تەپەككۇر جەۋھەرلىرى l
چىراغ ئۆينى يورۇتىدۇ،بىلىم كۆڭۈلنى. l
سۈلىياۋ ئوتنى كۆرسە ئېرىيدۇ،ۋىجدان ئوتنى كۆرسە تاۋلىنىدۇ . l
ئىش بىزنى تۆۋەندىكى ئىللەتلەردىن خالاس قىلىدۇ زېرىكىش،چۈشكۈنلىك، مۇھتاجلىق، ھورۇنلۇق ، نادانلىق، خىجىللىق . l
پۇرسەت- پايدىلنالىغان كىشىگە ئالتۇندىنمۇ قىم مەت ۋە ئەتىۋار،پايدىلنىشنى بىلمىگەن كىشىگە ئەخلەت دۆۋىسىدەك ئەرزىمەس نەرسە . l
روھى جەھەتتىن ئەمەس،بەلكى جىسمانى جەھەت تىن بىرلەشكەن مۇھەببەت، بەخىتسىزلىك چۈلىدە ھەسرەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . مەن غەلىتە ئادەملەرگە قىزىقىمەن،چۈنكى، ئۇلارنىڭ جىسمىغا مەن ئىزدەۋاتقان سىرلار مۇجەسسەملەنگەن . l
دېڭىز دولقۇنغا:
-سەن مىنىڭ ماھىيىتىم، غۇرۇرۇم ۋە قەدىر-قىم
مىتىم -دىدى،
-دولقۇن دېڭىزغا :
-سەن مىنىڭ ماكانىم، غولۇم، ھاياتىم-دىدى،
غول يېلتىزغا:
-ساڭا ئوخشاش ئانام بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئاساسىم مۇستەھكەم ۋە ھەممىدىن يۈكسەكمەن،- دىدى،
يىلتىز غولغا :
-ساڭا ئوخشاش قەددى- قامەتلىك ئوغلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلۈم پۈتۈن، ئىشلىرىم راۋان،ئۈمىدىم زور، مۇھەببىتىم شۇ قەدەر ئۇلۇغ،-دىدى . l
قۇياش ئىسىملىكلەر، ئۆزىنى قۇياشقا تەڭلەشتۈرگۈ چىلەر كۆپ،ئەمما قۇياشقا ئوخشاش ئەبەدىي ۋە تەك شى نۇر چاچالايدىغانلار ساناقلىقتۇر . l
ئېھتىياتسىزلىق –كۆپ ھاللاردا ئۆزى ئۈچۈن پالاكەت سورۇنى ھازىرلاش بولۇپ قالىدۇ . l
بىزنىڭ ئەخمەقلىقىمىز شۇكى، كۆز ئالدىمىزدىكى بارلىق نەرسىگە ئىتىبارسىز قاراپ،يوق نەرسىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىپ كىتىمىز .شۇڭا ھاياتىمىزنىڭ تىڭىدىن تولىسى ئارتۇقچە بەدەل تۆلەش بىلەنلا ئۆتىدۇ خالاس . l
تىل- قەلىب خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى .ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن خەزىنە دەرۋازىسىنى ئاچساڭ،مۇنداق ئىككى خىل ھېكمەت كۆرۈلىدۇ؛ ئىچكى دۇنيارىڭ ساپ بولسا ،سىرىتقا تۆكۈلىدىغىنى -مەرۋايىت؛ ناپاك بولسا،سىرىتقا تۆكۈلىدىغىنى كېرەكسىز ئەخلەت دۆۋىسىدىن ئىبارەتتۇر . |