سۆيگۈ قەسىدىسى

سىنى كۆرگەن تۇنجى كۈنۈملا ،
يۈرۈكۈمگە ئوتنى سالغانتىڭ .
كۈلۈپ قىيا بىقىشلىرىڭدىن،
سىھىرلىنىپ بىھۇش بولغانتىم .

سەن سەزمەيسەن ساڭا كۆيىمەن ،
خىيالىمدا سىنى سۆيىمەن .
كوچىلاردا قاراڭنى ئىزلەپ ،
خەۋەرسىزلا سىنى كۈتىمەن .

توۋا دەيمەن ئۆزەمگە ئۆزەم ،
نىمە بولدۇم قانداق سەزگۈ بۇ ؟
خىيالىمدىن كەتمەيسەن ئەسلا ،
بىلسەڭ پەقەت شىرىن سۆيگۈ بۇ .

سۆيگۈ دىگەن ئۇ بىر بىغىشلاش ،
ئۆكۈنمەيمەن كۆيۈپ قالغانغا .
گەرچە مىنى سۆيەلمىسەڭمۇ ،
چىدىيالايمەن ئوتنى سالغانغا .

بولمىساڭمۇ شاھ ياكى خانىش ،
ماڭغا قەلبىڭ ئەڭ بۈيۈك تەخىت .
سۆيۈپ سىنى تىلەپ بەختىڭنى ،
ياشىساملا شۇماڭا بىر بەخىت .

بىر تامچە ياش
بۇ ھايات بىردىنلا ئايلاندى كۈزگە ،
تۆكۈلدى قەلبىمگە خازانلارسىمان .
مەن بۈگۈن ھەممىدىن بولغاندا جۇدا ،
بىر تامچە ياش كۆتۈردى قىيان .

ئالدىنىپ كەپتىمەن شۇنچە ئۇزاق چاغ ،
يالغاندىن سۆيۈش ۋە ساختا جىلۋىگە .
قىلىپمۇ سەداقەت يوق ئىكەن بىلسەم ،
سۆيگۈنى كۈيلىگەن سوغوق كۈيۈڭدە .

سۆيگۈڭنىڭ ئالدىدىن قايتتىم قۇرۇق قول ،
گوياكى قاغجىراق جەزىرە بولۇپ .
يۈرەككە ئەسلىدە مۇھەببەت ئەمەس ،
ئاھ سوغۇق كۆز ياشلار كەتكەنكەن تولۇپ . 
ئەقىدە 
باغلالمىدىم ساڭا سادىق ئەقىدە ،
بەڭۋاشلىغىم كىلىپ بەكمۇ زىيادە .
گۈزەل چىھىرلىك سارىيڭغا ھاڭۋىقىپ ،
قەلبىم چۆلدە كىزىپ يۈردى پىيادە . 
چىھىرلىرىڭ بەردى ماڭا تالاي كۈلپەتلەر ،
ياشلىغىمدا ئويناپ كۈلۈپ يۈرگەندە .
ئاخىرقى رەت يۈرەك تىترەپ توختىدى ،
كۆڭلۈم كىرەر چوقۇم بىر كۈن لەھەتكە .

باغلالمىدىم ساڭا چەكسىز ئەقىدە،
ئاھۇ كۆزلۈك ئۆزبەك قىزى ساجىدە .
كەتسەممۇ گەر سىمايىڭ يىراق -يىراققا ،
بولۇپ قالدىڭ يۈرۈگۈمدە ئابىدە .

سەنسىز كۈنلەر

ئۇنتالمايمەن قەلبىم ھەسرەت چەكسىمۇ،
تەغدىر بىزگە قىلغاچ تالاي يولسىزلىق.
يۈرسەممۇ گەر سەندىن يىراق جايلاردا،
بىر جۈپ كۆزڭ بەردى ماڭا يورۇقلۇق.

يىغلاپ يىغلاپ ئەشۇ كۈنى تۈيۇقسىز،
ئۆزوڭ تەنھا يۈرۈپ كەتتىڭ يىراققا.
خوش دىيەلمەي قالدىم سەھەر ئۇيقۇلۇق،
بىلدىم جەزمەن پاتتىڭ ئازاپ پىراققا.

