يىغلىما دەپ تەسەللىي بەرسە،
ئىچ - ئىچىدىن يىغلايدۇ كىشى.
كۆزنى چۆلگە ئايلاندۇرىدۇ،
زورلاپ كەلگەن شاشلىق تەشۋىشى.
ياشىغىم يوق قاقاقلاپ يۈرۈپ،
بۇلۇڭدىكى يالغۇز مېھمانمەن.
كاتتا تويدا يىغلايمەن ئۈنسىز،
ماڭا باغاق خاتا بېرىلگەن.
نوغۇچ تۇتۇپ ھازا ئاچمايمەن،
ھەم چۈشمەيمەن ئۇسسۇل - دىسكوغا.
مېنى بىردەم تەنھا قويۇڭلار،
خاتىرجەملىك بۈيۈك بىر سوۋغا.
2003 - يىل 10 - ئاي
ئۈرۈمچى
زەھەر
سۆيۈشۈڭ شېكەرمۇ ۋە ياكى زەھەر،
ئۆزۈڭگە نامەلۇم مەنمۇ بىلمەيمەن.
بارغۇ بار دارىسىمان لىۋىڭ ئالدىغان،
ھاياتمۇ قالمايمەن لېكىن ئۆلمەيمەن.
ئازاب دەس تۇرغۇزدى ئورنۇمدىن مېنى،
پىلىسرات كۆۋرۈكىگە قىلدىم تەۋەككۈل.
ئېتىلدىم باغرىڭغا ئۈشۈك ھەرىدەك،
چېچىكىڭ زەھىرىمنى قىلمىدى قوبۇل.
كاج تەلەي ئادەملەر ۋەكىلى بولۇپ،
بوراندەك باردىم - دە قايتتىم شۈكلەپ.
تۇتۇرۇق بولۇپتۇ دوزاق ئوتىغا،
«زەھەرنى زەھەرلا ئالار» دېگەن گەپ.
2003 - يىل 10 - ئاي
ئۈرۈمچى
باراۋەت
باراۋەتكە قاتناشقان ئەركەك،
باراۋەرلىكنىڭ قەدرىنى بىلەر.
تەڭشەلمىگەن كېلەڭسىز تارلار،
سازەندىلەرنىڭ دەردىنى بىلەر.
بىر پارچە ئەت بىر پارچە ئوتتەك،
ئېغىزىڭنى كۆيدۈرۈپ تاشلار.
تەۋەككۈلچە ئارتۇقچە تىنىش،
ئاللا ياققا كۆتۈرۈپ تاشلار.

شۈكرە دەيسەن يىقىلغىنىڭغا،
دەس تۇرىدۇ ئاتۇشلۇق يۈرەك.
جۈپ بۆرەكنى ئالىمەن جەزمەن،
يىگىت بېشى سالغاندە توۋرەك.
سائەت نۆلدە

سائەت نۆلدە تېخى مەن ئويغاق،
ئۇيقۇسىغا كەتكەن كائىنات.
ئىسترېلكا بىگىزگە ئوخشاش،
تېنىمگە تىغ ئۇرار سۈكۇنات.

سائەت نۆلدە ئەزىزىم شېئىر،
يوقلاپ تۇرماس ئۆزۈمدەك مېنى.
قىز قوينىدا شەرمەندە بولۇپ،
مەن تالادا مۇزلاپ تۇرغۇنى.
سائەت نۆلدە مۆكچەيگەن ئازاب،
ئەخلىتىنى تۆكەر قەلبىمگە.
ماڭا ھېچكىم يىغلاپ بەرمىگەن،
ئەمدى يىغلاپ بېرەي مەن كىمگە.

2003 - يىل 10 - ئاي
ئۈرۈمچى
ئەركىلەش

شەھەر ئەركىلەيدۇ،
سەھراغا قاراپ.
غەمسىز بالىلىقى يادىغا يېتىپ،
شىر بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغاندەك.
ئۆزى ئەركىلىتىپ.
2003 - يىل 11 - ئاي
ئۈرۈمچى