ئوغلۇم 
بالاچۈن ئاتىغا قىلسىمۇ زۇلۈم، مىننەتسىز،جاپاكەش،ئەجىرى بىر تۇلۇم. ئەر يېتىپ دىسەڭمۇ تاپتىممەن يولۇم ، سەن ئۈچۈن جان بېرەر گەركەلسە ئۆلۈم.
سەن خەقىش قىلغان شۇ تاتلىق ۋەتۇرۇم، نەدەدى شاكىلات ۋە" ئارمان" دىگەن. سىنى دەپ ئاق ناننى قوينىغا تىقىپ، ئۆزىچۇ؟ داغ سۇدا زاغىرنى يىگەن.
دەر ئىدى ھەر دائىم :" ئۈگەنگىن ئوغلۇم ، كەشپىيات،يېڭىلىق چىقسۇن ھەم بىزدىن. "ئويغاتقىن خەلقىڭنى بولدى بەس، يىتەر، خۇراپىي،نادانلىق يوقالسۇن تېزدىن "
بىلىمسىزنادانلار ئاتاڭنى قارلاپ، شۇم دوزاق ئوتىدا كۆيدۈردى بىرچاغ. روھىدىن ئۆچمىدى ھەقىقەت ئوتى، "داڭ چېلىپ" قەلبىدە قالدىغۇ بىرداغ.
بىلەمسەن؟ ئۇنىيەت قىلغانتى شۇچاغ، بىلىمدىن ئۆزگىنى قىلماسقا ھەمرا. تاپقىنى بىر گۆھەر،دەيتى ئۇ دائىم: "بىلىمسىز يۈرگەنلەر بولمامدۇ سەپرا".
چوڭ بولۇپ ئۇنۇتتۇڭ ھەممىنى بىردىن، ھەتتاكى ئاتاڭغا قىلمىدىڭ ھۆرمەت. پۇل دىسەڭ بەرسىمۇقانائەت قىلماي، ئاتاڭنى قارىلاپ قىلدىڭغۇ تۆھمەت.
پىژغېرىم ئاپتاپتا ۋەياكى سوغدا، ئېتىزدىن كىرمىدى بولسىمۇ بىتاپ. مول-ھوسۇل ئالغاندا بولدۇڭ سەن ئىگە، شۇڭغىچە يۇردۇڭغۇ شەلەردە ئويناپ.
ئاتاڭنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر، سىنىڭمۇ بېشىڭىدىن ئۆتمىگەي ئەمدى. بىر لوقما ئاش ئۈچۈن مۇكچۈيۈپ بېلى ، بىر ئۆمۈر ئۆتتىغۇ، ئۆتمىگەي ئەمدى. 
مەنبە:يازمام |