ئۇنتالمىدىم شۇندىن بېرى سۆيگوڭنى،
باغرىڭ بولغان تۇرسا ماڭا گۈلىستان.
ئايرىلىشتىن بىلدىم سىنىڭ قەدرىڭنى،
سەنسىز كۈنلەر بولدى ماڭا گورۇستان. 
نىمە ئۈچۈنكىن ...؟! 
كۆزلىرىمدە ياش - يۇقى دۇنيا ،
يۈرۈگۈمدە تىپىرلار ئارمان .
سۈت ئۇيقىسىدىن ئەمدى ئويغانغان ،
بۆشۈكتىكى بوۋاققا ئوخشاش .

يۈرۈگۈمدە يېلىنجار بىر ئوت ،
مەن بۇ ئوتتا گويا سەمەندەر .
يۈرۈگۈمدە شاۋقۇنلۇق دۇنيا ،
مەن دەرياغا بەخشەندە بېلىق .

ئوت شارى ئۇ چوغلۇق يۈرۈگۈم ،
جىسمىم مىنىڭ سىرلىق دۇنيايىم .
يۈرۈگۈمدە مىنىڭ يەر شارىم ،
يەنە ئۇندا قايغۇ -شادلىقىم . 
ئانامغا

توققۇز ئاي ،تۇققۇز كۈن كۆتۈرۈپ قورساق ،
ھايات -مامات ئىچىدە يىدىڭىز تولغاق .
ھەممىنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن شۇ ئان ،
باغرىڭىز يىرىپ چىققان يىغلاڭغۇ بوۋاق .

تەمتىرەپ ماڭغاندا ئانا دىگەندە ،
ئالامچە خۇشال سىز چۆلمۇ گۈلۈستان .
قارايسىز تويمايسىز پەخىرلىك بالا ،
چىن سۆيگۈ ئەقىدىنى مەھكەم باغلىغان .

بىر ئۆمۈ كۆيىسىز بولساقمۇ ئانا ،
بالا ئۈچۈن ئۆي ئۈچۈن تىنىم تاپمايسىز .
تۇرمۇش دىڭىزنىڭ دولقۇنى ئىگىز- پەس ،
پەرزەنىت تەسەللى ،سۇنسا دىلىڭىز .

ھالاك ئەجىر ،ئۈمۈت -ئارزۇ تىلەك بار ،
دىلخانەمگە قۇياش سىز ، ئۆمرۈمگە يولباش .
رازى سىز ئۈمۈت ئۈچۈن دەشتى چۆلىگە ،
قەددىڭىز يا ،كۈمۈش لىباس ئارتسىمۇ باش .

ھەر بىر سۆزۇڭ زەر ئۈنچە قۇچاغىڭ بىھىش ،
بىر تامچە سۈت ھەققىنى بىرەلمەس بالا .
يىللار سىخى سىز شۇنچە ،قەلبىڭىز گۈلخان ،
قەلبىم تۆرىدە مەڭگۈ ئۇلۇغ سىز ئانا . 
نورۇز قوشىقى

نورۇز كەلدى نور بولدى ،
ھەممە جانلىق ھۆر بولدى .
ئەي خالايىق شاتلىنىڭ ،
كەسىپكارغا ئاتلىنىڭ .

نورۇز كەلدى چىپىشىپ ،
چىقىتى كۆكلەر يەر تىشىپ.
خۇشال- خۇرام يايرىدۇق،
ناخشا- قوشاق ئىيتىشىپ .

نورۇز كەلدى خۇش كۆلۈپ ،
گۈل غۇنچىلار ئىچىلدى .
دىھقانلارنىڭ يىرىگە ،
ئۇرۇقلارمۇ چىچىلدى .

