- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2011-4-1
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 177سائەت
- جۇغلانما
- 3725
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 858
- تېما
- 113
- توردا
- 177سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 54
- يازما
- 858
- تېما
- 113
|
تامغا مىخ قاققاندا
بىنا ئۆيلەرنىڭ سېمونت تاملىرىغا مىخ قاققاندا ھەر قانچە ئاۋايلىغان ھالەتتىمۇ ، بەزىدە مىخ ئەتراپىدىكى تامنىڭ يېرىلىپ )ئۇۋىلىپ ( كېتشىدىن ساقلىنىش قىيىن ، ئەگەر يېپىشقاق لېنتا ) جياۋدەي ( نى ئاۋال تانغا چاپلىۋىلىپ ، مىخنى قىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن لېنتا سويۇپ ئېلۋىتىلسە ، تام زىدە بولۇپ كەتمەيدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل كونا ، سىرلانغان تاملارغا قوللىنىلسا ، مىخ قېقىلۋاتقان چاغدىكى زەربە كۈچىنىڭ سىلكىشى بىلەن سىرلىرىنىڭ قومۇرلۇپ چۈشۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
دەزمال داتلىشىپ قالغاندا
توك دەزمىلدا دات پەيدا بولغاندا ، ئۇ قۇم قەغەز بىلەن سۈرتۈپ چىقىرۋىتىلسە ھەم كۆركەملىككە تەسىر يىتدۇ ، ھەم ئىشلىتىشكە كاشلا بولىدۇ . ئۇنى چىقىرىشنىڭ ئاددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى مۇنداق : ئاۋال بىر پارچە ھۆل رەخىتكە ئازراق چىش يۇيۇش پاراشوكى ياكى چىش پاستىسى ) ياگاۋ ( نى سېلىپ ، داتلاشقان جاينى ئاستا - ئاستا سۈرتۈپ ، پاكىز سۈرتۈلىپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە بىر قەۋۋەت شام سۈكەپ ، ئاندىن توك مەنبەسىگە چېتىپ شام ئىرىپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە سۈرتۈش لازىم . ئەگەر دەزمالنىڭ ئاستى داتلاشقان بولسا ) شام ئىرىگەندىن كېيىن ( بىر پارچە كىرەكسىز رەخىتنى ئاستىغا سىلىپ ، دەزمالنى ئالدى كەينىگە ماڭغۇزۇپ بىر نەچچە قىتىم دەزماللىۋىتىلسلا بولىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن دات چىقارغاندا دەزمالنىڭ يۇزىنى قىلچە زەخمىلەندۇرمەيلا قالماستىن ، بەلكى ئەسلىدىكى سىلىق ۋە پارقىراقلىقى ئەسلىگە كىلىدۇ .
مەنبە _ << كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر >> دىن ئىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hunter01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-30 08:30
|
|