ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئەرلەر ۋە ئاياللار توغرىسىدا سىنارىيە(119)
كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 5
go

ئەرلەر ۋە ئاياللار توغرىسىدا سىنارىيە(119)

توردا
1104سائەت 
نادىر تېما
دوست
155 
يازما
1899 
تېما
416 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 01:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەرلەر ۋە ئاياللار توغرىسىدا سىنارىيە:



1-سىنارىيە: بىر ئەركىشىنىڭ تۇرمۇشى قانداق تۈگېشىدۇ،ۋەچۈشكۈنلىشىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەر بىلەن ئايال :
ئايال: چېچىمنى كەستۈرەيمۇ؟

ئەر: بولىدۇ.
ئايال: بىراق قىيمايۋاتىمەن.
ئەر: ئەمسە كەستۈرمە.
ئايال: چېچىمنى ئۆزگەرتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
ئەر: ئەمىسە كەستۈر.
ئايال: بولدى ماڭا ئەقىل كۆرسەتمە، دۆتلەرگە ئەقىل كۆرسەتكەندەك.
ئەر: مېنىڭ قايسىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى بىلگىڭ بولسا، مەن ئۇزۇن چېچىڭنى ياخشى كۆرىمەن.
بۇنى سەن بىلىسەن.
ئايال: مەن بىلەن تونۇشقاندا، قىسقا ئىدى.
ئەر: ۋە ساڭا نېمە دېگىنىم ئېنىق ئېسىمدە: "چېچىڭ ئۇزۇن بولسا نېمىدىگەن چىرايلىق بولاتتى."
ئايال: بىراق ھەممىسى كەسكىن دىيىشىۋاتىدۇ.
ئەر: ئۇنداقتا ساتىراچخانىغا بارغىن ۋە مەن ئۇخلاي بولدى. سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
ئايال: ئەمىسە قانداق كەستۈرەي؟ قات-قاتمۇ ياكى ئالدىدىن چۈشۈرۈپمۇ؟
ئەر: قات-قات.
ئايال: ماڭا ياراشماسمىكىن، مېنىڭ چېچىم بەك تۈز.
ئەر: ئەمىسە پېشانەڭدىن چۈشۈرگىن.
ئايال: بەك ئاۋارىچىلىق.
ئەر: كىيىن يەنە كەستۈرەرسىن
ئايال: ئۇنداقتا ھەرگىز ئۇزاتالمايمەن.
ئەر: ئۇزاتقىڭ بولسا كەستۈرمىگىن، جېنىم.
ئايال: مېنى جېنىم دېمە.
ئەر:سەن...؟!؟!؟!؟!؟!؟!

2. سىنارىيە: ئايال بىلەن ئايال
ئا: ۋاي ئاداش، چېچىڭنى كەستۈرۈپسە ھە! بەك چىرايلىق بوپتۇ!!
ب: راست دەۋاتامسە؟ تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. بەك قىسقا بولۇپ قالمىغاندۇ دەيمەن.
ئا: نىمە دەيدىغانسەن؟ مېنىڭ يۈزۈم بۇنچىلىك چوڭ بولمىغان بولسا، مەنمۇ سېنىڭكىدەك كەستۈرەتتىم. مېنىڭ بۇ چېچىم كلاسسىكلىشىپ قالدى، يېڭى پاسونغا ئالماشتۇرۇشتىن قورقىمەن.
ب: نىمە دەيدىغانسەن سەن، يۈزۈڭ ھېچقانداق ئەمەسقۇ. قارا، شۇ يەرلەردىن قات چىقارساڭ، بەك پەيزى بولىدۇ! مېنىڭ بويۇم ئېگىز بولمىغان بولسا، دەل سېنىڭكىدەك پوسوندا قىلدۇراتتىم.
ئا: ۋاي دوستۇم، قىززىق گەپ قىلىسەن. كاشكى بويۇم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا، شۇ چۆكۈك مۈرەمنىڭ خەقنىڭ دېققىتىنى تارتىشىدىن توسۇپ قالاتتىم دە.
ب: نىمىلەرنى دەۋاتىسەن سەن؟ مۈرىسىنىڭ سېنىڭكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن قىزلار بار...نېمە كەيسەڭ، ساڭا شۇنداق يارىشىدۇ... مېنىڭ شۇ قىسقا بېلىكىمگە قارىغىنە. مۈرەم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، كۆينەكلىرىم خۇددى خەقنىڭكىدەك تۇرامتى؟.....

3-سىنارىيە: ئەر بىلەن ئەر
ئا: چېچىڭنى قىسقارتىپسەن ھە؟
ب: ھەئە.
ئا: خېلى يارىشىپتۇ جۇما.
ب: رەھمەت.

مانا مۇشۇنچىلىك

مەنبە: ئۇلېنىش تورى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-25 01:57

توردا
110سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
791 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 18:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مىنىڭچىمۇ بەك توغرا يىزىلىپتۇ . ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ خاراكتىرىگە تولۇق ۋەكىللىك قىغۇدەك .

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 00:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش nurlan0018 نىڭ يازمىسى

ناھايىتى توغىرا ئېيىتڭىز !

توردا
138سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
955 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 15:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانداق ياخشى ئوخشىتىش بۇ ، مەكتەپتىن چىكەتكەندىن بۇيان بۇنداق دەل كەلگەن ئوخشىتىشنى كۆرمىگەنتىم، رەھمەت ھە ئاداش بەك پەيزى چىقىپتۇ ! قىز-ئاياللىرىمىزنى ياخشى باشقۇرساقلا بولدى، ئۇلارنىڭ چېچىنى كەستۈرىشىگە يول قۇيغاننىڭ ئۆزىلا ئەخمەقلىق !

توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1345 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 15:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىزلار ھەممە ئېشنى چىداپ - چىدىماي قىلامدۇ نىمە ؟ شۇ سەۋەب تىزلا پۇشايمان قىلىپ ...

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 17:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
paelun يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 15:28
نىمانداق ياخشى ئوخشىتىش بۇ ، مەكتەپتىن چىكەتكەندىن بۇ ...

توغرا دەيسىز كۆپ ئىشلارنى يۈزەكىلا بىجىردۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 19:48

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.