نورۇز قۇتلۇق بىر كۈندۇر،
ھەممىمىزگە مىھماندۇر.
يىل ئىشىنى نورۇزدىن ،
باشلىمىساق ياماندۇر .
 شىئىرلار 
مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ،
ئاشىقلىقنى سۆزلەيدۇ ھەق دەپ.
يازغانلىرى ۋاپا دەستۇرى،
قىلغانلىرى قەدىمدىن ھەق گەپ.

گۇناھ دىمەس كۆڭۈل بەرگەننى،
كاككۇك-زەينەپ بولۇپ يۈرگەننى.
بۇ دۇنيانىڭ ھوزۇرى دەيدۇ،
شۇ مەكتەپتە ئۆتكەن ھەردەمنى. 
جىمى ئىنسان ئۇنىڭ ئىلكىدە،
بىنا،قەسىر يوقتۇر مۈلكىدە.
شۇنداق مەكتەپ مۇھەببەت دىگەن،
سائادىتى تويدا،مەركىدە. 
ئون سەككىزدە ئۆمۈر ئۈز دەيدۇ،
ئون سەككىزلەر جۈپلۈك ئىزلەيدۇ.
بوۋايلارمۇ يەتمىشكە يەتكەن،
<<شۇ مەكتەپتە تىخى بىز!>>دەيدۇ. 
كۆڭلۈم 
ئېچىل دىسە ئالدىراپ ئېچىلما،كۆڭلۈم،
مارجان بولساڭ يىپىڭدىن چىچىلما،كۆڭلۈم.
بىرى سىنى ئالدايدۇ؛<<ئاشىقىڭ بىز>> دەپ،
بىرى يالغان يىغلىسا، ئېچىنما، كۆڭلۈم.

يۈگۈرۈپ يۈرمە كەينىدىن چىرايلىقلارنىڭ،
ساداقەتسىز سەپلەرگە قېتىلما،كۆڭلۈم.
كىملەرنىڭدۇر مەيلىگە بىرىپ بارىڭنى،
ئۈرۈك بولۇپ شاخلاردىن قېقىلما،كۆڭلۈم. 
خىللاپ يۈرمە خىلىڭنى خۇدا بەرگۈچە،
قولۇڭ يەتمەس شاخلارغا ئېسىلما،كۆڭلۈم.
سىنى ئالداپ كۆرمەكچى ئالتۇنى بارلار،
گۆھەر كۆرسەڭ،گۈل كۆرسەڭ سىتىلما ،كۆڭلۈم. 
كىتەر بولساڭ خوش ئېيتماي كەتمە. 
ئايرىلغانغا ئاغرىنما يايرىم،
كىتەر بولساڭ،<<خوش ئىيىتماي كەتمە>>.
ياخشى چاغدا ياخشى بارىڭنى،
ئايرىلغاندا گۇناھكار ئەتمە.

مەندىن ئۆتكەن گۇنا سەۋەنلەر،
يوق ئەمەستۇر سەندىمۇ بەلكىم.
رەنجىگەندە كېرەكقۇ ئويلاش،
ئۆز-ئۆزىنى ئەڭ ئاۋال ھەر كىم. 
تارتىلمىسۇن،ئايرىلغاندا بىز،
ياخشى ئۆتكەن كۈنلەر جازاغا.
نامەرتلىكتۇر خوش دىمەي كەتكەن،
ئۇچىرىغاندا سۆيگۈ قازاغا . 
قاتتىق ياپما چىققان ئىشىكنى،
يىنىپ قايتا كىرىپ قالىسەن.
ئېيتقانلىرىم توغرىمۇ خاتا،
بىر كۈنلىرى بىلىپ قالىسەن.
 يازغان خەتلىرىڭ 
قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ،
سەن گۈلۈم،خېتىڭنى باغدا يازغانمۇ؟
تاڭ سەھەر بۇلبۇلدەك تەلمۈرۈپ ياكى،
قىزىلگۈل ئىچىلغان چاغدا يازغانمۇ؟ 
قىزىلگۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ،
قولۇڭدا قىزىلگۈل بامىدى ياكى.
كەلمەستىن شۇنداق خەت يىزىپ تۇرساڭمۇ،
بىر سىنى كۈتەرمەن ئۆلگۈچە تاكى. 
قىزىلگۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ،
ئايلىنىپ كەتتىڭمۇ ياكى سەن گۈلگە.
كىلىدۇ ۋاپانىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ،
خەتلىرىڭ نەمۇنە ،خەتلىرىڭ ئۈلگە . 
چۇشۇمدىكى لىرىكا 
بىلەلمىدىم كۈندۈزمۇيا- كىچىمۇ ؟،
كىتىپ بارىمەن خىلۋەتلەردە يىگانە .
كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇچار بىر قۇشۇم ،
ئۇچراپ شۇ ئان كۆز ئالدىمدا بىر سايە.

