ھازىردىن باشلاڭ
1956-يىلى 58 ياشلىق خەم غەرب نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىىپ نېفىت سودىسىنى باشلىدى.نېفىتچىلىك پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغان،شۇنداقلا رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن كەسىپ.بۇكەسپكە ئەمدىلا كىرىشكەن
خام نېفىت ساھەسىدە يىمىرىلمەس ئورۇن تىكلەشنى خىيال قىلاتتى. شۈبىھسزكى، بۇئىنتايىن كەسكىن رىقابەتتىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن دۇچ كەلگىنى نېفىت مەنبە مەسىلسى بولدى.1960-يىلى ئامېرىكا ئومۇمىي نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىگەن تېكاس شىتاتى ئاللىقاچان بىر نەچچە نېفىت شىركىتىنىڭ مونۇپۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ،خەمنىڭ قول تىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكا ئېكىس نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت مەنبەسى بولۇپ، نېفىت مەنبەسىنى ھەل قىلىش خەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ تۇراتتى.1960-يىلى ئون مىلىيون يۈەنلىك چارلاش مەبلىغى نەتىجىسز سورۇلۇپ تۈگىگەندە،خەم يەنە بىر رەت قاراملىق بىلەن بىر ياش گىئولوگنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلدى.ئالتون تاغنىڭ شەرقى دېشگۇ نېفىت شىركىتى تاشلىۋەتكەن يەر بولۇپ، بىر ياش گىئولوگ بۇيەردە مول تەبىئي گازنىڭ بولۇش مۇمكىنلىكىنى، خەمنىڭ بۇيەرنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.خەم مىڭبىر جاپادا ئۇيەر-بۇيەردىن پۇل يىغىش قىلىپ،بۇ خەتەرلىك قۇرۇلۇشقا ئىنتايىن زور مەبلەغ سالغان بولدى. 860 ئىنگىلزچىسى چوڭقۇرلۇققىچە قېزىلغاندا،ئاخىر كالفورنىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي گاز بازىسى مانا مۇشۇ يەردىن بايقالدى ۋە قىممىتى 200 مىليوندىن يۇقىرى مۆلچەرلەندى.
خەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىزگە ئويلاش،قىلىشقا پېتىنالىغاندىلا،غەلىبە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھايات تالاي غايە،ئىستەكلەرگە تولغان، ھەربىر ئارزۇ-ئىستەكلەرنى چىڭ تۇتىساق، ھەربىر غايىنى رېئاللاشتۇرۇساق، ھەربىر پىلانىمىزنى قەتئىي ئىجىرا قىلالىساق، ئىشلىرىمىز قانچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلىك،ھاياتىمىز قانچىلىك مەنىلىك بولغان بولاتتى-ھە!ۋەھالەنكى، كۆپىنچىمىزدە ئارزۇ-ئىستەك،غايە، پىلان بار،ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدالىق يوق، ئارزۇنى ئارزۇ پېتىچە ئۆلتۈرىمىز.
گرېك ئەپسانىلىرىدىكى ئەقىل-پاراسەت ئىلاھى ئادىئەننا شۇبىرتسنىڭ كاللىسىدا شۇ قەدەر تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان.ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئەڭ بۈيۈك ئىجادىي پىكىرلىرىمۇ ئادىئەنناغا ئوخشاشلا ئۇشتۇمتۇتلا مېڭىدە مۇكەممەل ھالەتتە پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
بىل گېيتىس كۈچى،چىدامچانلىقى بار بىر ئادەم.مەلۇم بىر ئىشقا نسبەتەن قىزغىن ئىشلەشكە،ئىنتىلىشكە تولغاندا جەزمەن شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىش كېرەك،دەپ قاراايدۇ.
ھەركۈننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كارى بار. بۈگۈننىڭ ئىش كارى يېڭى، تۆنۈگۈننىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.ئەتىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس. ئارقىغا سۆرەش ئىشنى پۇتلايدۇ، ھەددىدىن زىيادە ئېھتياتچانلىقمۇ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك قىزغىنىلىق تولۇپ تاشقاندا قىلغان ئىش بىلەن مەجبۇرىي زورۇقۇپ قىلغان ئىشنىڭ پەرقى-نەرقى چوڭ ئەلۋەتتە.
