ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ‹‹شاھ سامان›› ھەققىدە ھىكايە( فىلىيەتون)

      

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 2
go

‹‹شاھ سامان›› ھەققىدە ھىكايە( فىلىيەتون)

توردا
87سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
794 
تېما
139 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىركىتىمىز كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە بورداقچىلىق بىلەن شۇغىللىنىپ، تىز باي بولۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن، ھازىرقى زامان پەن -تىخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، يىڭى ئۇسۇلدا كەشىپ قىلغان <<شاھ سامان>> ماركىلىق خىسلەتلىك ئارلاشما ساماننى بازارغا سالدى.
بۇ ساماننىڭ خام ئەشياسى _ قىلتىرىقلىق ئارپا غولى بىلەن دېنى كىپەكلىك بۇغداي غولىنى ئاساس قىلىپ ، ئۇنىڭغا پۆپەكلىك قومۇش، چىچەكلىك يانتاق، توزغاقلىق لوقاق قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان <<يىشىل>> ئوت- چۆپلەرنى مۇۋاپىق نىسپەتتە ئارلاشتۇرۇپ ، تومۇز ئاپتىپىدا قۇرۇتۇپ، سالقىن شامالدا سوۋۇتۇپ، توكوجىدا ئۇۋۇتۇپ، تاش تولۇقتا يۇمشىتىپ تۈجۈبۈلەپ تەييارلانغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈلۈشكۈن ئىچىلغان <<تەييار يەم-خەشەكلەرنى باھالاش كومتىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى>> دا << ئالىي دەرىجىلىك چارۋا ماللار يىمەكلىكى>> دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
بۇ ساماننىڭ خاسىيىتى شۇ يەردىكى ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بۇغداي غولىنىڭ بوغۇمچاقلىرىدا ساقلىنىپ قالغان يىپىشقاق كىراخمال پەيدا قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر چارۋىلارنىڭ قىنىنى سۈيۈلدۈرۈپ، يىلىكىنى قويۇلدۇرۇپ، گۆش بىلەن ياغنىڭ ھاسىل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تىز سەمەرتىدۇ، قومۇش غولىدىكى تىز ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن چارۋىلارنىڭ تىنىدىكى كالىتسىينى تولۇقلاپ، سۆڭەكلىرىنى چىڭىتىپ، ۋە ئۇزارتىپ، بويىنى ئىگىزلىتىپ، ئىشەكنى ئاتتەك، قوينى كالىدەك، كالىنى تۆگىدەك، تۆگىنى پىلدەك، قىلىپ يوغانتىۋىتىدۇ. ئارپا غولى بولسا ، ئۆز ھۇجۇدىدا ئەزەلدىنلا بار بولغان يەل پۈيدەك ۋاستىسى ئارقىلىق چارۋا -ماللارنىڭ ئۈچەي يولىلىرىدىكى تىزەك-ماياق، پارازىت قۇرۇت، قاتارلىق تۈرلۈك توسالغۇ، ۋە چىقىرىندىلارنى پاك-پاكىز تازلاپ چىقىرىپ، چارۋىلاردىكى خامۇشلۇق، دەلدۈشلشك، بىئاراملىقنى تىزدىن تۈگۈتۈپ، ئۇلارغا راھەت بىغىشلاپ، شاشلاشتۇرىۋىتىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يانتاق غولى، ۋە يانتاق چىچىكىدە مول بولغان قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى ۋىتامىنلىق ماددىلار بولۇپ، بۇ چارۋا ماللارنى كۈچلۈك ۋە تىمەن قىلىۋىتىدۇ، بولۇپمۇ، يۈك توشۇشقا ئىشلىتىدىغان چوڭ ھايۋانلار بۇنى يىسە ئەسلىدىكىدىن ئون ھەسسە ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە كۈچتۈڭگۈرلىشىپ، ئىشەك ئاتنىڭ يۈكىنى، ئات تۆگىنىڭ يۈكىنى ، تۆگە پىلنىڭ يۈكىنى ، پىل پويىزنىڭ يۈكىنى كۆتۈرەلەيدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لوقاق بولسا، ئۆزىنىڭ سوغۇق تەبىئىيىتى ۋە قىرتاق تەمى بىلەن ھايۋانلارنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، تەپكەك ئىشەك، چەپچىگەك ئات، ئۈسكەك كالا ۋە ھۇركىگەك قوي -ئۆچكىلەرنى ياۋاشلىتىپ جىمغۇرلاشتۇرىۋىتىدۇ.