بىردەم پەسلەپ بىردەم كۆككە شۇڭغۇيدۇ ،
غايىپ بولماس ياكى كەتمەس يىنىمدىن .
كۆرۈنۈپ ئۇ ماڭا نازۇك بىر تىرىنا،
ئاھ بىر نۇرنى ئىلىپ كەتتى تىنىمدىن .

قوللۇرۇممۇ مەيلىگە ھىچ بويسۇنماي ،
غۇلاچ تاشلاپ ئىچىرقىغان شۇڭقاردەك .
نەپەسلىرىم بوغۇلسىمۇ تەن بەرمەي ،
سوزدۇم يەنە كۆككە بىقىپ كۈلگەندەك .

قارچۇغۇمدا شۇ ئان گۈلدۈر چاققاندەك ،
غايىپ بولدى تەنلىرىمدە كۈچلۈرۈم .
ئەسلى خىزىر يولۇققانكەن ئەمەسمۇ ؟ ،
خىيال ئەمەس رىىئال ئىكەن چۈشلۈرۈم . 
ئاشىق 
سۆيگۈنۈم چىن دىلىمدىن ،بىل دىلبىرىم بىر ئۆزۈڭ ،
گويا قۇندۇز قىيا بېقىپ ، تەلمۈرگەن قارا كۈزۈڭ .
مەن ئۈچۈن ئالەمدە يوق ،سەن كەبى گۈزەل پەرى .
بال - ھەسەل نازلىنىپ ئېيىتقان شۇ ،ھەربىر سۈزۈڭ . 
تەشنا ئىدى بۇيۈرەك ، دىدارىڭنى كۈتمەككە ،
چىدىمايتتى بىردەقىق ،سەنسىز تەنھا ئۆتمەككە .
قارارىڭنى بىلمىدىم ، مېنى تاشلاپ ئازاپقا ،
نىيەت قىلدىڭ نە ئۈچۈن ،كۆزلىرىمدىن يۈتمەككە . 
يۈز ئۆرۈپ كەتتىڭ لىكىن يۈرۈگۈم قالدى سەندە ،
ئۆتمەكتە ئۈشبۇ كۈنلەر ،دەرىت-ئەلەم،قايغۇ-غەمدە .
ئەسلىمەسنى نىيەت قىلسام ئۆز-ئۈزۈمگە نەچچە رەت ،
يۈرۈگۈم توستى يۇلۇمنى ، نەئامال قالدى مەندە .

بۇلبۇل بۇلۇپ گۈلشەن ئارا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل ناۋا ،
سايرىسام يار ئىشقىڭدا يۈرەكلەر ۋولقان ، لاۋا .
يار كەلسە دەپ تەشنا يۈرەك سارغىيىپ بولسا خازان ،
ئېيىتقىنا قايدىن تېپىلۇر بۇيۈرەككە دەرىتمەن ، داۋا. 
ئانا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك 
تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك، مىنى باققان جان ئانا. ئەجرىڭدىن مەن شۇنداق، ئەخلاقلىق قىز بولدۇم مانا. 
ھەممە دەيدۇ ئانىنى، بارچە دۇنيانىڭ ئانىسى. ھەممە كۈيلەر سىزنى، سىز ھاياتنىڭ گۈزىلى. 
قەدىرلىك سىزجان ئانا، ئامراق سىزگە يۈرەكتىن. سالامەتلىك تىلەيمەن اللەھتىن، چىن دىلىمدىن سۆزۈمدىن. 
ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈڭ سىز، ئۇزۇن يىللار كىلىڭ سىز. سالام يوللار بارچە ئادەم، سىزتەشنا بارچە دىللار. 
سالام دەيمەن ھەر سەھەر، يۈرىكىمدىن تىلەپ. سىز پەرىشتەم ئانامسىز. بىرمىنىڭ بەختىمنى ئويلاپ. 
كۈتۈش 
يامغۇر ياغقان تمتاس كىچىدە، تەلمۈرەتتىم يوللۇرۇڭغا يار. لىكىن كەلمەس بولدۇڭ سەن قايتىپ، كۈتمەي ئەمدى كۈتكىدەك نىمە بار.

