭ قول مىيىغەچە تۇراتتى ... بۇنداق مەنزىرىنى تۇنجى قىتىم كۆرىشىم بولمىغاچقا ئانچە ئىرەن قىپمۇ كەتمىدىم ، چەتتىكى پاكىزرىق جاينى تىپىپ كىتاپلىرىمنى ئاچتىم ...ئاڭغىچە تازلىق ئېشچىسى ھەدە كىلىپ ئەخلەتلەرنى
يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى ...

قاتتىق ئىرادىگە كىلىپ تەكرارنى باشلىدىم ، ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئىگىز پاشنا ئاياقلارنى كىيگەن ئىككى قىز «تاق-تاق » دەسسەپ كىرىپ كەلدى ...كۇتۇپخانىمىزنىڭ «ساپما كەش كىيىپ كۇتۇپخانىغا كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ »دىگەن قائىدىسى بار، لىكىن «ئىگىز پاشنا ئاياقلارنى كىيىپ كۇتۇپخانىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ » دىگەن قائىدىسى قاچان يولغا قويىلىدىكىن ؟!
ئىش مانا مۇشۇ « تاق-تاق » ئاۋاز بىلەن بۇزۇلدى . ئەسلىدىن ئۇەۇنۇش قىلىش خوشياقمىغان مەن ئەمدە ئەتراپتىكىلەرنى كۆزىتىشكە باشلىدىم ...
ئەڭ ئاۋۋال ئالدىمدىكى ساۋاقداشقا نەزەر سالدىم ، بايا مەن كەپ ئولتۇرغاندا قۇپقۇرۇق تۇرغان پارتا ئۇستى بىردەمدىلا بەش-ئالتە خىل كىتاپ ، كوسىپىك ،مەشىق دەپتىرى (بۇلار مەندىمۇ بار ئەلۋەتتە ) ،مىنىرال سۇ (ھەممە ئادەم ئىچىدىغۇ )، كولا ، سۇت ، مىۋە شەربىتى ، بولكا ،يەنە تىخى تاماق قاچىسىمۇ بار !!!ئۇ بىردەم كىتاپ كۆرەتتى، بىردەم ئىچىملىك ئىچەتتى ، يەنە تىخى تاماق قاچىسىغا پەمىدۇر دىن سالات تەييارلاپ كەپتۇ ! ...مىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىمنى كۆرۇپ ،ھىلىقى نازۇ-نىمەتلىرىدىن قىزغاندى بولغاي ئاستا ئاغىزىنى سۇرتۇپ ماڭا تازا بىرنى ئاليۋىتىپ كىتاپ كۆرۇشنى باشلىدى ، لىكىن ئۇنىڭ كىتاپ كۆررىشى يىرىم سائەتكە بارمايتتى ، بولمىسا ئۇ ھىلىقى يەم-خەشەكلىرىنى كەچكىچە يەپ بولالمايدۇ دە ! ... ئالدىرماي يىگىن ، تالاشمايمەن ئاداش !!!.............
يەنە بىر پارتىدا ئولتۇرغان ساۋاقداشنىڭ تىلفۇنىغا كۆزۇم چۇشتى ، يىڭى مودا بولغان ، ئىقتىدارى ئىلغار ، تازا ئىسىل تىلفۇندەك قىلاتتى ، لىكىن ئۇ تىلفۇننىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزۇن بولماسمىكى دەيمەن ، چۇنكى ئۇ تىلفۇنغا بىردەم-بىردەمدە توختىماي قىسقا ئۇچۇر ۋە تىلفۇن كىلىپتۇراتتى ، ئۇ ساۋاقداشمۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نارازى بولىشىغا قارىماي ئىرىنمەي ئيۇچۇر قايتۇرۇپ ، تىلفۇننى ئىلىپ پاراڭلىشىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ كىتابىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ، ئۇ ئەسلى تىلفۇنىلا كۆتۇرۇپ كىرسە بوپتىكەن ......كەينىمدىكى گۇدۇڭ پۇدۇڭ ئاۋازلار دىققىتىمنى جەلىپ قىلدى ، ئىككى قىز دۇنيادىن بىخەۋەر قاتتىق پاراڭغا چۇپ كىتىپتۇ ....... كىتاپ كۆرۋاتقانلارنىڭ دارىتمىلىق چىكىلداشلىرى ، سوغۇق نەزەرلىرى ئۇلارغا تەسىر قىلمايدۇ ، ئارىدىن يەنە بىرى قورقماي تىخى چىكىلدىغانلارنىڭ بىرسىگە :« سائەت نەچچە بولدى ؟؟» دەۋاتىدۇ !!!...بىر نەچچەيلەن تىك ئولتۇرۇپ ، قولىدا قەلەم ، كىتاپقا قارىغان قىياپەتتە قاتتىق ئۇيقۇغا كىتىپتۇ !... بۇنداق ئۇخلاشقا مەنمۇ خىلى ئۇستا ، ئۇخلاپ چۇشمۇ كۆرىمەن تىخى !!!