ئومومەن، بۇ ساماننىڭ خىسلىتى كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا بولۇپ، ئېغىرلىقتا جىڭ باسمايدۇ، يۆتكەشكە قولايلىق، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، ھەلەپ ئىتىش ھاجەتسىز، ئوقۇرغا تۆكۈپ قويسىڭىزلا ئىش تامام-ۋەسسالام! ماللىرىڭىز ئۆزى خالاپ تىپىپ يىيەلەيدۇ، بۇ ساماننى ئىشلەتسىڭىز، ھەلەپ ئىتىشكە كىتىدىغان كىپەك بىلەن قوناق يارمىسىنى تىجەپلا قالماي، بەلكى ھەلەپ ئىتىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتىلىسىز.
بۇ ساماننى ئىشلىتىپ ئۈچ كۈندىلا ئۆچكىڭىزنىڭ قۇيرىقى دىڭگىيىپ ، قويىڭىزنىڭ دۈمبىسى لىغىرلاپ، ئىشىكىڭىزنىڭ ساغرىسى توملىشىىپ، ئۆكۈزىڭىزنىڭ بىقىنى تومپىيىپ، تۆگىڭىزنىڭ لوكىسى تىكلىشىدۇ، بۇ ساماننى يىگەن ئىشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازى ئۈچ كۈنلۈك يەرگە ئاڭلىنىدۇ، بۇ ساماننى يىگەن قوچقاردا ساغلىقىڭىزنى نەسىللەندۈرسىڭىز ، يۈزدە -يۈز قوشگىزەك تۆللەيدۇ، بۇنداق ماللىرىڭىزنى بازارغا سالسىڭىز، ئەسلىدىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى باھادا ساتالايسىز.<<باي بولۇش>> ئارزۇيىڭىز تىزدىن ئىشقا ئاشىدۇ.
قېنى! << ئۇلاغلىرىم تىمەن بولسۇن >> << چارۋىلىرىم تىز سەمرىسۇن>> << ئۆزۈم تىزدىن باي بولاي >> دېسىڭىز<< شاھ سامان>> ماركىلىق خىسلەتلىك ئارلاشما ساماننى سىتىۋىلىڭ ! ئېلان چەكسىز، سامان چەكلىك! سېتىۋىلىشق ائالدىراڭ!!
سامان سىتىۋالماقچى بولسىڭىز، ياۋ سەن با، ئەر لىيۇ با، ئېلانغا بەك ئىشەنمەڭ ، گوللايدىغان ئادەم با، دېگەن نومۇرغا تېلېفون قىلىڭ.
ئاخىرىدا بىر زائىرنىڭ سامىنىمىز ھەققىدە يازغان مۇنۇ شېئىرىنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمىز.
بۇ خىسلەتلىك <<شاھ سامان>> يۇمشاق سوقۇلغان،
ئىلانىدا خىسلىتىگە مەدىھە ئوقۇلغان.
ئارپا، بۇغداي ئىڭىزنى خام ئەشيا قىلىپ،
خۇرىچىغا يانتاق، قومۇش، لوقاق قوشۇلغان.
بۇ ساماننى چارۋا ماللار ياقتۇرۇپ يەيدۇ،
يەپ تويمايدۇ،يەپ بولۇپلا <<يەنە بەر>> دەيدۇ.
ئۆكسىمىسە ئوقۇرىدا ئۇشبۇ <<شاھ سامان>>،
ئات-ئىشەكلەر باغلاقسىزمۇ نېرى كەتمەيدۇ.
ئاپتورى ؛ رىھىم نىياز

توردا
28سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
130 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نمە دىگەن قالتىس سامان بۇ! قارىغاندا بىزنىڭ دىھقانلار ئۇزۇنغا بارماي باي بوپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ!
شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟،،،،،،،،،،

توردا
407سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
719 
تېما
32 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىلانغا ئىشەنمەڭ؟ ئىشلەتكەنلەردىن سوراپ بىقىڭ؟ دەپقۇيدۇ تىخى. ھەرخىل كىرەكسىز نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزمۇ بىر نەرسە بوپ بولدۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-24 21:03

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.