تمتاس كىچە يۈرەتتىم يالغۇز،
تەنھالىقتا سېنى سېغىنىپ. ئەسلەپ بىرگە ئۆتكەن كۈنلەرنى، ئاقتى ياشلار يۈزلەردىن سىرغىپ.

ئاققىنىنى ياشمىكىن دەمسەن،
ياش ئاقمىدى قان ئاقتى كۆزدىن . مەڭگۈ بىرگە بولىمىز دىگەن ، ئەمدى ئۆزۈڭ ياندىڭمۇ مەندىن .

تەسەللىلەر ئىزدەپ ئۆزۈمگە،
ئىنتىلەتتىم مەنزىلگە ھامان. شۇنداق مىڭىپ يەتسەم ۋىسالغا، يوقتۇر ئۇندىن باشقىچە ئارمان. 
خەيرى سەن كەت يىراق-يىراققا،
قالاي يالغۇز بۇ دەرد -پىراقتا. بىلگىن شۇنى ئۇنۇتما ھەرگىز، سېنى يايرىڭ كۈتەر يىراقتا. 
ئۇيغۇر قىزى 
رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇشپۇراق ھىدىدىن ،بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكىنى ،ساپ مىھىر مۇھەببىتى ئارقىلىق تالاي دۆلەتلەرنىڭ ھاڭ تاڭ قالدۇرغان ،تاشقى گۈزەللىكىنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان ھەر ۋاقىت ئىچكى گۈزەللىكىنى بىرىنچى ئورۇندا قويىدىغان گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنى قايتىدىن كۆرگەندەك بولدۇم !~ 
ئىچىلغان گۈللەر بەرگىدىن ،
كۆردۇممەن ئۇيغۇرنىڭ نازاكەت قىزىنى .
غورۇرلۇق ۋىجدانى يۈلەك بولغاچقا ،
تۆكمەيدۇ ھەر زامان ئۇيغۇر يۈزىنى ،

بۇلبۇللار يىقىملىق سايرىسا گۈلگە ،
توختىماي پارقىرار شەبنەم بەرگىدە .
چىرايلىق جەزبىدار قىزلىرىمىز روھى ،
مەڭگۈگە ساقلانسۇن ئەلنىڭ قەلبىدە .

تاغلاردا قىران ئۆسكەن قارغاي ،قار لەيلىسىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ جەسۇرانە ،قىيىنچىلىق ئۇچرىسىمۇ ھەرزامان باش ئەگمەيدىغان ، قەلىپلەرگە ئۇلۇغ غايىلەرنى پۈكۈپ ،باشقىلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە ئىشەنمەستىن قەلىپلەرگە پۈككەن سۇنماس ئىرادىسىنى يەنە بىر قىتىم كۆرگەندەك بولدۇم . 
گاھىدا قارغايدەك قالسىمۇ سۇسىز ،
كۈلۈشتىن ئۆچ كۆرەر يىغلاشنى ھامان .
ئازاپلار سالسىمۇ چىن قەلىپلەرگە ،
ئۇلۇغ ئارمانلار قەلىپكە پۈكۈلگەن ھامان .

چىداملىق ئۇيغۇر قىزى قارغايغا تەڭدۇر ،
تارىختا پۈكۈلگەن بۇ بىر ھەقىقەت .
گاھ بوران چىقسىمۇ توختىماي سىناپ ،
ئۆكۈنۈپ بىراۋدىن تىلىمەيدۇ شەپقەت .

