ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر قـۇرغـاقـچـىلىــق
كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 6
go

قـۇرغـاقـچـىلىــق

Rank: 8Rank: 8

توردا
170سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
324 
تېما
28 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قۇرغاقچىلىق

چىمەنگۈل ئاۋۇت

1
قەھرىم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ
كۆبجىگەن تۇمۇرۇمنى كېسىۋەتتىم.
قۇياش چۇل - چۇل بولدى جىممىدە،
مەندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات
چىقىۋالدى كېمىگە...
ئۈزىۋەتتىم تۈگمىلىرىمنى،
بارمىقىمغا يىڭنە كىرسۇن دەپ.
كىچىكىمدە.
ئانام مېنى ئوتلاپ قاققىلى
دوقىراتتى ئۆي - ئۆيگە،
يۇرۇن تىلەپ.
سېرىق رەڭگە ئۆچ بولدۇم بۈگۈن،
لامپۇچكىنىڭ ئۆلمەكتە نۇرى.
قۇش پىيىدەك قىرقىلغان ۋاقىت،
سۆيمەكتە ھەم يېمەكتە مېنى.
ساڭا تونۇش تۇيغۇلىرىمدەك،
بېسىپ كەلدى رېئاللىق ماڭا.
قورسىقى ئاچ ئايالدەك كېچە،
قارايماقتا كۆزلەردەك يانا.
كارىۋىتىمغا تاشلاندىم گۈلدەك،
بۇلۇت بولۇپ يېيىلدى بارچە.
چىكىلمىدى ئىشىكىم يېنىك،
سەنبىلمەيسەن مېنى تېخىچە.
نېمىشقىكىن ئېغىپ يۈرىكىم،
مەنئۆزۈمگە سىغماي قالىمەن.
تېلېۋىزورغا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ،
ئاياللىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن.
خەرىتىنىڭ سىزىقلىرىنى،
يېڭىلايمەن قارا سىيادا.
يەر تەۋرەيدۇ شۇقەدەر تەمكىن،
بوغۇلىمەن قىيا - چىياغا...
2
ئىشخانىدىن چىقتىم يىلاندەك،
ۋاقىت مېنى چاقىدۇ تىنماي.
چىڭقى چۈشنىڭ شىرنىلىرىنى،
بىر توپ چىۋىن يالايدۇ قانماي.
ئاپتوبۇستا،
«تۇرپان» ژۇرنىلىنى ئوقۇپ ئولتۇرسام
يېنىمدىكى سىمىز بىر ئايال،
تۇپان دەپ ھەجىلىدى تۇرپان دېگەننى.
ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ كۈلۈپ سالدىم،
بىلىپ - بىلمەي يۈرىكىمنى تۇتۇپ سالدىم.
توۋا...
يېنىمدىلا ئۆرە تۇرغان بوۋايغا
ئۇنتۇپتىمەن
بوشۇتۇشنى ئورۇندۇقۇمنى.
يەرگە يەنە چۈشتۈم پەرىشان،
ھېچكىم بىلمىدى خىياللىرىمنى.
3
سېنىڭ ئاناڭ نېمىش قىلىدۇ
نان ياقىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
ئاش ئىتىدۇ.
ئاش ئېتىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
كىر يۇيىدۇ.
مېنىڭچۇ؟ شېئىر يازىدۇ.
يالغۇز ئوغلۇم بىر توپ بالىغا،
بېرەر ئەنە شۇنداق چۇرۇقلاپ.
ئانا!
رەسىم سىزسام تام قاناپ كەتتى،
دەپ قالىدۇ گاھى بۇقۇلداپ.
ئىشىنىپ قېلىپ ئۇنىڭ گېپىگە.
دەپ سالىمەن مەنمۇ تۇيۇقسىز:
«سۇمۇ يىغلايدۇ تاش ئاتما بالام».
سەن مەن بولغاندا، مەن سەن بولغاندا،
ئۇ يەنە مۇشۇنداق باشلار ھېكايە:
ئايغا چىقىمىز،
يۇلتۇز بەك جىقكىن
ئۆيىمىزگە ئېلىپ چۈشىمىز
ئۇلار سېنى ئىمىپ چوڭ بولسا،
قاتار قىلىپ ھويلىمىزدا
مومام بىلەن بىللە باقىمىز...
ئۇنى سۆيۈپ باغرىمغا بېسىپ،
كۆز يېشىمنى يۇتىمەن مەغرۇر.
كېچە يەنە ئاۋازىڭدەكلا
ئېپ كېلىدۇ خەتەر ھەم ھۇزۇر.
4
يېنىمدىكى دوستۇمنى يېنىك نوقۇدۇم،
14 - قۇردىكى خەتنى تەكرار ئوقۇدۇم:
تۈتەكلەردەك يۈرىدۇ لەيلەپ،
تارام - تارام كوچىلارئارا.
يۈرىكىگە ئوىشايدۇ ئۇنىڭ،
كۆل بويىد چىقىلغان كوزا.
قىزىق تاشقا دەسسەپ يالاڭياق،
كۆز تىكىدۇ دېسىڭىز تەرەپكە.
جىرىلدىماس يالغۇز چېكەتكە.
تۈۋرۈكلەرگە پۈتكەن يېزىقتەك،
سىرلىق پېتى ياشايدۇ ئۇلار.
ئىسسىق ياشتەك چايقىلار جىمجىت،
ئايىقىغا تۆكۈلگەن نۇرلار
سۇ ئايلىنار ھورغا خىرامان،
تىرەكلەرمۇ كۆيىدۇ دەھشەت.
سوزۇلماقتا مۇڭلۇق كۈي بولۇپ،
ئايالدەكلا ئۇلۇغ مەدەنىيەت.
قورام تاشنى كېسەلمىسىمۇ،
كېسەلمەيدۇ تاش بولۇپ ئۆزى.
يىشىنمەكتە ئايال پاتىشا
قانغا تولدى كېچىنىڭ كۆزى.
يۇتۇپ كەتتى ئۇلارنى توپان،
لېكىن يىللار قەي قىلدى ئۇنى.
چىرىتمىگەن بىر تال مېۋىدەك
كۆكلىمەكتە ئۇلارنىڭ خۇنى.
ئاق ئاي سۇندى يۈتمىدى لېكىن،
بۇ جاھاندىن مۇقەددەس گۇناھ.
13 ياشقا كىرگەن قىس سېنى،
ئۆز قولىدا كۆمدى بىر ئاتا...
ھاياجاندىن جۇدۇلداپ تۇرۇپ
كىتابنى ياپتىم،
ياق! ياق... ئېزىپتىمەن
كېنى كۈتكەن ئازابنى تاپتىم.
ئەزان چىقتى...
سېنىڭ قولۇڭدا
دېرىزەمنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.
قۇلىقىمدا،
ئوغلۇمنىڭ تۈنۈگۈنكى ئاۋازى:
«ئاپتاپ چىقما،
ئاپتاپ چىقما!
بەش بالاڭنى ئاغاچ چىقما.
بەش تال گۈللام ئاغاچ چىق...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-21 18:58

