شەبنەمدە ھۆل بولۇپ ياش تۆكەر گۈللەر 
ئاي،كۆكتە چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇپ، قان قىلدى يۇلتۇزنىڭ خىياللىرىنى. تاشلارنىڭ باغرىدىن كۆكلىدى سەھەر، سۆيگۈنىڭ چوغىدا كۆيدۈرۈپ تۈننى. 
بىر دەرەخ ئۆزىنى سىزماقتا قايتا، شامالنىڭ تاتارغان،ئاقۇش يۈزىگە.
لەۋلىرى چاكۇ-چاك يېرىلغان باھار، كۈلمەكتە پورەكلەپ سۇنىڭ كۆزىدە. 
شەبنەمدە ھۆل بولۇپ ياش تۆكەر گۈللەر، سارغايغان ياپراقنىڭ سىلاپ بېشىنى. يەلپۈنەر تاغلارنىڭ شېرىن خىيالى، چۈشۈمنىڭ سىرتىدا ئۇچراتسام سېنى. 
مەنبە ئىجادىيەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-18 00:55
|