ئەتىگەندە كائىناتقا ئىللىق نۇرىنى چىچىپ چىققان قۇياشتىن ، بىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەدەپ -ئەخلاقلىق شەرمى- ھايالىق ، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەيدىغان ، باشقىلارغا يامان كۆزدە قارىمايدىغان ، بارلىق كىشىلەرگە مىھرىبانلىق نورىنى چىچىپ تۇرىدىغان ، خۇشخۇي مۇئامىلىسى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن قەلبى نۇرلۇق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سىماسىنى ھىس قىلدىم . مەن بىر ئۇيغۇر قىزى بولغانلىقىمدىن شۇنداق پەخرلىنىمەن . كۆكلە ئۇيغۇرۇم ياشا ئۇيغۇرۇم !~

چىھرىڭدە قۇياشنىڭ نۇرلىرىمۇ بىخ سۈرگەن ،
ھەر زامان ھايانى ئۇنۇتمايدۇ ئۇيغۇرۇم .
قەلبى ھىجران ئازاپلارغا تولسا گاھىدا ،
قۇياش بولۇپ پارلايدۇ زىمىستاندىمۇ ئۇيغۇرۇم .

مەن تىلەيمەن بىزلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىنىچلىق ،
تىنىمىزغا سالامەت ، ھەمراھ بولسۇن ھەم ساقلىق .
ئىلىم پەندىن ھەر زامان تىپىپ يەنە كۆپ بايلىق ،
دىلىمىزدا خۇشاللىق جىلۋىلەنسۇن ھەم شاتىلىق .

سىغىندىمغۇ يۇرتۇمنى ئەجەپ 
ئۆتەي دىمەس بىر قۇشقاچ ئۇچۇپ ،
سىغىنغاندا قۇشقاچلىرىمنى .
كۆرۈنمەيدۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمان ،
ھاردىم ئىزلەپ يۇلتۇزلىرىمنى .

مىھرى ئىسسىق جاپاكەش ئاپا ،
ئىزلىدىڭمۇ ھوجرامدىن مىنى .
كىرىپ قالسام ئەگەر چۈشىڭگە ،
سەزگەنسەنمۇ غىرىپلىقىمنى. 
ھايات ماڭا بەختىنى بىرىپ ،
سىغىنىشقا ئۆرتەيدۇ تەكرار .
بۇ شەھەرنىڭ مىھرى ناتۇنۇش ،
سىغىندۇرار يۇرتۇم يوللىرى . 
يوللاردىكى كۆزلەرگە قاراپ ،
ئىزدەنگەنسەن كۆزلىرىم نىمە .
يۇرتۇم يول مىھرىنى سۆزلەپ ،
يۇرىكىمنى قىلمىغىن زىدە.

جىنىم ئاپا ، جانىم ئاپا ،
سىنى سىغىندىم شۇنداق .
لىكىن ئامال قانچە تاتلىق ئاپا ،
يەنە يىغلاپ ئولتۇرارمەن شۇنداق .

جانىم ئاپا 
نۇرلۇق كەبى ئوتلۇق چىھرىڭدىن ،
زىمىنلارغا ئىلىپ كىلىدۇ باھار .
مەن ئۈچۈن تارتساڭمۇ كۈلپەت ،
بىلىنمەيدۇ ساڭا ھىچ زىنھار .

قارلىق چوققا ئىگىز قارغايمۇ ،
ھۆرمەت بىلەن قىلىدۇ تازىم .
يوللىرىڭغا ئىچىپ كەڭ قۇچاق،
بەخىت تىلەر ساڭا ھەر دائىم .

سىنىڭ بىلەن يارالدى ئىنسان ،
سىنىڭ بىلەن يارالدى دۇنيا .
سەن مۇقەددەس ئۇلۇغ سەن ئاپا ،
دۇنيادا ئەڭ سۆيۈملۈك ئۇلۇغ ئاپا .

مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-22 16:36
|