دىل ئازار ، خۇدا بىزار

توردا
884سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
1137 
تېما
114 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سېنىڭ ئاناڭ نېمىش قىلىدۇ
نان ياقىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
ئاش ئىتىدۇ.
ئاش ئېتىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
كىر يۇيىدۇ.
مېنىڭچۇ؟ شېئىر يازىدۇ.
ماۋۇ يەرلىرى كىچىك ۋاختىمنى ئەسلىتىپ قويدى ، نىمە دىگەن تاتلىق تىللا ئۇ ، ھەي غەمسىز ئۆتكەن شۇ بالىلىق كەلمەسكە كەتتى

توردا
160سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
541 
تېما
48 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپلىپتۇ تاتلىق ............ سىزمۇ ئاپىڭىزنى بەك سىغىنىپسىزدە

توردا
104سائەت 
نادىر تېما
دوست
26 
يازما
405 
تېما
43 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى شېئىركەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

توردا
407سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
719 
تېما
32 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەر بىر يازمىدا
ئۆزگىچە مەنا،
چاقنايدۇ قەلەم ،قەلبىم ئويغىنىپ.
ئۇيلانسام دۇنيا
بىر خىل بىھىشلىق قاپلىغان .
كۈزلەر نۇرسىز
كۈلكىسىز چىراي.
تەبەسسمۇ ئۆچكەن،بىلىش تەس ئەمەس.
ئىزىلگەن يۈرەك.....................................



توردا
87سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
794 
تېما
139 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، ھارمىغايسىز

توردا
39سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
129 
تېما
16 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، ھارمىغايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-24 21:03

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.