ئارىدىن كىمدۇ بىرىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا بۇرنىنىتارتىشى ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ شىرىن چۇشىنى بۇزۋەتتى .......... ئاۋاز چىققان تەرەپتىن بىر كىتاپلىرىنى زەرد بىلەن يۇغۇشتۇرۇپ ،پارتىلارنى تاراقلىتىپ چىقىپ كەتتى ...... يەنە بىر تەرەپتە ئىككى ئاشىق-مەشۇق شىرىن سۆھبەتلىرىنى باشلىغان ....... يەنە بىرى قاملاشتۇرۇپ سىغەز چايناۋىتىپتۇ !!!خىياللىرىم بارغانسىرى قۇرغاقلاشتى ، تەپەككۇرۇممۇ سۇسلاشتى ، ئالىي مەكتەپكە كەلگەن نەچچە يىلدىن بىرى بۇنداق مەنزىرىلەرنى كۆپ كۆرسەممۇ بۇگۇن كۆڭلۇم باشقىچە يىرىم ئىدى ، ئانام -دادامنى ئويلاپ قالدىم ، ئۇلار ئوقۇغان زامانلار مەدەنىيەت ئىنقىلابى .ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ مائارپ ئىشلىرى يىڭىدىن يۇكسەلگەن دەۋىرلەر بولغاچقا ئۇلاردىكى ئۇگۇنۇش قىزغانلىقى بۆلەكچە يۇقىرى ئىكەن ، ئەرقىتىم تىلفۇندىن :« كۇتۇپخانىدا كىتاپ كۆرەتىمەن !» دىگن جاۋاپنى ئاڭلىسا بەك خوش بولۇپ كىتىدىغان ئانام-دادام مۇشۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا بوپ ئۇتكەن ئىشلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ ...............دىققىتىم چىچىلدى ، كىتاپ كۆرۇشكە رايىم يوق ، كىتابلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ سىرتقا قەدەم ئالدىم .............ئۇرۇمچىنىڭ ھاۋاسى كىشىنى بىزار قىلىدۇ ، ئەتتىگەن تىخى بىر ئوبدان تۇرغان ھاۋادە ئەمدى قاتتىق يامغۇر يىغىۋىتىپتۇ ...........................................خىيالخان قەلىمىدىن ( 2011 .يىلى 17. ماي)

توردا
688سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
942 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-19 14:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق قىلىپ كۈتۈپ خانىدىمۇ خاتىرجەم كىتاپ ئۇقۇيالماپسىزدە،،، نەزەر سالساق ئەتىراپىمىزدىكى ناچار ھالاتلەر كۈزىمىزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ، ياخشى يىزىپسىز داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ.

باھا سۆز

hiyalhan رەخمەت ! يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 18:29

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-19 17:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى، ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بار ئىشلار، ھەي.......... تىمىڭىزغا تەشەككۈر، ھارمىغايسىز....

باھا سۆز

hiyalhan رەخمەت ، بىكار ئولتۇرغىچە قاخشاپ قويدۇم ... يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 18:30

توردا
136سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
802 
تېما
48 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-19 20:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-20 18:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
muslimahinim يوللانغان ۋاقتى 2011-5-19 17:21
ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى، ھەممىسى ئە ...

ياخشى يىزىپسىز ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئەينەن سۈرەتلەپ بىرىپسىز....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 22:35

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.