ياخشى ئايال ئىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ... ياخشى ئايال ئەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايدۇ . ئەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى ھەم قىممەتلىك ، ھەم قورقۇنچلۇقتۇر . بۇ خىل قىزغىنلىق ئەرلەرنى تولۇپ -تاشقان كۈچ -قۇۋۋەت بىلەن ئالغا باستۇرىدۇ ، شۇنداقلا مەلۇم بىر ئىشنى ئەسەبىيلەرچە قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ . ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ياخشى ئايال بولسا ، ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىراقسانلىق ، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتەك روھىي ھالىتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئېرىدىكى قىزغىنلىقنى مۇلايىملىق ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرالايدۇ .
ئەرلەرنىڭ قەلبى خۇددى بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق ، لېكىن تۇپراق بەك مۇنبەت بولغانلىقتىن ، ئۇنىڭدا ياۋا ئوت-چۆپلەرمۇ تېز ئۆسىدۇ . ياخشى ئايال بىر ياخشى دېھقان . ئۇ جان-دىلى ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئوتاپ ، يۇمران مايسىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىپ ، چېچەك ئاچقۇزۇپ مېۋە بەرگۈزىدۇ . ئەرلەر دۇنيانىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلسا ، ياخشى ئايال دۇنيانىڭ يەنە يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ . ئەرلەرنىڭ يېرىم دۇنياسىنى تولۇقلىغاندىلا ، ئاندىن ھەسەن-ھۈسەنلەر چىقىپ ، بۇ دۇنيانى پارلاپ تۇرغان يۇرۇق دۇنياغا ئايلاندۇرىدۇ . ياخشى ئايالنىڭ دۇنياسى پۈتۈن بولىدۇ ، ئۇ ياردەمگە موھتاج ئەرلەرگە ياردەم بېرىدۇ ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئەرلەرنى ئۆزگەرتىدۇ . مەنبە : تۇرمۇش مەسلەتچىسى ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-23 10:16
|