- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 236سائەت
- جۇغلانما
- 8650
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2152
- تېما
- 263
- توردا
- 236سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2152
- تېما
- 263
|
بۇرۇن بىر يىزىدا ناھايىتى ئىناق ئۆتىدىغان بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن ئۆتكەنىكەن، بىر كۈنى ئايالى غەلۋە قىلىپ ئانىسىنى يوقلاپ كىلىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋاپتۇ، يول ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، لىكىن ياۋاش، مىھرىبان ئەر ساقسىزلىقىنى باھانە قىلماستىن ، ئايالىنى ئىلىپ قىيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە راۋان بوپتۇ، يول بويى كۆپ ھاردۇق يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ياسىشىپ، مەنزىلگە خۇشال خۇرام يىتىپتۇ، قىزىنى كۆرگەن مەزلۇم يىغا-زارە قىلىپ ھازا ئىچىپلا كىتىپتۇ-دە ، كۈيئوغلىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپمۇ قويماي قىزى بىلەنلا بولۇپ كىتىپتۇ، دىلى ئاغرىغان كۈيئوغۇل روھى چۈشۈپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرغىنىچە سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ، شۇ ئارلىقتا ، ئىچكىردىكى ئۆيدىن قىيىنئانىسىنىڭ قىزىغا ۋاھىزلىق قىلغىلى تۇرغىنى بوشقىنە ئاڭلىنىپتۇ.
_ قىزىم، ئېرىڭ قانداقراق؟
_ياخشى، ياۋاش، تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، تۈز ئادەم ئىكەن، ماڭا بەك ياقتى، _ دەپتۇ قىز.
_ ئەخمەق، _دەپتۇ ئانىسى _ ياقتى دىگىنىڭ نىمىسى؟! ئەر كىشى دىگەننىڭ بۇرنىنىڭ بىزىنى ئىلىپ قويمىسا بولمايدىغان نىمە، بولمىسا شىللەڭگە مىنىمەنلا دەيدۇ، قارا، ئەر دىگەننىچۇ، خىمىر يۇغۇرىۋىتىپ قولۇمغا سۇ قۇيىۋىتىڭ، ئوچاقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ ، كۇلۇڭنى تازلاڭ، دىگۈلۈك، تىخى كۆزگە ئىلمىغاننى قىلىپ ئالدىدا كارىت-كۇرىت ئوسۇرۇپ قويغۇلۇق،_دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۈيئوغۇل نارازى بولۇپ كىچىچە بىئارام بولۇپ چىقىپتۇ، دىدارلىشىشمۇ تۈگەپتۇ، ئۇلار يەنە ئىشەك-ھارۋىلىرىنى قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاددى ، ئەمما ئىللىق ئۆيى تامان راۋان بوپتۇ، كۈيئوغۇل يول بويى ئايالىغا ئىللىق مۇئامىلىدە بوپتۇ، شۇ مىڭىپ كەچ كىرەرگە يىقىن بىر قۇمساڭ دۆڭلۈككە يىتىپتۇ، يول يۈرۈپ ھارغان ئىشەك ھارۋىنى سۆرىيەلمەي سوزۇپ-سوزۇپ بىر نەچچىنى ئوسۇرۇپتۇ، قىيىنئانىسىنىڭ گەپ-سۆزىنى خىيال قىلىپ، كەيپى ئۇچۇپ ئولتۇرغان كۈيئوغۇل ئىشىكىنى ھارۋىدىن بوشۇتۇپ بىر سۆگەتكە باغلاپتۇ -دە؛
<<ۋۇھ، گۆشى ھارام گۇي ، سىنى نەچچە يىلدىن بىرى ئاچ قويماي ئوبدان باقسام، ئىغىر يىنىك ئىشلارغا سالماي ئاسرىسام، قىلىقىڭ چىقتىمۇ ئەمدى؟! ھەجەپ كۆزۈڭگە ئىلماي ، ئالدىمدىلا ئوسۇرۇپ يۈرىيسىنا >> دىگىنىچە ئەلپازىنى بۇزۇپ ئىشەكنى بىر ھازا ئەدەپلەپتۇ، دىمى ئىچىگە چۈشكەن ئايال ئېرىنى توسۇشقىمۇ پىتىنالماي تۇرۇپ قاپتۇ.
سىز مىھرىبان ، ئاقكۆڭۈل يولدىشىڭىزنى ئانىڭىزنىڭ بىسەرەمجان تەلەپ-پىكىرلىرى بىلەن بىر سىناپ بقىشنى ئويلاۋاتامسىز؟ ئۇنداق قىلماڭ...
ئەلۋەتتە ، ئانا دىگەن ئۇلۇغ، ئۇ قۇلىقىڭىزغا پىچىرلاپ ئىرىڭىز بىلەن قانداق قىلغاندا ئەپ ئۆتكىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدا ۋەز قىلماي ، قانداق قىلغاندا ئىرىڭىزگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ ، بۇ تامامەن سىزنىڭ ئىززەت-ئابرويىڭىزنى ساقلاشنى ، ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىقىڭىزنى مەقسەت قىلغان بولىدۇكى ، بۇ غەرەزدە يامان نىيەت يوق، ئانىڭىز بولغاندىكىن ئەلۋەتتە سىزنى ئويلايدۇ، سىزنى كۆڭلى توق بولسۇن ، پاراكەندە يۈرمىسۇن دەيدۇ-دە ، لىكىن، سىز <<ماقۇل>> دەپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا زۇۋاندارلىق قىلىشنىڭ ۋە ياكى بولمىسا، ئانىڭىزنىڭ ئىيىتقىننى ئۆيىڭىزگە بىرىپ سىناپ بىقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەقىل-ھوشىڭىز جايىدا بولسا ، بۇ خىل تەربىيەنى سىناپ كۆرۈشنى ئارزۇلاپ كەتمەيسىز.
ئائىلە، ئەر ئۆزىڭىزنىڭ ، ئىرىڭىزگە ئىلگىرى قانداق ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز، ئۇنى قانداق ياخشى كۈتكەن بولسىڭىز ، شۇ خىسلىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋىرىڭ، ھەددىدىن زىيادە تەربىيە كۆرمىگەن قۇلاق كەستى ئەر بولمىسىلا ، مىھرىبانلىقىڭىزدىن ھامىنى دىلى سۆيىنىدۇ.
ئاپتورى؛ ئەخمەتجان مۇھەممەت جەۋھەر.
|
|