قىزغىن ئىستەك ئىچىدە ئىش قىلىش بىرخىل ھۇزۇر زورۇقۇپ ئىشلەش ئازاب-زۇلۇم.
بۈگۈننىڭ ئىشىنى ئەتىگە سۆرەش جەريانىدا ئىسراپ قىلغان ۋاقىت بىلەن باشقا بىر ئىشنى تاماملاش مۇمكىن. تاشلىنىپ قالغان ئىشنى قىلىش تېخىمۇ زېرىكىشلىك.ناھايىتى مەنىلىك بىرئىش نەچچە كۈن ئۆتسىلا ئەھمىيەتسىز،قىيىن بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى
تۇرغانلا گەپ.
ئىنسانغا پۇرسەت كۆپ، ئەمما ھەمشە جىمجىت كېلىپ ئۈنسىز كېتىپ قالىدۇ.پۇرسەتنىڭ ئىگىسى يوق.ئۇ تۇتالىغانلارنىڭ.
پىلانلا بولۇپ ئىجرانىڭ بولماسلىقى بىزنىڭ خاراكتېرىمىزگە ئىنتايىن پاسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.پىلان دېگەن قۇرۇق گەپ.خام-خىيال،نەق،ئەمەلىي ھەرىكەت،جانپىدالىق ھەممىدىن قىممەتلىك. ئۇبىزنى تېخىمۇ بەردەم قىلىدۇ.
بىر جانلىق مەنزىرە،كۆرۈنۈش يازغۇچىنىڭ مېڭىسىدە تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغاندا، ئۇنىڭدا بېسىش مۇمكىن بولمايدىغان كۈچلۈك ئىلھام ئويغىتىدۇ ۋە ئۇلارنى خاتىرىلۋېلىش ئىستىكى ئويغىتىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۇلارنى خاتىرىلۋالالمىدىمۇ،بولدى، ئاشۇ خىل ھېسيات، ئوي-خىياللار بارا-بارا خىرەلىشىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئاجايىپ نەپىس بىر مەنزىرە سەنئەتكارنىڭ ئوي-خىيالىغا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن دەرھال قەلەم-پەلكۈچلىرىنى ئىشقا سېلىشنى سورايدۇ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئوي-خىيالىنى قاپلاپ تۇرىدۇ.سەنئەتكاردىكى بىپەرۋالىق، لامزەللىك ئوخشاشلا ئاشۇ گۈزەل ھېس-ھاياجاننى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.
غالىبلارنىڭ غەلىبىسى دەل ئۇلارنىڭ ئويلىيالايدىغىنىنى قىلالىغانلىقىدا.
ئويلىغىنىنى قىلالمايدىغانلار دەل جەڭگە كىرمەي تۇرۇپ مەغلۇب بولىدىغان قورقۇنچاقلاردۇر.ئىشلەپ مەغلۇب بولۇش ھېچ گەپ ئەمەس.ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئىش قىلماي تۇرۇپمۇ مەغلۇب بولۇشتۇر. غالىبلاردىن بولاي دېسڭىز،تەۋرەنمەس ئىرادە،غەيرەت ۋە جاسارەتتىن ئاز-تولا ھەمراھ قېلىۋېلىڭ.
جاسارەت قارىغۇلارچە بېرىپ قاينامغا ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ دېگەن گەپ ئەمەس،بەلكى ئەمەلىي مەسلىلەرنى ئىلىمي تەھىلىل قىلىپ يۈرەكلىك بىلەن ئىش قىلىڭ دېگەن گەپ.ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بىلەن سوبيېكتىپ تىرشچانلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، مۈشكۈللۈك ئىچىدىن مەنپەئەت ئېلىشقا تىرىشىش غالىبلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پىسخىك ساپادۇر.
مەنبە :بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇندىن
|