ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 11
go

قىمارۋاز  

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-12 20:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قىمارۋاز

(مۇخەممەس )

«ھوشۇق» ئېتىپ مەيدىگە ، مۇشتلاپ ئۆتكەن قىمارۋاز ،
كەسىپ ئەھلى بولالماي، قىرىپ كەتكەن قىمارۋاز ،
بىساتىنى دوتىكىپ، بېرىپ كەتكەن قىمارۋاز ،
يۈز ئابرۇيى ھەر زامان ، چۈشۈپ كەتكەن قىمارۋاز ،
ئۆمۈر بويى بۇ يولدا ، قاتراپ ئۆتكەن قىمارۋاز .

«ماجاڭ» تىخى ئوينايدۇ، ئامەت كەلسە توۋلايدۇ ،
«سەن بىڭ» بىلەن «جۇ بىڭ»نى ، ئانچە-مۇنچە «يوۋ»لايدۇ ،
ئامال بولماي ئۇتتۇرۇپ ، ياۋا ئىتتەك ھۇۋلايدۇ ،
ئۇلپەتلەرنى كەينىدىن، كېچە-كۇندۇز قوغلايدۇ ،
بۇنىڭدىنمۇ پايدا يوق، يىغلاپ كەتكەن قىمارۋاز .


مەرت دېگەنگە ئۇچ مەرتەم، سېنى ئويناپ «ئەيجىكەي»،
قەرز ئېلىپ ئوينىدىم، مۇرادىمغا مەن يېتەي ،
ئۇخلىمايلا چۈش كۆرۈپ، پۇلنى ئېلىپ مەن كېتەي ،
قىسمەت شۇنداق ئوخشايدۇ، بىر تاغاردا دەرد يۈتەي ...
زەردە كاۋاپ بولغاندا ، تىللاپ كەتكەن قىمارۋاز .


سەن تىكمىگەن جان قالدى ، تومۇردىكى قان قالدى ،
ئاناڭ سەندىن ئەنسىرەپ، پۇت-قوللىرى بەك تالدى ،
ئايالىڭمۇ، بالاڭمۇ، رەنجىپ سەندىن ئاھ تاندى ،
چىن دوستلۇققا ئاخىرى، بىزار بولدى ھەم تاندى ،
ئايال-بالا دوستلاردىن باتناپ ئۆتكەن قىمارۋاز .



«ھوشۇق»، «ماجاڭ» ئوتىدا، كۆيۈپ كەتكەن قىمارۋاز ،
ماكان تاشلاپ مۇساپىر، بولۇپ كەتكەن قىمارۋاز ،
خوتۇن-بالا ئەستە يوق، يۈتۈپ كەتكەن قىمارۋاز ،
ئۇلپەتلىرى كەينىدىن، كۈلۈپ كەتكەن قىمارۋاز ،
پۇلنىڭ ئوتى يامانكەن، ئۆلۈپ كەتكەن قىمارۋاز .


ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-12 21:45

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
4 
دوست
9 
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-12 20:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتياق ئەپەندىم سىزنى بۇ يەردە ئۇچراتقانلىقىمدىن تۇلىمۇ خۇرسەنمەن.

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
5 
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-12 22:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ شۇ بىچارە قىمارۋازلارغا ئەقىل ۋە كۆڭلىگە ھىدايەت ئاتا قىلغۇسى!! تېمىڭىزغا رەھمەت!

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-12 22:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سەن تىكمىگەن جان قالدى ، تومۇردىكى قان قالدى ،
ئاناڭ سەندىن ئەنسىرەپ، پۇت-قوللىرى بەك تالدى ،
ئايالىڭمۇ، بالاڭمۇ، رەنجىپ سەندىن ئاھ تاندى ،
چىن دوستلۇققا ئاخىرى، بىزار بولدى ھەم تاندى ،
ئايال-بالا دوستلاردىن باتناپ ئۆتكەن قىمارۋاز .

بۇ بەك ياخشى يېزىلغان مىسرالار ئىكەن ...

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 01:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش hunter01 نىڭ يازمىسى

ماڭىمۇ مۇشۇ مىسرالىرى ئەڭ ياقتى.ئوتياق ئەپەندىمگە رەھمەت ئىيتىمەن.تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

توردا
97سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
151 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 01:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتياق ئەپەندى رەھمەت سىىزگە. بۇنداق جانلىق تىمىنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.شۇ قىمارۋزلارنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھ، ئېگەم ھىديەت يۇلىنى سالسۇن!

توردا
166سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
9 
يازما
215 
تېما
37 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 11:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەتە سەھەر ئاخشامدا ، دەتتىكام دەپ ئاتىمەن،
كاج تەلەيگە ئاھ ئۇرۇپ ، ئوتتۇرۋېتىپ ياتىمەن،
قالمىغاندا پۇل-پوچەك، ئۆي_مۇلۇكنى ساتىمەن،
ئىزدەپ كەلسە جەزىخور ،شەمۇ-شەھەر قاچىمەن،

سېسىق نامىم پۇر كەتتى ، ھەممە دەيدۇ قىمارۋاز.



كۈندە ئويناپ قىمارنى ،ئۆي بىلەنمۇ كارىم يوق،

يانمىغاچقا بۇ يولدىن ، شۇڭا ياندا يارىم يوق،

گىتتار چالدىم ھەسراتتە ، بىراق ئۇندا تارىم يوق،

بولدۇم ئشەك تېرىسى، سېسىق گەپكە ھارىم يوق،

ئۆمۇرۇم ئوتتى مۇشۇنداق ،نام ئالدىمغۇ قىمارۋاز.


دادام تىىلاپ يان دىدى ،ئانام تېخى ياش تۇكۈپ،

بىزگە كېرەك سەن دىدى،خۇتۇن -بالام ئاھ ئۇرۇپ،

گەپ قىلمايدۇ ئاكاممۇ ، ھەدەم مەندىن خاپىلاپ،

ئىنى-سېڭلىم قارىماس ، مېنى قىزىل ساراڭ دەپ.

ئاڭلاڭ قىلغان توۋەمنى ، ئەمدى دېمەڭ قىمارۋاز.



ئەسلامۇ ئەلەيكۇم:ئوتياق ئەپەندى دىدار غەنىمەت،ئۇزۇن بولۇپتۇ كۆرۇشمىگىلى.يازمىڭىزنى كۆرۇپ تاققا-تۇققۇ يازغۇم كىلىپ ئەگىشىپ قويدۇم،ئەيىپكە بۇيرىماڭ.(ئەيىپكە بۇيرىماڭلار ھە مۇنبەرداشلار.)




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oganguqi88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-13 12:04

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 12:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
oganguqi88 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 11:28
ئەتە سەھەر ئاخشامدا ، دەتتىكام دەپ ئاتىمەن،
كاج تەلەي ...

رەھمەت سىزگە !
مەن سىزدەك ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن يازغان ئىنكاسلىرىنى ياقتۇرىمەن .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 12:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە، سىزنىڭ مۇشۇنداق جانلىق تىتىملىق ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە بىز تەشنا، يوقاپ كەتمەي داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 12:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىكار بولساملا ھەم ۋاقىت تاپساملا ئىزلارغا كىرىپ تىما يوللاپ، ئاۋات قىلىشقا كۇچ چىقىرىمەن. ئۇ- بۇ ئىشلار بىلەن تورغا كىرەلمەي قالىدىكەن. كەچۇرۇڭلار !
مېنى ياد ئەتكەن دوسلارغا تەشەككۇر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 12:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.