ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرمىلەر بەختنى ھېس قىلىڭ.
كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 7
go

بەختنى ھېس قىلىڭ.

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھاياتلىق سەپىرىدە بەزىلەر بەخت ئىزدەپ تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ جاپالىق يول يۈرىدۇ.بەزىلەر بەخت يارىتىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. ئەمما بەخت دىگەن زادى نىمە، ئۇ قەيەردە؟ بۇ ھەقتە پەيلاسوپلار مۇۋاپىق تەبىر بېرىپ بېقىشقا ئۇرۇندى. شائىرلار كىشىلەرنى خىيالىي تەسەۋۋۇرلار ئىچىدىن ئىزدەپ تىپىشقا يىتەكلىمەكچى بولدى. بىراق، تېخىمۇ كۆپ ئادەم گاڭگىراپ قېلىپ، بەخىتنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى. بۇنىڭ بىلەن يېنىكلىك، پەرىشانلىق، ئازاپ دىگەنلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يوپۇرۇلۇپ كەلدى.
ئەمەلىيەتتە بەخت شۇنداق ئاددىي نەرسە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ.
دوختۇرلار:< بىر جاننى ئۆلۈم گىرداۋىدىن قۇتقۇزۇپ قالغىنىمىزنىڭ ئۆزى بەخت > دېسە، ئوقۇتقۇچىلار: < ئوقۇغۇچۇمنىڭ ياراملىق بولۇپ چىققىنىنىڭ ئۆزى بەخت > دەيدۇ. سودىگەرلەر : < تۈنۈگۈنكىدىن بىر پۇڭ پۇلنى كۆپ تاپقىنىمنىڭ ئۆزى بەخت > دەيدۇ......
بەخت تەلەپ قىلىپ ئېرىشىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ، ئۆزىمىزدە بار بولغان، ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدىغان بايلىق، خالاس.
داڭلىق ماركىلىق ئاياغدىن بىر جۈپ سېتىۋىلىشقا پۇلى بولمىغانلىقتىن مەيۈسلىنىپ قالغان ئۆسمۈر ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان مەجرۇھنى كۆرگىنىدىلا ئېسىل ئاياغ كىيەلمىسەممۇ، پۇتۇمنىڭ بار بولغىنىنىڭ ئۆزى بەختىم ئىكەن، دەپ خۇرسەن بولىدۇ. تېنەپ، دوقۇرۇپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مۇساپىر بامبۇك، ياغاچلار بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، ئوت-سامانلار بىلەن يېپىلغان كەپە ئىچىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە ۋە ناخشا ساداسىنى ئاڭلىغان چېغىدا، ئائىلىسى بولسا نىمىدىگەن بەختلىك، دەپ ئۇلارغا ئىچ-ئىچىدىن ھەۋىسى كىلىدۇ. گېلى ساق، قولى پاك ئۆتكەن دىيانەتلىك ئەمەلدار سوتنىڭ پارىخور ئەمەلدار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنامىسىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزىنىڭ شۇنداق پاك ئۆتكىنىنى بەخت دەپ ھېس قىلىدۇ. جېنى ئەلقۇمىغا كېلىپ قالغانلار كېلىپ-كېتىپ بارغانلارنى كۆرگىنىدە، ياشاشنىڭ ئۆزى بەخت ئىكەنلىكىنى بىلىشكە باشلايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىر غەلىتە چەمبىرەك ئىچىدە ياشايدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا باشقىلارنىڭ بەختىگىلا ھەۋەس قىلىپ يۈرۈپ، باشقىلارنىڭمۇ ئۆز بەختىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ.
بىر دانا دەرياغا سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان بىر ساھىپجامال چوكاننى قۇتقۇزىۋالغاندىن كىيىن، نېمى ئۈچۈن بۇنداق كالتە پەملىك قىلغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئۇ چوكان:
_ ياتلىق بولغىنىمغا بىر يىل بولا بولماي ئېرىم مىنى تاشلىۋەتتى. ياشاشنىڭ مەن ئۈچۈن ئەمدى نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ _ دەپتۇ.
_ ئەمىسە، شۇ بىر يىلدىن ئىلگىرى قانداق ياشىغان ئىدىڭىز؟
_ ئۇ كەملەردە ھېچنىمىدىن غېمىم يوق، ئەركىن-ئازادە، بەختلىك ياشىغان ئىدىم.

_ ئۇ چاغلاردا ئۆزىڭىز يالغۇزمىتىڭىز؟ ياتلىق بولمىغانما؟
_ تېخى ياتلىق بولمىغان.
_ بۇنىڭدىن قارىغاندا، تەقدىر ئىلاھى سىزنى بىر يىل ئىلگىرىكى ھالىتىڭىزگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ قويۇپتۇ، سىز يەنىلا بەختلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەپتۇ دانا كۈلۈپ كېتىپ، - شۇنداق ئەمەسمۇ _ يا؟
چوكان شۇ چاغدا دەرھال ھۇشىنى تېپىپتۇ.
بىزمۇ ئۆز-ئۆزىمىزدىن : < بەختىمنى ئۆزۈم تاشلىۋەتكەن، ئۆز-ئۆزۈمگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالغان چاغلىرىم بولغانمۇ - يوق؟ > دەپ سوراپ كۆرسەك بولىدۇ.
بەخت دېگەن نىمە؟ ئۇنىڭغا ئەزەلدىن < ئۆلچەملىك جاۋاپ > بولۇپ باقمىغان. بەخت بىر خىل تۇيغۇ. ئۇنى قەلبىمىزدىن ھېس قىلغىنىمىزدىلا ئۆزىمىزنىڭ بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالايمىز.

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەخىت مەۋھۇم نەرسە ئۇنى ھىس قىلالىغان ئادەملا ئاندىن ھەر قاچان ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلكىنى بىلەلەيدۇ . چۈنكى ئىغىر كىسەللەرلا سالامەتلىكنىڭ ئەڭ زور بەخىت ئىكەنلىكنى ھىس قىلالايدۇ . لىكىن بۇنى ئادەتتىكى ساغلام ئادەملەر ھىس قىلالمايدۇ .

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش hunter01 نىڭ يازمىسى

توغرا دەيسىز....

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
داۋاملىق تىرشڭ

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1047 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەرھەق

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىما بەك ياخىشى يېزىلىپتۇ . بەخىت بىزنىڭ يىنىمىزدىلا .ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس ،بىز بەخىتىنى پەقەت قولدىن بىرىپ قويغاندا ئاندىن ھىس قىلىمىز .

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش nazakat1212 نىڭ يازمىسى

شۇڭلاشقا بەختىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.