ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
- توۋا بۇ جاھاندا ئەجەپ ئىشلار بۇلىدىكەن دىسە ھەيران قالامسىز؟ مەيلى ھەيران بۇلۇڭ ياكى بولماڭ بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر.بۈگۈن بىر دوستىخان ئۈستىدە بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى توختىماي ماختىشىدىن شۇنداق بىزار بولدۇم. ئىغىزىمنى مىڭ ئاچقۇم كەلگەن بولسىمۇ ، سۈكۈتنىڭ ئۆزى، نادانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاپقۇ دىگەننى ئويلاپ يەنە جىم بولدۇم. شۇ تاپتا كومپىيۇتېر ئىكرانى ئالدىدا ئولتۇرۋاتقان بولساممۇ يەنە شۇ مەنزىرە خىيال ئىكرانىمدىن ئۆتمەكتە...ئاخىرى ۋۇجۇدۇمدىن قۇترىغان بىرخىل كۈچ مېنى قەلەم تەۋرىتىشكە دەۋەت قىلدى.ئۇ،ماختانچۇق ئەركەك ئۈچۈن قۇرلار باغرىدا بىر تەستەك ئۇرۇپ قۇيۇشنى لايىق كۆردىم.<- قىنى ئەمسە باشلاي:
ئەركەكمەن دەپ ئۇرۇپ مەيدەڭگە،
كىرىلىسەن ئۆزەڭدىن مەغرۇر.
ئەركەكلەردەك ياشىدىممۇ دەپ،
ئويلىمايسەن ئۆزەڭنى چۇڭقۇر.
نامىڭ ئەركەك ئەمما ئادىتىڭ،
ئوخشىمايدۇ پەقەت ئۆزەڭگە.
غۇرۇر - ۋىجدان ئەقىل -پاراسەت،
سەندىن يىراق كەتكەن قەيەرگە؟
ئەركەكلەردەك ياشاپ باقمىدىڭ،
نەپسىڭ ئۈچۈن بۇلدۇڭ تاماخور.
غەيۋەت قىلىپ،كۈندە گەپ تۇشۇپ،
دوستلۇرۇڭدىن بولدۇڭ گۇمانخور.
ئەركەككە خاس پەزىلەت بىلەن،
ئويلاپ باققىن ياشاپ ئۆتتىڭمۇ؟
ئەۋلادلارنى پۈكۈپ قەلبىڭگە ،
بىرەر مىۋە بىرىپ باقتىڭمۇ ؟
ئاسان ئىشقۇ ماختىنىش دىگەن،
ئەمما ئىنسان قەدرى مىھنەتتە.
كىم ئەجىرسىز ئۆتسە ئالەمدىن،
ئۆتكەنگە تەڭ ئۆمۈرى غەپلەتتە.
تۆت سەر ئىچىپ مەس بوپ ھەركۈنى،
ئىشرەتلەردە ئويناپ ھارمىساڭ.
مەنزىللەردە ئەقىدەڭ بىلەن،
ھەر ئەتەڭنى ئويلاپ قويمىساڭ.
دەستەك قىلىپ ئەجداد نامىنى،
مەغرۇر يۈرسەڭ مەيدەڭگە مۇشلاپ.
دەۋىر سەندىن سىناق ئالغاندا،
تۇرمىقىڭ ھەق بېشىڭنى قاشلاپ.
ئەركەك دىگەن ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن،
ياشاش كىرەك ھامان ئەجىردە.
بۈيۈكلىكنى قىلىپ تىلتۇمار،
ئىجاد قىلىش كىرەك پەخىردە.
ئەركەكلەردەك ياشىغانلارنى،
پەخىرلىنىپ ئەركەك دەيدۇ ئەل.
ئاڭلىماستىن ئەل باھاسىنى،
ئۆزەڭ باھا بەرمىگىن ئەۋۋەل.
ئەركەكمەن دەپ توۋلىماي دوستۇم،
پەزىلەتلىك ياشىغىن دەمدە.
ئادىمىلىك خىسلىتىڭ بىلەن،
ئۆتمەكلىكنى نىشان قىپ كۈندە.
شۇندا سېنى ئەركەك دەر چۇقۇم،
تۆھپەڭ بىلەن ئالقىشلاپ ھامان.
بىل ياشاشنىڭ پورسىتى دوستۇم،
ئىنسان ئۈچۈن سىرلىق ئىمتاھان.
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ. [url=http://www.dostum.cn/bbs/simple/read.php?tid=4123][/url] |